-1-قىسىم
مەن تالاغا قاراپ قالغان ئەر، توغىرىسىنى ئېيتقاندا ئۈجمە كۆڭۈل ئەر.
بىلىمەن، ئاياللارنىڭ ئەڭ ياقتۇرمايدىغىنى مۇشۇنداق ئۈجمە كۆڭۈل ئەرلەر، ئاياللارنى ئەڭ ئازابلايدىغىنى بولسا ئەرلەرنىڭ تالاغا قاراپ قېلىشى. ئەمىليەتتە، ئاياللار بولمىسا ئەرلەرنىڭ ھاياتى مەنىسىز بىلىنىدىغان بۇ ھاياتتا مېنىڭمۇ تالاغا قارايدىغان ئەر بولۇپ ئايالىمنى ئازابلىغۇم يوق، ئۈجمە كۆڭۈللۈك قىلىپ ئاياللارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتكۈممۇ يوق ، لېكىن، قانداق قىلاتتىم، بىر -بىرىدىن چىرايلىق ئاياللار ئەتىراپىمدا پەرۋانە بولۇپ يۈرسە ، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچەي دېسەم تېخى چىدىمىسام، بۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتەي دېسەم كۆڭلۈم ئۇنىمىسا، بىرىنىڭ ئوتى يامان، بىرىنىڭ خۇلىقى يامان...
شۇنداق قىلىپ مەن ئوتتۇز يەتتە ياشقا كىرگەندە ، توي قىلغاننىڭ سەككىزىنچى يىلىغا كېلىپ ، بالام مەكتەپ فورمىسى كېيگىدەك بولۇپ قالغاندا بىلىپ -بىلمەيلا تالاغا قاراپ قالدىم .مېنىڭغۇ ئۇنداق قىلغۇم يوق ئىدى ، ئۆزى چىرايلىق ، سۆزى چىرايلىق ، پاكىز ، ئىشچان ئايالىمغا مەڭگۈ سادىق بولۇپ ئۆتكۈم بار ئىدى ، لېكىن ، ئون يىل بۇرۇنقى تۇنجى سۆيگۈنىڭ ئوتى قەلبىمنى «پىژژىدە » قىلىپ كۆيدۈرۈشى بىلەن «تالاغا قارىماسلىق » پىرىنسىپىمغا دەز كېتىپ قالدى .
شۇ كۈنى كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ ، ئايالىمنىڭ بويرۇتمىلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىدارەمگە يېقىن يەردىكى تاللا بازىرىغا كەلدىم ، بۇ تاللا بازىرىنىڭ كۆلىمى چوڭ ، ماللىرى تولۇق ، مۇلازىمىتى ئەلا بولغاچقا خېىرىدارلار كۆپ ئىدى ،لىكىن ، ئالىدىغاننى ئېلىپ بولۇش ئاسان بولغان بىلەن ، پۇل تاپشۇرىدىغان يەردە ئۆچرەت ساقلاش تەس ئىدى ، ئىشتىن ھېرىپ -ئېچىپ ئاران ئىشتىن چۈشكەندە ئۇزۇندىن -ئۇزۇندىن ئۆچىرەت تۇرۇش ماڭا تەس كېلەتتى ، بىراق ، باشقا تاللا بازىرىغا بېرىشقا ئايالىم ئۇنىمايتتى ، ئۇنىڭ دېيىشىچە مۇشۇ يەرنىڭ ماللىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى ، باھاسى مۇۋاپىق ، يەنە بىر نېمىسى بىر نېمە مىش . يەنە تېخى ئۇنىڭ بويرۇتمىلىرى باشقا يەردە يوقمىش . ئۇنىڭ گېپىگە ھە دەپ قويۇپ بىر نەچچە قېتىم باشقا تاللا بازىرىغا بېرىپ ، ئۇ دېگەن نەرسىلەرنى تولۇقى بىلەن ئاپىرىپ بەرگەن ، لېكىن ، ئۇ بىر قاراپلا بىلىپ قېلىپ ، ماڭا بىر مۇنچە كايىپ ، سۈپەتسىز بويۇملارنىڭ زىيىنى ھەققىدە دەرس سۆزلەپ ، چۈشەندۈرۈپ ، مېنىڭ ۋە بالامنىڭ سالامەتلىكىنى شىپى كەلتۈرۈپ ...قۇلاق -مىڭەمنى يەپلا كەتكەن ئىدى . شۇ كوتۇلداشلار ، كايىشلار ، ۋايساشلار ئېسىمدىن كەتمىگەچكە، ئۆزەممۇ بۇ تاللا بازىرىنىڭ مۇلازىمىتىگە ، ماللارنىڭ سۈپىتىگە قايىل بولۇپ قالغاچقا ئۆچرەت تۇرۇشقا رازى بولۇپ ، مۇشۇ تاللا بازىرىغا كېلىشكە مەجبۇر بولغان ۋە كۆنۈپمۇ قالغان ئىدىم .
شۇنداق قىلىپ ، ئايالىم ئۈندىدار ئارقىلىق يوللاپ بەرگەن تىزىملىكتىكى بويرۇتمىلارنى ئېلىپ بولۇپ ، پۇل تاپشۇرۇش ئورنىدىكى ئۆچرەتكە كېلىپ تىزىلدىم . ئۇندا ساقلاپ ، بۇندا ساقلاپ ، ئىككى پۇتۇمنىڭ جېنى قېچىپ ، تاقەتسىزلىكىم چېكىگە يېتىپ ، تېلېفۇنغا قاراپ تالغان كۆزلىرىم ئالدىمدىكى ئادەملەرنى بىر نەچچە قېتىم ساناپ بولغاندا نۆۋەت مېنىڭ ئالدىمدا تۇرغان ئۇزۇن چاچلىق ئايالغا كەلدى . ئۇ قولىدىكى سېۋەتتىكى ئۈستى -ئۈستىگە تىزىلىپ كەتكەن بىر تالاي نەرسىلەرنى پۇكەيگە قويغاندىن كېيىن ، بىلىكىگە ئۆتكۈزىۋالغان سومكىسىنى ئۇزۇندىن -ئۇزۇن ئاقتۇرۇپ بىر تال كارتىنى چىقىرىپ پۇل ئالىدىغان قىزغا سۇندى . قىز ئۇنىڭ قولىدىكى كارتىنى ئېلىپ ، ئاپىراتقا بىر قانچە قېتىم سۈركىگەندىن كېن ، بېشىنى چايقاپ ، ئالدىمدىكى ئايالغان قايتۇرۇپ بەردى . ئايال كارتىنى ئۆرۈپ -چۆرۈپ قارىۋەتكەندىن كېيىن ، يەنە سومكىسىنى ئۇزۇندىن -ئۇزۇن ئاقتۇرۇپ ، بىر نەچچە ۋاراق ئەللىك يۇەنلىك پۇلنى سۇندى ، لېكىن ، ئۇنىڭ قولىدىكى پۇل يەتمىدى بولغاي ، پەلتوسىنىڭ يانچۇقىنى ، ئىشتان يانچۇقىنى بىر قانچە قېتىم سىلاشتۇرۇپ ، ئاندىن يەنە سومكىسىنى بىر ھازا مالتىلاپ يان تېلىفۇننى چىقىرىپ قىزىل بولاق ئېتىپ ، ئاران ھېساباتنى ئۈزدى. بۇ چاغدا مېنىڭ تاقىتىم -تاق بولۇپ ، ئىچىمدە ئالدىمدىكى مۇنۇ چېچىلاڭغۇ ، ھاڭۋاقتى ئايالنى مىڭنى تىللاپ بولغان ئىدىم . دېمىسىمۇ شۇغۇ ، نەۋاقتىن بېرى ئۆچرەت تۇرۇۋاتقاندىكىن ، ئۆچرەتتە بىزنى پادا باققىلى سالمىغانكىن ، پۇلىنى ياكى كارتىسنى تەق قىلىپ تۇرسا بولمىدىمۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئايال كىشى تۇرۇپ ، كارتىسىنى ، پۇلىنى ، تېلىفۇننى نەگە قويغىننى بىلمىسە ، ئىۋو سومكىسىمۇ چاشقان تېشىۋەتكەن كونا ئامبار بولمىغاندىكىن ، نەرسىلىرىنى رەتلىكرەك قويسا ، قولىنى بىر سېلىپلا ئالسا بولمامدۇ ! ئەگەر مېنىڭ خوتۇنۇم بولىدىغان بولسا ئاشۇ ئۇزۇن چاچلىرىنى قولۇمغا يۆگەپ تۇرۇپ ، قاس -قاسلا قىلىپ ...
__ ئەپەندىم ، نۆۋەت سىزگە كەلدى .
پۇل يىغقۇچى قىزنىڭ ئاۋازىدىن خىياللىرىمنى يىغىشتۇرۇپ تىزلىكتە سىۋەتتىكى نەرسىلەرنى پۇكەيگە قويۇپ، باياتىن بېرى قولۇمدا تۇتۇپ تۇرۇۋېرىپ نەملىشىپ قالاي دېگەن كارتىنى قىزغا ئۇزاتتىم . چېچىنى قىسقا ياسىتىپ ، ئاق كوپتىسىنىڭ ئۈستىگە گۈللۈك گالىستوك چىگىۋالغان بۇ قىز ھەقىقى بىر خىزمەتچى خادىملىق سالاپىتى بىلەن كارتىنى سۈركەپ ، تالۇننى چىقىرىپ ماڭا ئۇزاتتى ، ئاندىن سەل -پەل كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ « يەنە كېلىشىڭىزنى قارىشى ئالىمىز» دېگىنىچە ئۇزۇتۇپ قويدى . تاللا بازارلىرىنىڭ پۇل تاپشۇرۇش ئورنىدا تالاي قېتىم ئۆچرەت تۇرۇپ ، تالاي قېتىم پۇل تاپشۇرۇش جەريانىدا ئۇنىڭدەك ئۆز كەسپىنى سۆيىدىغان قىزنى ئۇچرىتىپ باقمىغان ئىدىم . مەنمۇ بىر شېركەتنىڭ دېرىكتورى بولغاچقا ، بۇ جەرياندا كۆپ قېتىم شېركەتكە ئادەم قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئېلىش جەريانىدا ، كىشىلەرنى كۈزۈتۈشكە ماھىر بولۇپ قالغان ئىدىم ، شۇ كەسىپ ئادىتىم بىلەن ، قىسقا ۋاقىت ئېچىدىلا ئۇ قىزنىڭ گەپ -سۆزىگە ، چىراي -ئىپادىسىگە ، ئىش بىجىرىشىگە ، ئىش -ھەركىتىگە ، كېينىشىگە ، سالاپىتىگە تولۇق نومۇر قويۇپ بولدۇم . ئىشىكتىن چىقىپ ماشىنام تەرەپكە كېتىۋېتىپ، بايىقى ئۇزۇن چاچلىق ، قىزىل پەلتولۇق ئايالنىڭ تاللا بازىرى ئالدىغا توختىتىپ قويۇلغان بىر ماشىننىڭ قېشىدا تۇرۇپ، پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن سومكىسىنى مالتىلاۋاتقانلىقىغا كۆزۈم چۈشتى، ئۇنىڭ تاللا بازىرىدىن كۆتۈرۈپ چىققان ئىككى خالتا نەرسسى يەرگە قويۇپ قويۇلغان ئىدى ، ئۇنىڭ جىددى ھالدا ھېلى سومكىسىنى ، ھېلى يانچۇقلىرىنى ئاقتۇرۇشلىرىغا قاراپ ، ئۇنىڭ ماشىنسىنىڭ ئاچقۇچىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى جەزىم قىلدىم، لېكىن ، بۇ ھاڭۋاقتلىق كېسلى بار ئايالنىڭ ماشىنا ھەيدىيەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگۈم كەلمىدى، ئۇنىڭدەك ھېلى ئۇنى يۈتتۈرۈپ ، ھېلى بۇنى ئىزدەپ ، قويغان تۇتقىننى بىلمەيدىغان ئادەمنىڭ بىر ماشىننى ساق ھەيدىيەلىشى بىر گەپ ئىدى . بۇنداق ئايالنىڭ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاشنى ئۇنتۇپ قىلىشى ، ياكى بولمىسا ماشىننىڭ موھىم كېنىشىكىلىرىدىن بىرنى يۈتتۈرۈپ قويۇشى، ۋە ياكى ماي قاچىلاش ئېسىدىن چىقىپ قېلىپ ، يېرىم يولدا توختاپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى. ئۇ يانچۇق، سومكىلىرىنى ئاقتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ، يەردە قويۇقلۇق ئىككى خالتىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ خېلى ئۇزاق مالتىلىدى ۋە يۈگۈرگەن پېتى تاللا بازىرىغا كىرىپ كەتتى . ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ كەينىگە بۇرۇلغاندا ، ئۇنىڭ باياتىن بېرى يۈزىنىڭ يېرىمىنى توسۇپ تۇرغان ئۇزۇن چاچلىرى لەپپىدە كەينىگە تاشلىنىپ ، سوغاقتىن قىزارغان يۈزى مانا مەن دەپ نامايەن بولدى ۋە يۈرىكىمم « قارت » قىلىپ قالدى . ئۇ مېنىڭ ئايرىلغىلى ئون ئىككى يىل بولغان ، ئايرىلغاندىن بېرى زادىلا كۆرۈپ باقمىغان ، مېنى ھىجران ئازابىدا قىيناپ ، يۈرىكىمنى لەختە -لەختە قىلىۋەتكەن ، ھازىرمۇ بەزى -بەزىدە چۈشلىرىمدە، خىياللىرىمىنىڭ بىر بۇرجەكلىرىدە ئايان بولۇپ قالىدىغان تۇنجى سۆيگۈنۈم ئىدى، گەرچە بىز كۆرۈشمىگىلى ئون يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ ، ئۇ بۇ شەھەرلىك بولمىسىمۇ ،يۈرىكىمگە تۇنجى مۇھەببەتنىڭ ئۆچمەس مۆھۈرىنى بېسىپ قويغان ئۇنىڭ بىز ئايرىلىپ ئون ئىككى يىلدىن كېيىن تۇيۇقسىزلا كۆز ئالدىمدا پەيدا بولۇپ قېلىشى ناھايتى ئاز ئۇچرايدىغان ئىش بولسىمۇ ، ئۇنى بىر كۆرۈپلا تونۇۋالدىم . بايا تاللا بازىرىدا ئالدىمدا ئۆچرەت تۇرۇپ پۇل تۆلىگەن ۋاقتىدا ، تولا سومكا ئاقتۇرۇپ پەسكە قارىۋالغانلىقتىنمۇ ياكى مەن ئۇنىڭ توختىماي بىر نەرسە ئىزدەۋاتقان قولىدىن باشقا يەرگە قارىمغاچقىمۇ ، ئۇنى تونۇمىغان ئىكەنمەن .
مىنوت ئچىدە خىيال ئېكرانىمدا تولۇق نامايەن بولغان ئۇنى ئويلىغاچ ، ماشىنامنى ئوت ئالدۇرۇپ ، ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ قويۇپ ماشىنىدىن چۈشۈپ تۇرۇشۇمغا ئۇ ئالدىراپ چىقىپ كەلدى ۋە ماڭا قارىمايلا بايىقى ماشىننىڭ قېشىغا بېرىپ ، ماشىننىڭ ئەتىراپىغا قاراشقا باشلىدى . ئەمدى ھېچ ئىككىلەنمەيلا ئۇنىڭ قېشىغا باردىم .
__ تېچلىقمۇ سەنەم ، ياردىمىم كېرەكمۇ ؟
__ ئەركىن ...،__ ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قاراپلا ئەسىلدىلا چوڭ كۆزلىرى تېخىمۇ يوغىناپ كەتتى ،__ بۇ سىزكەنسىزغۇ ئەركىن ، قەيەردىن پەيدا بولدىڭىز ؟
__ باياتىن بېرى مۇشۇ يەردە ئىدىم ،__ كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنۇڭغا قولۇمنى سۇندۇم ،__ كۆرۈشۈپ قويايلى سەنەم ، ئون نەچچە يىل بوپتۇ بىز كۆرۈشمىگىلى .
__ راست ، ئۇزۇن بوپتۇ ،__ سەنەم ۋىللىدە قىزىرىپ قولىنى ماڭا سۇندى . ئۇنىڭ قوللىرى مۇزلاپ كەتكەن ئىدى . بۇرۇنمۇ ئۇنىڭ قولى ئاسان مۇزلايتتى ، مەن ئۇنىڭ قوللىرىنى قوينۇمغا سېلىپ ياكى ئالقانلىرىم ئارىسىغا ئېلىپ ھورداپ ئىسستىپ قوياتتىم .
__ ئالقىنىڭدا بىر پارچە چوغ بارمىكىن ئەركىن ، قولۇڭ قاچانلا تۇتسا ئىسسىق تۇرىدۇ ،__ دەيتتى ئۇ تاتلىق كۈلۈپ .
__ يۈرۈكۈمدە سەن ئۈچۈن كۈيۈۋاتقان ئوت بار ، شۇڭا پۈتۈن بەدىنىم ئىسسىق تۇرىدۇ ،__ دەيتتىم مەن ئۇنىڭ چىرايلىق كۆزىگە تىكىلىپ .
ئەمدى ئۇ كۈنلەر ئۆتۈپ كەتكىلى ئون ئىككى يىل بولدى ، ئۇنىڭ قوللىرى يەنە شۇنداق مۇزلاپ كەتكەن بولسىمۇ ، مېنىڭ ئالقىنىم يەنە شۇنداق ئىسسىق بولسىمۇ ، لېكىن ، قوللىرىمنىڭ ئۇنىڭ قوللىرىنى ئىسستىپ قويۇشقا قۇرىبى يەتمەيتتى ، چۇنكى ،يۈرۈكۈمدىكى «سەنەم » دەپ كۆيىدىغان ئوت ئايالىمنىڭ مىھىرى بىلەن ئۆچكەن ، ئايالىم بىلەن ئۆتكەن سەككىز يىل جەرياندا قەلبىمدە باشقا بىر ئوت ، يەنى ئائىلە ، بالا ئۈچۈن كۆيدىغان ، مەسئوليەت ۋە مۇھەببەتتىن يۇغۇرۇلغان ئوت يالقۇنجىغان ئىدى .
__ بىرەر نەرسىڭىز يۈتۈپ كەتمىگەندۇ ، قارىسام باياتىن بېرى ...
__ ماشىننىڭ ئاچقۇچىنى تاپالمايۋاتىمەن قاراڭ ، بايا ماشىندىن چۈشكەندە سومكىغا سالغاندەك قىلغان ، چاۋشىغا كىرىپ چىققىچە ئارلىقتا يوق ،_
ئۇ توڭلىدىمىكىن ياكى ئاچقۇچىنى تاپالماي جىلى بولۇپ كەتكەچكىمىكىن ئاۋازى تىتىرەپ كەتتى .
__ يەنە ئىزدەپ باقايلى ،__ دېدىم ۋە ماشىننىڭ ئىچىدە قېلىپ قالغان بولمىسۇن دەپ ماشىنا ئىچىگە قارىدىم . ئۇزۇن يىللىق ماشىنا ھەيدەش ۋە بىر نەچچە قېتىم ئاچقۇچ ئىزدەش تەجىربەمگە ئاساسلانغاندا ، ماشىننىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈپ ، ئاچقۇچنى تارتمايلا چۈشۈپ كېتىپ ، ماشىنا ئاپتۇماتىك تاقىلىپ قېلىش مومكىنچىلىكىمۇ بار ئىدى .دېگەندەك ، بىر تال ئاپپاق توشقانچاق ئېسىلغان ئاچقۇچ قۇلۇپتا ساڭگىلاپ تۇراتتى .
__ ئاچقۇچنى تارتمايلا چۈشۈپ كېتىپسىز ،__ دېدىم يېنىمدا تىتىلداپ تۇرغان سەنەمگە بۇرۇلۇپ ،__ قاراڭ ، ماشىننىڭ ئىچىدە قاپتۇ .
__ ۋىيەي ماۋۇ ئۇنۇتقاقلىقىمنى، __ سەنەم پىشانىسىگە شاپىلاقلاپ ماشىننىڭ ئىشىكىنى تارتىپ ، ئەينەكلىرىنى سىلاشتۇرۇپ كەتتى ،__ باياتىن بېرى ماشىنىغا قاراپ بېقىش ئېسىمگە كەچمەي باشقا يەرنى ئىزدەپ يۈرۈپتىمەن دېسە .
__ ئۆيىڭىزدە زاپاس ئاچقۇچ بار بولغىيدى ؟
__ بار ، بار .
__ مەن ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي
__ ياقەي ، سىزنى ئاۋارە قىلماي تاكسى توسۇپ كېتەي .
__ بۇ سوغاقتا تاكسى توسۇش تەس ، چىقىڭە ، ساۋاقدىشىم ئۈچۈن ئاۋارە بولۇش مەن ئۈچۈن شەرەپ ،__ شۇنداق دېگىنىمچە ياردەمچى شوپۇر ئورىننىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ئۇنى چىقىشقا تەكلىپ قىلدىم .
__ سىزنى كەچ قويىدىغان بولدۇم ،__ ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ ماشىنىغا چىقتى . ئۇ چىقىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئىشىكنى يېپىۋېتىپ ، ئاندىن ئۆزەم ماشىنىغا چىقتىم ، ماشىنا ئىچى ئىسسىق ۋە راھەت ئىدى ، تېخى ئۆتكەن يىلىلا سېتىۋالغان بۇ ماشىنىنى بىر ھەپتە ھەيدەپلا خەجلىگەن پۇلۇمغا رازى بولغان ،ئايالىممۇ ماشىننىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ، رەڭگى ، ئارامبەخىشلىكىگە قاراپ قىممەت ماشىنا ئاپسىز دەپ كوتۇلداشلىرىمۇ بېسىققان ئىدى . بايا ماشىنىغا چىقىۋاتقاندىلا سەنەمنىڭ ماشىنامغا ھەۋەس بىلەن قارىغىننى كۆرگەن ۋە ئۇنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىيالىغىنىم ئۈچۈن كۆڭلۈمدە خۇشال بولغانىدىم . ئۆز ۋاقتىدا مېنى نامرات كۆرۈپ تاشلىۋېتىپ ، باشقا بىرى توي قىلىۋالغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى يىل مېنى يېتىپ ئاشقىچە قىيناپ ، زەپىراندەك سارغايتىپ ، ھاياتتىن ئۈمۈد ئۈزۈش گىردابىغا ئەكىلىپ قويغان بۇ قىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ماڭا ھەۋەسلىنىشى مەن ئۈچۈن مەغرۇرلانغىدەك ، پەخىرلەنگىدەك ئىش ئىدى .
__ ئۆيىڭىز قەيەردە ؟__ سورىدىم ماشىنىغا چىقىپلا جىمىپ كەتكەن سەنەمدىن .
__ سۈزۈك بۇلاق ئولتۇراق رايونى 8-بىنا
__ بۇ شەھەرگە قاچان كۆچۈپ كەلدىڭىز ؟
__ ئىككى ئاي بولۇپ قالدى .
__ ئىككى ئايدىن بېرى كۆرمەپتىمىنا سىزنى ، كەلدىم دەپ خەۋەر بېرىۋەتكەن بولسىڭىز ساۋاقداشلار يىغىلىپ كۈتۈۋالاتتۇق ئەمەسمۇ .
__ ئاۋارە قىلماي دېدىم .
ئۇنىڭ ئىلگىركى شوقلۇقىدىن ئەسەر قالمىغاندەك ، كەمسۆز ، ئېغىر بېسىق بولۇپ قالغاندەك ئىدى ، ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىشىمۇ يالغاندەك ، ماڭا زورلاپ گەپ قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ ، مەنمۇ جىمىپ قالدىم . ماشىنىنى 8-بىنانىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ توختاتقان بولساممۇ سەنەم ماشىنىدىن چۈشۈشنى ئۇنتۇپ قالغاندەك جىممىدە ئولتۇراتتى ،
__ مۇشۇ بىنا شۇمۇ ؟__ ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلۈۋەتمەي دەپ بىر دەم ئولتۇرۇپ باقساممۇ ، ئۇنىڭدىن سادا چىقمىغاندىن كېيىن سورىدىم .
ئۇ كۆزلىرىنى يۇمۇپ ئولتۇراتتى ، ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى پەلتۇنىڭ رەڭگى بىلەن رەڭ تالىشىپ قىزىرىپ كەتكەن مەڭزى ئۇزۇن كىرپىكلىرى، چىڭ يۇمۇلغان لەۋلىرى ، سەل -پەل تۈرۈلگەن قوشۇمىسى ئون ئىككى يىل بۇرۇنقى سەنەمنى ئەسلەتتى ، مەيلى ئۇخلاۋاتقان بولسۇن ياكى خىيال سۈرۈۋاتقان بولسۇن ، ئۇنىڭغا دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن تېلفۇنۇمنىڭ ئاۋازىنى ئېتىپ ، بېشىمنى ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە تاشلاپ تۇرۇشۇمغا ، ئايالىمدىن تېلفۇن كەلدى .
__ ۋەي ، سىز نەدە ، تېخىچە قايتىپ كەلمەيسىزغۇ ؟
__ سەل تۇرۇپ بارىمەن ، شېركەتتە موھىم ئىش چىقىپ قالدى .
__ بايا ئىشتىن چۈشۈپ ، چاۋشىغا كىردىم دەۋاتمامتىڭىز ؟
__ بارغاندا دەپ بېرەي .
پەس ئاۋازدا سۆزلەشكەن بولساممۇ ، سەنەم كۆزىنى ئاچتى ، ئۇنىڭ چوڭ كۆزلىرى خۇمارلىشىپ ، تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتكەنىدى ، ئۇنىڭ ئۇيقۇدىن يېڭى ئويغانغان ۋاقتىنى ، ئۇيقۇسىنى ئاچالماي ، قولىنىڭ دۆمبىسى بىلەن ئاغزىنى توسۇپ ئەسنىگەن ھالىتىگە ئىچىم كۆيەتتى ، كىچىك بالىدەك ئۇيقۇسىنى ئاچالماي قالغانلىرىدا ، ئۇنى قىچىقلاپ تۇرۇپ ، سۆيۈپ تۇرۇپ ، ياخشى ناشتىلىق ئېلىپ بېرىشكە ۋەدە قىلىپ تۇرۇپ ئاران ئۇيقۇسىدىن ئويغۇتاتتىم ۋە ئۇنى ھەر كۈنى سەھەردە مۇشۇنداق ئويغىتىشنى ، ئۇنىڭ ھەر كۈنى قۇچىقىمدا ئۇيقۇدىن ئويغۇنۇشىنى ئارزولايتتىم ۋە ئىككى -ئۈچ ھەپتىدە بىرەر قېتىم كېلىپ قالىدىغان بۇنداق پۇرسەتنى ناھايتى قەدىرلەپ ، ئۇنى خۇشال قىلىشقا ، بىر مىنوت بولسىمۇ ئارتۇقراق كۆرۈۋىلىشقا ئۇرۇناتتىم . ئەپسۇس ... ھەر كۈنى بىر ئۆيدىن ئۇيقۇدىن ئويغىنىش ئارزويۇم ئەمەلگە ئاشمايلا قالماستىن ، ئايدا بىرە -ئىككى قېتىم كېلىدىغان شېرىن ۋاقىتمۇ كەلمەسكە كېتىپ ، تۇيۇقسىزلا ، تەييارلىقسىزلا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالدىم ، توغىرىسىنى ئېيتقاندا ، ئالدىنقى كۈنى قوينۇمدا ئۇخلىغان سەنەم ئەتىسى ئەتىگەندىلا قېشىمدىن غايىپ بولدى ، يەنە كېلىپ ، ئىككى ئايدىن كېيىن باشقا بىرسى بىلەن تويى بولدى . شۇ ئايرىلغانچە مانا ئون ئىككى يىلدىن كېيىن يەنە شۇنداق تۇيۇقسىز ، تەييارلىقسىز بىر ھالەتتە ، ناھايتى تاسادىپى ھالدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم ،ئۇنىڭ ئۇيقۇدىن ئويغانغان خۇمارلىق كۆزلىرىنىمۇ كۆرۈشكە ئۈلگۈردۈم .
__ ئويغاندىڭىزما ؟__ دېدىم بەكمۇ يۇمشاق ئاۋازدا .
__ ۋىيەي ، ئۇخلاپ قاپتىمەنغۇ ، سىزنى ساقلىتىپ سەت ئىش بوپتۇ ،__ ئۇ ئالدىراپ تىنەپ ئۆزىنى تۈزەشتۈردى ،__ئويغۇتىۋەتسىڭىز بولمامدۇ .
__ ھېچقىسى يوق ، ئۇيقۇڭىزنى بۇزۇۋەتمەي دېدىم .
__ رەھمەت سىزگە ،سىزنى كۆپ ئاۋارە قىلدىم .
__ ھېچقىسى يوق .
ئۇ ماشىنىدىن چۈشۈپ ، ماڭا قولىنى پۇلاڭلاتتى :
__ ماشىننى ئاستاراق ھەيدەڭ .
ئۇ چوڭ ئىككى سۇلياۋ خالتىنى كۆتۈرۈپ بىنانىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ماشىننى ئارقىغا بۇرۇدۇم ، ئولتۇراق رايۇنىدىن چىقىشىمغا ماشىننىڭ ئىچىدە يان تېلىفۇن سايرىدى ، ئەمما سايراۋاتقىنى مېنىڭ تېلفۇنۇم ئەمەس ،ئاۋاز بايا سەنەم ئولتۇرغان ئورۇندۇقنىڭ ئاستىدىن كېلىۋاتاتتى . ماشىننى يولنىڭ چېتىگە تارتىپ توختىتىپ ، ئورۇندۇقنىڭ ئاستىنى خېلى ئىزدەپ يۈرۈپ تېلفۇننى تاپتىم ، قىزىل قاپچۇق قاپلانغان ، ئۇششاق ياقۇت كۆز بىلەن زىننەتلەنگەن بۇ تېلىفۇن ئېنىقلا ئايال كىشىنىڭ تېلفۇنى ئىدى ، ئەتىگەندىن بېرى ماشىنامغا سەنەمدىن باشقا بىرەر ئايال زاتى چىقىپ باقمىغانىدى ،تېلىفۇننىڭ بۇلۇڭ تەرىپىگە ئېسىلغان ، تىرناقچىلىق ئاق توشقانمۇ تېلفۇننىڭ سەنەمنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى . ئۇنىڭ بۈگۈنكى بىر نەرسە ئىزدەشلىرىدىن ، ئۇنتۇپ قېلىشلىرىدىن قارىغاندا ، تېلىفۇننى ماشىنامدا چۈشۈرۈپ قويۇشىمۇ ئادەتتىكى ئىش ئىدى .تېلفۇن ئۆزىمىزدىنمۇ بەك موھىم بولۇپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىراۋنىڭ تېلفۇننى بىر ئاخشام قايتۇرۇپ بەرمەسلىك ،ئۇنىڭ يېرىم ئۆمۈرىنى قىسقارتىۋەتكەنگە باراۋەر ئىدى . شۇڭا كەچ قالغىنىمغا قارىماي ، ماشىننى كەينىگە بۇراپ ، 8-بىنانىڭ ئالدىغا يەنە باردىم . كېلىشىنىغۇ كەلدىم ، لېكىن ، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ قانچىنچى قەۋەت ، قايسى ئۆي ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم ، بىرەرسىدىن سورىغان ھالەتتىمۇ، كۆچۈپ كەلگىلى ئەمدىلا ئىككى ئاي بولغان ئادەمنى خوشنىلارنىڭ تونۇپ كېتىشى ناتايىن ئىدى.
2-قىسىم
يا تېلفۇننى بېرەلمەي، يا كېتەلمەي، قورسىقىمنىڭ ئاچلىقى ئارام بەرمەي تېرىكىپ تۇرغىنىمدا سەنەمنىڭ تېلىفۇنى يەنە سايرىدى ،ئېكراندا كۆرۈنۈپ تۇرغىنى يەتتە خانلىق ساندىن تەركىپ تاپقان مۇقىم تېلفۇننىڭ نومىرى ئىدى . تېلفۇننى ئالدىم ، تېلفۇننىڭ ئۇلىنىش كونۇپكىسىنى بېسىپ بولغۇچە ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ نومۇرىمىدۇ ، ياكى ئېرى كەچلىك ئىسمىنىدا ئىشلەۋاتقان بولسا ئىشخانىسىدىن ئۇرغانمىدۇ يا سەنەم ئۆزىنىڭ ئىشخانىسنىڭمىدۇ دېگەن پەرەزلەر كاللامدا تىز سۈرئەتتە ئايلىنىشقا باشلىدى ، مەيلى قانداقلا بولسۇن ، كىملا بولسۇن ، تېلفۇننى ئالسام ئاندىن تېلفۇننى ئېگىسىگە قايتۇرۇپ بەرگىلى بولاتتى . شۇڭا ئۇلىنىش كونۇپكىسىنى باستىم . __ ۋەي ، ياخشىمۇ سىز . __ ۋەي ، ئەركىن ، تېلفۇنۇم ماشىنىڭىزدا چۈشۈپ قاپتىما ؟ ئوھ !...سەنەمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ يىنىك تىندىم .
__ ھەئە ، ماشىنىدا قاپتۇ .مەن ئۆيىڭىزنىڭ ئالدىدا . __ باياتىن بېرى ئىزدىمىگەن يېرىم قالمىدى قاراڭ ، مەن ھازىرلا چۈشەي . بەش مىنۇتلاردىن كېيىن گۈگۈم قاراڭغۇلۇقى ئىچىدە سەنەمنىڭ گەۋدىسى كۆرۈندى ، تۈگمىسى ئېتىلمىگەن قىزىل پەلتۇ ئىچىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان ئۆرە ياقىلىق قارا پوپايكىسى ، قونچى تىزىغا كېلىدىغان ئۆتۈكى ، يەلپۈنۈپ تۇرغان ئۇزۇن چاچلىرى ئۇنى قايسىبىر كىنۇدىكى ساھىبجامال ئايال قەھىرمانغا ئوخشىتىپ قويغان ئىدى . ئەگەر شۇ تۇرقىدا بىر قارا كۆزەينەك بولۇپ كەتكەن بولسا ...دېگەننى خىيال قىلىۋاتقاندا ،ئۇ ماشىننىڭ قېشىغا كەلدى . __ كەچۈرۈڭ ، ئاۋارە قىلدىم ،__ ئۇ قايتا قايتا كەچۈرۈم سوراپ ، مەن سۇنغان يانفۇننى قولىغا ئالدى ،__ بەك ئىزدەپ كەتكەنىدىم .رەھمەت سىزگە . __ ھېچقىسى يوق . __ يولدا دېققەت قىلىڭ ،__ ماشىننى قايدۇرۇپ ، بىنا ئالدىدىن ئۇزاپ كەتكىچە ، ئارقىنى كۆرستىش ئەينىكىدىن ئۇنىڭ سىماسى كۆرۈنۈپ تۇردى . ئايالىمغا ئۆينىڭ لازىمەتلىكلىرىنى تولۇقلاپ بەرسەم ، بويرۇتمىلىرىنى تولۇق ئەكىلىپ بەرسەملا ئارتوق گېپى يوق ئىدى .تېلفۇن بېرىپ قويماي تۇرۇپ كەچ قالسام ياكى تاماققا كېلەلمەي قالسام بىرلا قېتىم تېلفۇن ئۇرۇپ ، كەچ قېلىش سەۋەبىمنى ياكى تاماقنى نەدە يەيدىغانلىقىمنى بىلىۋالسىلا باشقا تېلفۇن قىلمايتتى ، بالدۇر كەل دەپ سۈيلىمەيتتى ، كەچ كەلدىڭ دەپ ۋايسىمايتتى . ئۆز خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىپ ،ئۆينىڭ ئىشىنى جايىدا قىلىپ ، ئۈچ ۋاق تاماقنى ۋاقتىدا ئېتىپ ، قىزىمغا ياخشى قاراپ ،ئاياللىق ، ئانىلىق بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان ، پاكىز ئىشچان ، تىرىشچان ، مۇلايىم ئاياللارنىڭ تىپىك ۋەكىلى ئىدى . توي قىلغاندىن بۇيانقى سەككىز يىلىمىز ئېقىن سۇدەك راۋان ، تېنىچ ئۆتۈپ كېلىۋاتقان ، يا ئىقتىسادتىن ، يا خىزمەتتىن ۋە ياكى ئائىلىدىن قىلىدىغان غېمىمىز يوق ئىدى . ئۇ ئاز تاپساقمۇ ، خاتىرجەم ياشاشنى ئۈمۈد قىلاتتى ، لېكىن ، مەن ئۇنىڭ ئەكسىچە تەۋەككۈلچى ئىدىم ، پۇل تېپىشنى ، ئېگىلىك تىكلەشنى ، ئابرۇي قازىنىشنى ، تەڭ -تۇشلىرىمدىن ئېشىپ كېتىشنى ، ئېسىل ئۆي ، ئېسىل ماشىنىدا ئولتۇرۇپ ، ئېسىل تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئارزۇلايتتىم ، شۇ ئارزۇنىڭ تۆرتكىسىدە ، ئېگىلىك تىكلەش يولىغا مېڭىپ ، رايۇنىمىز بويىچە ئوتتۇراھال سەۋىيەدىكى ، تىجارىتى ياخشى ، ئەللىك -ئاتمىشچە ئىشچى -خىزمەتچىلەرنى خېلى يامان ئەمەس بېقىپ كېلىۋاتقان ، ئۆزەم ئارزۇ قىلغان ئېسىل تۇرمۇشقا ئېگە بولۇپ ، ئېسىل داچىدا ئولتۇرۇلايدىغان، نەچچە يۈز مىڭ يۇەنلىك ماشىننى ھەيدىيەلەيدىغان سەۋيەگە يەتكەن ئىدىم . ئىشىكتىن كىرىشىمگە ئايالىم ئاشخانىدىن چىقىپ قولۇمدىكى نەرسىلەرنى ئالدى ۋە چاپىنىمنى كىيىم ئاسقۇچقا ئاستى . __ كەچ قالدىڭىزغۇ ؟__ دېدى ئۇ قېپ -قىزىل تاۋلىنىپ تۇرغان چاينى ئالدىمغا قويۇۋېتىپ . __ چاۋشىدا بىر نەرسە ئېلىۋاتسام خېرىدار شېركەتتىن تېلفۇن كېپ قالدى ، شۇنىڭ بىلەن ئىشخانىغا قايتىپ بىر دەم ھايال بوپ قالدىم . __ ھەممە ئىشلار ياخشىدۇ بولمىسا ؟ __ ھەئە ياخشى . ئەنسىرمەڭ ، يېڭى بىر توختامنىڭ ئىشى . __ ھە ،__ ئايالىم ئاشخانىغا كىرىپ كېتىپ ھايالشىمايلا بىر تەخسە لەغمەننى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئالدىمغا قويۇپ قېشىمغا كېلىپ ئولتۇردى . __ سىز يىمەمسىز ؟ __ بىلىسىزغۇ ، كەچلىك تاماق يىمەيدىغىنىمنى . __ زىلالەچۇ ؟ __ ئۇ ئۆگىنىشىنى قىلىپ بولۇپ ، بايىلا ئۇخلاشقا ياتتى ، ئەتە ئىمتىھان ئالىدۇ ئەمەسمۇ ، كۈندىكىدىن يېرىم سائەت بۇرۇن بارىدىكەن . ئايالىم مۇشۇنداق ئايال ، ئۆزى سەمىرىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن كەچلىك تاماق يىمەيدۇ ، لېكىن ، ئۈچ ۋاقلىق تاماقنى تولۇق ئېتىدۇ ، كەچتە ئەتىگەنلىك تاماقنىڭ ، ئەتىگەندە چۈشلۈك تاماقنىڭ ، چۈشتە كەچنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ ، قىزىم بىلەن مەن ئىشىكتىن كىرگىچە تاماق ئۈستەلگە چىقىپ بولىدۇ . سەھەردە قانداق چاغدا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكىننى ، قايسى ۋاقىتتا ئۆيلەرنى تازلاپ يىغىشتۇرۇپ بولىدىغىننى ، كىيىملىرىمنىڭ قاچان يۇيۇلۇپ ، دەزماللىنىپ قالغىننى بىلمەيمەن ، ئۆي ئىچى شۇنچىلىك پاكىز ، رەتلىك . ئۆي ئىچىلا ئەمەس ، ئۆزىمۇ شۇنچە چىرايلىق . سەنەمدىن تۇيۇقسىز ئايرىلىپ قېلىپ ، باغىرىم ئوت -كاۋاپ بولۇپ ، ئازابتىن يېرىلىپ كېتەي دېگەندە ، ئۆزەمنى تاشلىۋېتىپ ، ئۆلۈك بىلەن تىرىكنىڭ ئارىىسدا يۈرگەندە ، ئاپامنىڭ زورى بىلەن ئۇچرىششقا چىقىپ ، ئۇچرىششقا چىققان قىزنى خاتا تونۇپ قېلىش جەريانىدا تونۇشقان بۇ قىز مېنىڭ يۈرەك جاراھىتىمنى ساقايتقۇچىلا ئەمەس ، ئۆمۈرلۈك ھەمراھىم ، سىردىشىم ، دىلكىشىم بولۇپ قالغان ئىدى . __ نېمىگە قاراپ كەتتىڭىز ، يۈزۈمدە بىر نەرسە بارمىكەن ؟__ قانداقلارچە ئايالىمغا تىكىلىپ قالدىمكىن ، يۈزىگە چاپلاق چاپلاشقا تەييارلىنىۋاتقان ئايالىمنىڭ ئاۋازىدىن ئېسىمگە كەلدىم . __ كۈندىن -كۈنگە چىرايلىقلىشىپ كېتىۋاتىسىز ، شۇڭا ... __ ۋىيەي ، كۈندە كۆرۈپ تۇرۇپمۇ قىلىۋاتقان گېپىنى ، قېرىغاندا بۇنداق گەپ قىلسىڭىز ياراشمايدىكەن . __ نېمىسى ياراشمايدۇ ، بىز تېخى قېرىمىدۇق . __ سەتلىكىنى ،__ ئۇ پىسسىڭىدە كۈلۈپ قويۇپ ھوجىرىغا كىرىپ كەتتى . ئۇنىڭ قىزىل رەڭلىك ئۇخلاش كىيىمىدىن تارقىغان قىزىل نۇر كۆز ئالدىمدا كېڭىيىپ ، سەنەمنىڭ قىزىل پەلتوسىنى ئەسلەتتى ۋە بارغانچە رەڭلىنىپ ، نۇرلىنىپ ئون ئىككى يىل بۇرۇنقى ئۆتمۈشۈمگە ئېلىپ كەتتى . *** سەنەم بىلەن ئالى مەكتەپتىكى ساۋاقداشلار ئىدوق . ئېگىز ، زىلۋا قامىتى ، سۇمبۇل چېچى ، شەھلا كۆزلىرى بىلەن سىنىپتىكىلا ئەمەس مەكتەپتىكى قىزلاردىنمۇ ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇراتتى . ئۇنىڭ ئۇزۇن كىرپىكلىرى سايە تاشلاپ تۇرغان قەۋھەرەڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ قاراشقا پېتىنالمىغىنىم بىلەن ، يەلپۈنۈپ تۇرغان ئۇزۇن چاچلىرىغا ، مودىللاردەك قىياپىتىگە يوشۇرۇن كۆيەتتىم ،بىر قارىشى بىلەن جاننى ئېلىپ جاڭگالدا قويىدىغان كۆزلىرىنى ، قاڭشارلىق بۇرىننى ، قاچانلا قارىسا قىزىرىپ تۇرىدىغان لەۋلىرىنى خىيال قىلاتتىم ، سېغىناتتىم ، ھامىنى بىر كۈنى ئاشۇ كۆزلەرنىڭ ماڭا مۇھەببەت بىلەن باقىدىغانلىقىغا ، ئاشۇ لەۋلەردىن شەربەت ئىچىدىغانلىقىمغا ، ئاشۇ پارقىراق چاچلارنى سىلىيالايدىغانلىقىمغا ، ئاشۇ بەدەننى قۇچاقلىيالايدىغىنىمغا، باغىرىمغا باسالايدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم . ئۇنى كىملەرنىڭ قوغلىشىۋاتقانلىقىنى ، ئۇ كىملەرگە قىزغىن بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى نەزىرىمدىن ساقىت قىلماي ، ئۇنىڭ خالىس قوغدىغۇچىسى ، ياردەمچسى ، مۇلازىمەتچىسى بولۇپ ، رەت قىلىشلارغا پەرۋا قىلماي ، مەيدانىمدا چىڭ تۇرۇپ ، يېتىپ ئاشقىچە سەۋىر -تاقەتلىك بولۇپ ئاخىر ئۇنى تەسىرلەندۈرگەن ۋە مۇھەببىتىگە ئېرىشكەن ئىدىم . ئۇنىڭدىن ماقۇل جاۋابىنى ئالغان ئاشۇ ئاخشام ئۆزەمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئەر دەپ ھېس قىلغان ۋە ھاياجاندىن كېچىچە ئۇخلىيالمىغان ،شۇ خوشاللىقىمدا ئەتىسى مېنىڭ ياتىقىمدىكى ۋە سەنەمنىڭ ياتىقىدىكىلەرنى مىھمان قىلغان ئىدىم . شۇنداق قىلىپ ، ئۈچ يىلدىن بېرى قوغلاشقانلارغا پەرۋا قىلماي ، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ كەلگەن بۇ ئىسمى -جىسمىغا لايىق سەنەم ماڭا تەۋە بولغان ، شۇ سەۋەپلىك بىر قانچە قېتىم يوشۇرۇن تاياقلارغا دوچ كېلىپ ، ھېلى بېشىم ، ھېلى پۇت -قوللىرىم دوختۇرنىڭ داكىسى بىلەن «زىننەتلىنىپ »، مەكتەپتە خېلى «داڭدار»لار قاتارىغا كىرىپمۇ قالغانىدىم . لېكىن ، ھەر قېتىم دوختۇرخانىغا بېرىپ كەلگەندە سەنەم ماڭا ھەمراھ بولۇپ ، ھالىمدىن خەۋەر ئېلىپ ، كىيىملىرىمنى يۇيۇپ ، تامىقىمنى توشۇپ بەرگەچكە ، يىگەن تاياقلىرىمغا رازى بولۇپ ، ئاغىرىق ئازابىنىمۇ ئۇنتۇپ قالاتتىم ، ئۇنىڭ مىھىرى بىلەن باقىدىغان قەھۋەرەڭ كۆزلىرى مېنىڭ ناركوز دورام ئىدى ، ئۇنىڭ ئاتەشتەك لەۋلىرى ھەر قانداق بىر ئاغىرىق توختىتىش دورىسىدىن كۈچلۈك ئىدى . ئۇ يېنىمدا بولسىلا ئاغىرىقنى سەزمەيتتىم ، ئۇنىڭ يېنىدا بولۇشۇم ئۈچۈن مۇددەتتىن بۇرۇن ساقىيىپ كېتەتتىم . بىر يىل ئەنە شۇنداق قىيىن ۋە شېرىن كۈنلەرنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ ئوقۇش پۈتكۈزدۇق . ئوقۇش پۈتكۈزدۇق دېگەنلىك ،سەنەم ئىككىمىز ئايرىلدوق دېگەنلىك ئىدى . مىڭ تەسلىكتە ئېرىشكەن بۇ مۇھەببەتتىن ۋاز كېچەلمەيتتىم ، سەنەمنى شۇنداقلا خوش دەپ ئۇزىتىپ قويالمايتتىم ، ئۇنىڭدىن ئايرىلماسلىقنىڭ بىردىنبىر يولى ھەر ئىككىمىز ئۆرۈمچىدە قېلىش ئىدى . شۇڭا ئاتا -ئانامنىڭ يۇرتقا قايتىشىمنى قاتتىق تەلەپ قىلغىنىغا قارىماي ، ناھىيە بازىرى ئىچىدىكى ئىدارىگە بۆلۈنگەن خىزمەت تەقسىماتىمدىن ۋاز كېچىپ ، ئۆرۈمچىدىن ئىش ئىزدەشكە باشلىدىم . ئۆزەم ئارزۇ قىلغاندەك خىزمەتنى تاپالماي ، كىچىك خىزمەتنى ياراتماي ئىككى ئاي ئۆتكەندە ئۆيدىكىلەردىن كېلىدىغان تۇرمۇش خىراجىتىمۇ ئاخىرلىشىپ ، تالادا قېلىش ۋە ئاچ قېلىش خەۋىپىگە دۆچ كېلىپ قالدىم . ساۋاقدىشىنىڭ ئۆيىدە يېتىپ قوپۇپ خىزمەت ئىزدەۋاتقان سەنەم ھەر ھالدا ساۋاقدىشىنىڭ ياردىمى بىلەن بىر كىچىكرەك شېركەتتىن ئىش تاپقان بولسىمۇ ، تېخى سىناق باسقۇچىدا بولغاچقا مائاشى تۆۋەن ئىدى . ئۇنى دېمىگەندىمۇ ئۇنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى غورۇرۇم كۆتۈرمەيتتى . كۈندە پۇتۇم قاپىرىپ كەتكىچە ئىش ئىزدەپ، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش توغىرسىدىكى ئېلان ئۇقتۇرۇشلارنى كۆرۈپ ، ئىمتىھانلارغا قاتنىشىپ يۈرگەن بىلەن ،تېخى بىرەر ئورۇن مېنى رەسمى قۇبۇل قىلمىغان بولغاچقا كىرىمم يوق ، چىقىمىم كۆپ ئىدى . بۇنداق كېتىۋەرسەم سەنەمنى قىيناپ قوياتتىم ، ئۇنىڭ مېنى دەپ ئۆرۈمچىدە قالغىنى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىپ قېلىشىدىن ، مېنى تاشلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتىم . ئاخىر ئۆزەم نىشان قىلغان خىزمەتنى تاپقىچە ساقلاپ تۇرماي مائاشى تۆۋەن بولسىمۇ ، بىر كومپىيۇتىر مۇلازىمەت شېركىتىدىن ئىش تاپتىم ۋە شېركەت تەمىنلىگەن بىر ئېغىزلىق ياتاققىمۇ ئېگە بولدۇم . ئەمدى بىر تەرەپتىن خىزمىتىمنى قىلغاچ ، يەنە داۋاملىق ئۆزەمگە ماس كېلىدىغان خىزمەت ئىزدىسەم بولاتتى . ھەر ھالدا مۇقىم تۇرالغۇم ۋە كىرىمىم بار بولغاچقا سەنەمنىمۇ ، ئاتا -ئانامنىمۇ خاتىرجەم قىلالايتتىم . ياتاققا كۆچۈپ كىرگەن تۇنجى كۈنى سەنەم ئىشتىن چۈشۈپ كېلىپ ياتاقنى تازلاپ ، دەرىزىلەرنى سۈرتۈپ ، پەردىلەرنى ئېسىپ ياتاق ئىچىنى چىرايلىق ئۆيگىلا ئوخشتىپ قويدى . ئىككىمىز ئىشىمىزنى تۈگەتكەندە ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشكەن ، تالادا سىمىلداپ يامغۇر يېغىۋاتاتتى ، يامغۇردا سىرتقا چىققۇمىز كەلمەي سىرتتىن تاماق بويرۇتتۇق ، سەنەم يېزىق ئۈستىلىگە ياپقۇچ يېپىپ ، تاماقنى تىزدى ، مەن سوغۇق ئىچىملىكنى ئىستاكانلارغۇ قۇيدۇم ، ئاندىن ئالدىنئالا تەييارلاپ قويغان شامدانغا شام يېقىپ توكنى ئۆچۈردۈم . سەنەمنىڭ سەل قىزىرىپ قالغان يۈزى شام يورۇقىدا تېخىمۇ چىرايلىق كۆرۈنەتتى ، تال -تال كىرپىكلىك شەھلا كۆزلىرى ، چىرايلىق بۇرنى ، گۈل بەرگىدەك لەۋلىرى ...ھەممە ھەممە يېرى شۇنچىلىك چىرايلىق ئىدى ، ئاشۇ گۈزەلنىڭ مېنىڭ لايىقىم ئىكەنلىكىگە ، مېنى دەپ ئاتا -ئانىسىنى ئالداپ مەن بىلەن تەڭ جاپا تارتىۋاتقانلىقىغا ، مۇشۇ گۈزەل رومانتىك ئاخشامدا مېنىڭ ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرۇپ تاماق يەۋاتقىنىغا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى . ماڭا لەپپىدە بېقىپ يەرگە قارىۋالغان خۇمارلىق كۆزلەرگە قاراپ تويمايتتىم ، چوكا تۇتقان چىرايلىق بارماقلىرىنى ئالقانلىرىم ئارىسىغا ئالغۇم ، پات -پاتلا ئالدىغا چۈشۈۋىلىپ نۇرانە يۈزىنى توسۇۋېىلىۋاتقان چاچلىرىنى پۇرىغۇم كېلەتتى ، كۈندە دېگۈدەك كۆرۈشۈپ تۇرۇۋاتقان بولساقمۇ ، مەن ئارزۇلىغان ئاشۇ ئىشلار كۈندە ئەمەلگە ئېشىۋاتقان بولسىمۇ ، چاچلىرىنى سىلاش ، كۆزلىرىگە تويماي قاراشلا ئەمەس ، غۇنچىدەك لەۋلىرىگە قانغۇچە سۆيۈش پۇرسىتىنى ئۇ ماڭا ئاللىقاچان بەرگەن بولسىمۇ ، يەنە ئۇنىڭغا تويمايتتىم ، قانمايتتىم ، يەنە بىر نەرسە كەمدەك ھېس قىلاتتىم ، ئۇنىڭ بىر كۈنلەردى ئالقىنىمدىن ئۇچۇپ چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتىم . ئۇنى ھەر كۈنىلا ئەمەس ھەر سائەت ، ھەر مىنوتتا كۆرۈپ تۇرۇشنى ، باغىرىمدا تۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلاتتىم . __ سەنەم __ ھە __ سىزنى سۆيىمەن __ مەنمۇ سىزنى سۆيىمەن . __ مەن سىزنى پۈتۈن ھاياتىم بىلەن سۆيىمەن ، سىزدىن ئايرىلالمايمەن ،__ شام يورۇقىدا ئۇنىڭ چىرايىدىن كۈلكە جىلۋىلەنگىننى ، كىرپىلىرىنىڭ لەپپىدە كۆتۈرلۈپ قەھۋەرەڭ قارچۇقلارنىڭ ماڭا باققىننى ، مەڭزىگە ۋىللىدە قىزىللىق تەپكىننى ، لەۋلىرىنىڭ سەل تىتىرگىننى ، گېپىمنىڭ ئۇنىڭغا تەسىر قىلغىننى كۆرۈپ تۇردۇم ، ئۇنىڭمۇ مېنى سۆيىدىغانلىقىنى بىلەتتىم ، مەندىن ئايرىلىشقا كۆز قىيمايدىغانلىقىنىمۇ ، مەن بىلەن تەڭ جاپا تارتىشىنى خالايدىغانلىقىنىمۇ ، ئاتا-ئانىسىنى مەن ئۈچۈن يەنە داۋاملىق ئالداشقا رازى ئىكەنلىكىنىمۇ ، مېنىڭ ئازغنە مائاشىم بىلەن تۇتۇلىدىغان كەلگۈسى تۇرمۇشىمىزنى ھازىرقى باياشات تۇرمۇشىغا ئالماشتۇرۇشنى جان دىلى بىلەن خالايدىغانلىقىنىمۇ بىلەتتىم . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزەمنى بەختلىك ھېس قىلاتتىم . ئىچىملىك قۇيۇلغان ئېگىز پۇتلۇق ئىستاكاننى قولۇمغا ئېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم . __ بەختىمىز ئۈچۈن كۆتۈرەيلى ،__ دېدىم ئۇنى قولىدىن تۇتۇپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ . __ بەختىمىز ئۈچۈن ،__ دېدى ئۇ يېقىملىق كۈلۈپ . __ سىزنىڭ مەڭگۇ ماڭىلا تەۋە بولۇشىڭىز ئۈچۈن ،__ دېدىم ئۇنىڭغا يەۋەتكىدەك قاراپ . __ سىزنىڭمۇ مەڭگۈ مېنىلا ياخشى كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن ،__ دېدى ئۇ ۋىللىدە قىزىرىپ . __ قوللىرىمىزنى ئالماشتۇرۇپ ئىچەيلى . ئەينەك ئىستاكاندىكى ئىچىملىك قىزىل رەڭدە تاۋلىنىپ تۇراتتى ، ئۇنىڭ نازۇك بەدىنى بەدەنلىرىمگە تېگىشىپ تۇراتتى ، ئاغزىم بايىلا ئۇ ئىچىپ قويغان ئىچىملىكنى سۈمۈرۋاتقىنى بىلەن ، كۆزۈم ئۇنىڭ كۆزىنى ئايلىنىپ كېتەلمەيتتى ، شامداندىكى يېرىمى كۆيۈپ بولغان شام پات -پاتلا ئۇچقۇن چاچىرتىپ تۇراتتى ، شۇ تاپتا ئاشۇ شامدەك ئېرىپ كېتىۋاتقان بەدەنلىرىم كونتۇرۇللۇقىنى يوقاتقان ئىدى . __ بۇنداق قىلماڭ جېنىم ئەركىن ...،__ سەنەم ئاستىمدا تىپىرلايتتى . __ جېنىم ، ماقۇل دەڭ ، ھامىنى توي قىلىمىزغۇ ...،__ مەن ھاياجاندىن ھاسىرايتتىم . __ تويدىن كېيىن بولسۇن جېنىم ... __ ئۇنداق دېمەڭ ...مۇشۇ بىر قېتىم ...سىز مېنىڭ ...مەڭگۇ مېنىڭ ... __ ئەركىن ، ئۆتۈنەي ... سەنەمنىڭ ئۆتۈنۈشلىرى بىكارغا كەتتى ، ئاخىر ئۇنىڭ مېنى ئىتتىرۋاتقان ، مورلاۋاتقان قوللىرى بوشاپ ، بوينۇمغا گىرە سالدى . شۇ تاپتا پۈتۈن دۇنيا مېنىڭ ئىدى ، جاھاندىكى بارلىق بەخت مېنىڭ ئىدى . ئارمانىمغا يەتكەن ئىدى ، قەلبىمدىكى گۈزەل مەھبۇبەم بارلىقىنى ماڭا بەرگەن ئىدى.
3-قىسىم
شۇ تاپتا پۈتۈن دۇنيا مېنىڭ ئىدى ، جاھاندىكى بارلىق بەخت مېنىڭ ئىدى . ئارمانىمغا يەتكەن ئىدى ، قەلبىمدىكى گۈزەل مەھبۇبەم بارلىقىنى ماڭا بەرگەن ئىدى .شۇ كۈندىن باشلاپ پۇل تېپىش قىزغىنلىقىم ، سەنەمنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېگە قىلىش ئىرادەم تېخىمۇ كۈچەيدى . جىقراق پۇل تاپسام ، ئۇنىڭ بىلەن تىزرەك توي قىلسام ، ئۆز ئالدىمىزغا ئۆيۈم بولسا ، ماشىنا سېتىۋالسام ، سەنەمنى يېنىمغا چىقىرىپ ، باللىرىمنى كەينىگە چىقىرىپ بىر ئائىلە كىشىلىرى ساياھەت قىلساق ...ئارزۇلىرىم كۆپ ئىدى . مۇھەببىتىمىزنى دەپ رەنجىتىپ قويغان ئىككى ئۆيدىكى چوڭلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈمۈدۈم تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدى ، سەنىمىمنىڭ كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىنىڭ خىرە ھالدا ياشىشنى خالىمايتتىم . لېكىن ...نېمىسىنى دەي ...ھەي ...يۈرۈكۈم كۆتىرەلمەيۋاتقان بۇ ئازابنى قانداق ئاغزىمدىن چىقىراي ... ئىككىمىز ۋىسال شەربىتى ئىچىپ ، بەختتىن مەستخۇش بولۇپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەنەم سەھەردە مېنىڭ قۇچىقىمدىن ئورنىدىن تۇرۇپ ، مېنى سۆيۈپ تۇرۇپ خوشلىشىپ كەتكەن پېتىلا يوقاپ كەتتى . ئالدىنقى ئايدا ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ ئېلىپ بەرگەن قول تېلىفۇنىمۇ ئېتىك ، خىزمەت ئورنىغا تېلىفۇن بېرىپ ھەپتە بۇرۇنلا ئىستىپا بەرگەنلىكىنى بىلدىم . تۈنۈگۈن كەچتە ئۇنى ئاشۇ شېركەتنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئېلىپ كەلگەن چاغدا ئۇ ئىستىپا بەرگەندەكمۇ قىلمايتتى . ئىزدەپ ئىزدەپ ئاخىر سەنەم ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان ھېلىقى ساۋاقدىشىمدىن ئۇنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كەتكىننى ، پات ئارىدا تويى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ھوشۇمدىن كەتكىلى تاسلا قالدىم . ئۇ ھېچقاچان ماڭا قايتىپ كېتىدىغىننى دەپ باقمىغانىدى ، خىزمەتتىن ئىستىپا بەرگىننىمۇ يوشۇرغانىدى . ئاتا -ئانىسىنىڭ كۈندە تېلفۇن ئۇرۇپ توي قىلىشقا قىستاۋاتقىنىدىن بولسا ئەسلا خەۋىرىم يوق ئىدى . ئۇنى ھەر ھەپتە ئاخىرى ئالغىلى باراتتىم ، بىللە بازار ئايلىناتتوق ،ئۇ ياقتۇرغان نەرسىلىرنى ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئېلىپ بېرەتتىم ، ئاندىن كوچا ئاپتۇبۇسغا ئولتۇرۇپ ياتاققا قايتىپ كېلىپ قولمۇ -قول تۇتۇشۇپ تاماق ئېتەتتۇق . ئۇ مەن لەغمەنگە ئامىراق بولغىنىم ئۈچۈن خېمىر يۇغۇرۇشنى ئۆگەنگەن ، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاچچىق لازىلىق توخۇ قورۇمىسى قورۇشنى ئۆگەنگەن ، ئۇ بىزنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىمىز ئۈچۈن تىجەشلىك بولۇشقا باشلىغان ، مەن ئۇنى باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن كۆپرەك پۇل تېپىشقا تىرىشقان ئىدىم .بىر -بىرىمىزنىڭ باغىرىدا يېتىپ كېيىنكى تۇرمۇشىمىز ھەققىدە شېرىن خىياللارنى سۈرگەن ، نۇرغۇن پىلانلارنى تۈزگەن ، قانداقلا ئىش بولسۇن مەڭگۇ ئايرىلماسلىق ھەققىدە ۋەدىلەرنى بېرىشكەن ، ھەتتا بىرىمىز ئۆلۈپ كەتسەك قېپ قالغان بىرىمىز مەڭگۇ توي قىلماي ئۆتىمىز دەپ ئەھدە قىلغان ئىدوق . لېكىن ...بىر كۈن ئىچىدە ھەممىسى يوق بولدى . تېخى ئاخشاملا قۇچىقىمدا بېلىقتەك پىلتىڭلىغان سۆيگىنىم ، ئۇخلاپ قېلىشقا كۆزۈم قىيماي ئۇنىڭغا قاراپ يېتىپ تاڭ ئاتقۇزۇشقا ئادەتلەندۇرۇپ قويغان تاتلىقىم ، قەلب دەرۋازامنى تۇنجى قېتىم چېكىپلا قەلبىمنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ ، پۈتۈن غايە نىشانلىرىمغا ، ئارزۇ -ئارمانلىرىمغا سىڭىپ كەتكەن ، ھاياتىمغا مەنا قوشقان مەھبۇبەم ، ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىمنى ، ئۇنىڭسىز ياشىيالمايدىغانلىقىمنى بەش قولدەك ئېنىق بىلىدىغان ھاياتىم ...مېنى بىر كېچىدىلا تاشلاپ كەتكەن ئىدى . ھەتتا بىر ئېغىز تىنىپمۇ قويماي ، ئىككىلىك خەت قالدۇرۇپمۇۇ قويماي ، تېلفۇنۇمغا تىرىڭڭىدە ئۇچۇر يوللاپمۇ قويماي ، ھېچ بولمىسا ئۆزىنىڭ ئامالسىز قالغانلىقىنى ئاۋۇ ساۋاقدىشىمىزغا بولسىمۇ بىلدۈرۈپ قويماي كېتىپ قالغانىدى . ھەپتە بۇرۇن خىزمەتتىن ئىستىپا بەرگىنىدن ئۇنىڭ كېتىپ قېلىشىنىڭ تۇيۇقسىز ئەمەسلىكى چىقىپ تۇراتتى . ئۇنىڭدىن رەنجىگەن ، قاتتىق كۆڭلۈم ئاغىرىغان ئىدى . كۆڭلۈمنىڭ ئاغىرىقى ئىچىمگە ئۆتۈپ كەتتىمىكىن ، بەدەن -بەدەنلىرىم سېرقىراپ ئاغىرىپ ، ھېلى قىززىپ ھېلى سوۋۇپ ، قايناقسۇ ئىچكىدەكمۇ ھالىم يوق ئۈچ كۈن مىدىرلىماي ياتتىم ، نە تاڭنىڭ ئاتقىننى ، نە قوياشنىڭ پاتقىننى بىلمەيتتىم ، ھاياتلىقنىڭ مەن ئۈچۈن ھېچقانداق ئەھمىيتى قالمىغان ، مۇشۇ ياتقانچە ئۆلۈپ كېتىشكە تەييارلىق كۆرۈپ قويغان. بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان قاپاقلىرىم ، ئېچىلمايۋاتقان كۆزلىرىم ئۆزەمنىڭ ئۆلۈمگە يېقىنلىشىپ قالغانلىقىمغا ئىشەندۇرۇپ قويغان ئىدى .بىراق ... كۆزۈمنى قايتا ئاچقىنىمدا ئۆزۈمنى قەبىرستانلىقتا ئەمەس ،دوختۇرخانىدا كۆردۈم ، قېشىمدا ئولتۇرغىنى مەن كۆرۈشنى ئارۇزۇ قىلغان سەنەم ئەمەس ئاپام بىلەن دادام بولدى . ئاپامنىڭ مىشىلداپ يىغلاشلىرىغا قارىغاندا ئەھۋالىم ئۇنچە ياخشى ئەمەستەك قىلاتتى ، دادامنىڭ قاپاقلىرىنىڭ تۈرۈلۈپ كېتىشىدىن ، ھازىرلا مېنى ئۇرۇۋېتىدىغاندەك ئەلپازدا ھومىيىپ قاراشلىرىدىن يەنە تاياق كۆتۈرگىدەك ھالىم باردەكمۇ قىلاتتى . __ ئاخىرى ئويغاندىڭ بالام ،__ ئاپام ئىڭىشىپ پىشانەمگە سۆيدى ،__ جېنىم بالام ، بىر يېرىڭ ئاغىرۋاتامدۇ ، ئۇسسىدىڭمۇ ، قورسىقىڭ ئاچتىمۇ ؟ ھەممىگە بېشىمنى چايقىدىم ، شۇ تاپتا قورسىقىمنىڭ ئاچلىقىنىمۇ ، ئاغىرىقنىمۇ سەزمەيتتىم ، دادام بىلەن ئاپامنىڭ قاچانلاردا كەلگىننى ، مېنى دوختۇرخانىغا كىملەرنىڭ ئەكەلگىننىمۇ بىلمەيتتىم ۋە قىزىقمايتتىم ، پەقەت مېنى دوختۇرخانىغا ئەكەلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا سەنەم بارمۇ -يوق ، مېنىڭ ئاغىرىپ قالغانلىقىمنى بىلىپ قايتىپ كەلدىمۇ -يوق ، شۇنى بىلگۈم بار ئىدى ، ئۇنىڭ چوقۇم يېقىن ئەتىراپتا بار ئىكەنلىكىگە ، مېنى تاشلاپ كەتمەيدىغانلىقىغا ، كەتكەن ھالەتتىمۇ ، مېنىڭ ئەھۋالىمنى ئاڭلاپ چوقۇم قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم . ئۇ ئۆزى ماڭا شۇنداق ۋەدە بەرگەن ، بىز شۇنداق ئەھدى قىلىشقان ئىدوق . لېكىن ، كۈن كەچ بولۇپ كەتسىمۇ ، ئەتىسى تاڭ ئاتقاندىمۇ ، يەنە نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ قارىسىنى كۆرمىدىم ، تېلىفۇنى يەنىلا ئېتىك ئىدى . ئاخىر چىداپ تۇرالماي ئاپامدىن پىچىرلاپ تۇرۇپ سورىدىم : __ ئاپا ، سەنەم قېنى ؟ __ نېمە دەيدىغانسەن بالام ، ئۇ قىز ...، __ يەنە شۇنىڭ گېپىما ؟__ دادام ئاپامنىڭ گېپىنى بۆلۈپلا ۋارقىراپ كەتتى ،__ شۇ قىزنى دەپ بىزنى تاشلىۋەتتىڭ ماقۇل ، خىزمىتىڭدىن ۋاز كەچتىڭ ، ئۇنىڭغىمۇ ماقۇل ، سەرسان سەرگاردان بولدۇڭ ، تاس قالدىڭ ئاچ -يالىڭاچ قالغىلى ، ئۇنىڭغىمۇ مەيلى دېدىم ، ئوغۇل بالا بولغانكىن جېنىنى جان ئېتىپ كېتەر دېدىم . ئاخىرغا كەلگەندە نېمە بولدى ، ئاشۇ قىز ، سېنى ھەممىدىن ۋاز كەچكۈزگەن ئاشۇ قىز سېنى تاشلاپ كېتىپ قالدى ، بوپتۇ ، ئۇ قىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى ، لېكىن ، سەن نېمە بولدۇڭ ، بىر قىزنى دەپ ، ساڭا ۋاپا قىلمىغان بىر قىزنى دەپ جېنىڭدىن ئايرىلغىلى قىل قاپسەن ، ئەگەر خىزمەتدىشىڭ ۋاقتىدا بايقاپ دوختۇرخانىغا ئەكەلمىگەن بولسا بۇ چاغقچىە ئۆزۈڭنى گۆردە كۆرەتتىڭ گۆردە !،__ دادامنىڭ بۇنچىلىك ئاچچىقلاپ باققىننى كۆرمىگەن ئىدىم ، ئۇنىڭ بويۇن تومۇرلىرىنى كۆپتۈرۈپ ، چىقڭقىلىپ ۋارقىرغىننى ، چىشلىرىنى غۇچۇرلاتقىننى ، ماڭا دۆشمىنىگە قارىغاندەك قارىغىننى ، ئاپامغىمۇ تۈزۈت قىلماي سىلكىۋېتىشلىرىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم . ئۇ ئەزەلدىن ئانا -بالا ئىككىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئايايتتى ، رايىمىزغا باراتتى ، تاللىشىمىزغا ھۆرمەت قىلاتتى . ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا مەكتەپ تاللىغاندىمۇ ، كەسىپ تاللىغاندىمۇ ھەممىنى ئىختىيارلىقىمغا قويغان ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ تەقسىم قىلغان خىزمەت ئورنۇمغا بارمىغانلىقىمغا ، ئۆزۈم تاللىغان كەسىپتىن ۋاز كەچكىنىمگە ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ يەنىلا رايىمغا باققان ئىدى .ئۇنىڭ ئۆرۈمچىدە قېلىشىمغا قوشۇلۇشىنى كاتتا شەھەردە ئېسىل خىزمەت تاپتىم دېگىنىمگە ئىشەنگەنلىكىدىن بولدى دەپ خاتا ئويلىغىنىمنى بۈگۈن بىلىپ يەتتىم . ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىمدىن خەۋەر تېپىپ تۇرۇۋاتقىننى ، ھەتتا سەنەم بىلەن بولغان ئىشىمنىمۇ تولۇق بىلىدىغانلىقىنى ، بىلىپ تۇرۇپ يول قويغانلىقىنىمۇ بۈگۈن بىلىپ يەتتىم . نېمە دەيتتىم ؟ سەنەمنىڭ تاشلاپ كەتكىنى راست تۇرسا ، ئەمىليەت دادامنىڭ دېگىنىدەك تۇرسا ، نېمىمۇ دېيەلەيتتىم ؟ دادامنىڭ چىڭقىلىپ سۆزلەشلىرىگە بېشىمنى ئېگىپ جىممىدە تۇرۇپ بەردىم ۋە بالنىستتىن چىققاندىن كېيىن قايتىپ كېتىش بويرۇقىغا ئۈن -تىنسىز قوشۇلدۇم . سەنەمنى ئىزدەپ بارغۇم بار ئىدى ، لېكىن ، قايسى كۈنى يوقلاپ كەلگەن ساۋاقدىشىمدىن ئۇنىڭ توي كۈنى بېكتىلىپ بولغانلىقىنى ئاڭلاپ بېرىشتىن يالتايدىم ، ئۇنىڭ تويىنى بۇزۇپ ئېلىپ قېچىش پىلانىمنىمۇ بولدى قىلدىم ، سەنەم ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قوشۇلغان تويدىن ، ئۆز رازىلىقى بىلەن تاشلىۋەتكەن مەن بىلەن قېچىپ كېتىشى مومكىن ئەمەسلىكىنى ئويلىغىنىمدا ئۆزەمنىڭ ئەخمەقلىكىگە كۈلگۈم كەلدى . ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيگە قايتىش سەپىرىدە داداممۇ ، ئاپاممۇ گەپ قىلمىدى ، ئەلىۋەتتە ، جىمجىتلىقنى خالايدىغان بولۇپ قالغان مېنىڭ گەپ قىلىشىم تېخىمۇ مومكىن ئەمەس ئىدى . شۇ تاپتا بارلىق ئەسيادىم سەنەمدە قالغان ، ئۇنىڭدىن رەنجىگىنىم بىلەن ، ئىزدەپ بېرىشقا جۈرئەت قىلالمىغىنىم بىلەن يۈرىكىم ئۇنىڭ بىلەن كېتىپ قالغان ئىدى ، كۆز ئالدىمدا ئۇنىڭ سىماسى ، قۇلاق تۈۋۈمدە ئۇنىڭ ئاۋازى ... __سېنىڭ ئىسمىڭ سەنەم بولغانكىن ، مەن غېرىپ دەپ قويۇۋالايمىكىن ئىسمىمنى ،__ دېگەنىدىم ئۇنىڭ كۆزىگە تويماي قاراپ ئولتۇرۇپ . __ ياق ، سېنىڭ غېرىب بولۇپ قېلىشىڭنى خالىمايمەن ، __ رىۋايەتلەردىكى غېرىب -سەنەم بولساق ياخشى ئەمەسمۇ __ بىزنىڭ شۇلاردەك ئاقىۋەتكە قېلىشىمىزنى خالامسىەن ؟ __ ياق ...ياق ...، ئۇنداق بولۇشىنى خالىمايمەن . بىزنىڭ رىۋايەتتىكى غېرىب -سەنەمدەك ھىجران ئازابى تارتىشىمىزنى خالىمايمەن . __ ھىجران ئازابى دېگەن گەپنى قىلما ، بىزگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھېچكىم يوق ، بىز مۇرادىمىزغا يېتىمىز ، چوقۇم . مۇرادىمىزغا يېتىمىز دېگەن گەپنى سەنەم دېگەن ئىدى ، كۆزلىرىمگە تىكىلىپ تۇرۇپ ، بوينۇمغا گىرە سېلىپ تۇرۇپ ، لەۋلىرىمگە سۆيۈپ تۇرۇپ شۇنداق دېگەن ئىدى . لېكىن ، نەچچە كۈن ئىچىدىلا ئۆزىنىڭ دېگەن گېپىنى ئۇنتۇپ ، باشقا بىرى توي قىلماقچى بولىۋېتىپتۇ . ئەتىرگۈل نۇسخسى چۈشۈرۈلگەن كىرلىك ئۈستىگە چۈشۈپ قالغان قىزلىق ئىپىتىنىڭ مەھسۇلى بولغان كىچىككىنە داغنىڭ يۈزىنىمۇ قىلماي ، شېرىن مۇھەببىتىمىزنىڭ يۈزىنىمۇ قىلماي ، قىلغان ۋەدىلىرىمىزنىڭ ، قەسەملىرىمىزنىڭ يۈزىنىمۇ قىلماي شۇنداق تىزلا باشقا بىرىگە تېگىپ كەتمەكچى بوپتۇ . ئۇ شۇنداق قارارغا كەلگەن بولسا ئۇنى توسۇشقا ئامالىم يوق ، ھەممە ئىشتا دېگىننى قىلىپ كۆنگەن ئۇنىڭ قارار قىلىپ بولغان تويدىن يېنىۋېلىشى مومكىن ئەمەس ! بىر مەزگىللىك شېرىن ، تاتلىق كۈنلىرىمىزنىڭ شاھىدى بولغان ئۆرۈمچىدىنن نەچچە يىل كىسەل تارتقان ئادەمدەك سارغايغان ھالدا ، قەلبىم پارە -پارە بولغان ھالدا ، يىگىتلىك قەددىم ئازابتىن پۈكۈلگەن ھالدا قايتىپ كەلدىم . قايتىپ كېلىشنىغۇ كەلدىم ، لېكىن ، كېلىپلا يەنە يېتىپ قالدىم ، ئاغىرغان يېرىمنىڭ تاينى يوق بولسىمۇ گېلىمدىن تاماق ئۆتمەيتتى ، ماغدۇرسىز ئىدىم ، يېنىم يەر تارتىپ تۇراتتى ، تۈگىمەس خىياللارغا ئەسىر ئىدىميو ، ئەمدى نېمىش قىلىمەن ، بۇندىن كېيىنكى كۈنلىرىمنى قانداق ئۆتكۈزمەكچى دېگەنلەرنى ئەسلا ئويلاپ قويمايتتىم . خىزمەت تېپىشىم كېرەكلىكىنى ، ئاتا -ئانامغا يەنە ئېغىرچىلىقىمنى سېلىۋەرمەسلىكىم كىرەكلىكى خىيالىمغا كىرىپ چىقمايتتى . خىيالىمنىڭ ھەممىسىدە سەنەم ، چۈشلىرىمدە سەنەم ، ھەتتا ئويغاق ھالەتتىمۇ ئۇنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدا پەيدا بولىدۇ ، گاھىدا كۈلىدۇ ، گاھىدا يىغلايدۇ ... شۇنداق ئىلەڭ -سەلەڭ يۈرۈپ بىر ئاي بولغاندا ماڭا قاراپ ئاچچىقتىن ئۆتى يېرىلىپ كېتەي دەپ تۇرغان دادام ئاخىر پارتىلىدى : __ قوپە ھەي لامزەللە ، گەپ قىلمىسام يېتىۋىرەمسەن لالىيىپ ؟!__ دادام ئىشىكتىن بوراندەك ئېتىلىپ كىرگەنچە كاسسامغا بىرنى تەپتى ، ئەمدىلەتىن ئۇيقۇدىن ئويغۇنۇپ ، بايا كۆرگەن چۈشۈمنىڭ لەززىتىدىن ھوزۇرلىنىپ ياتقىنىدا تۇيۇقسىز كەلگەن تېپىكتىن قاڭقىغان توپتەك چاچىراپ تۇرۇپ كەتتىم . __ بۈگۈنكى يۈز -تۇرانە ئىمتىھانغا نېمىشقا بارمىدىڭ ؟ مۇشۇنداق ھېچ ئىش قىلماي يېتىش راھەتمىكەن ؟ ئاتا -ئاناڭغا تاپىڭنى ئارتىپ ياتماق ئاسانمىكەن ھە ؟ ئوھ ! بۈگۈن ناھىيدىكى قايسىبىر ئىدارىگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغان يۈز -تۇرانە ئىمتىھان بار ئىدى راست ، ما قاپاق كاللامنى ، ئۇنتۇپ قالغىنىمنى قارىمامدىغان .... پىشانەمگە پاققىدە ئۇرۇپ دادامغا قارىدىم ، خىيالىمدا دادامغا چۈشەندۈرمەكچى ئىدىم ، لېكىن ، بېشىمنى كۆتۈرۈپلا دادامنىڭ ئاچچىقتىن مىستەك قىزىرىپ كەتكەن يۈزىگە قاراپ ، گەپ قىلىشتىن يالتايدىم . __ گەپ قىلە ، نېمىشقا بارمىدىڭ ؟ __ ئۇنتۇپ ...ئۇنتۇپ قاپتىمەن دادا... __ ئۇنتۇپ قاپتىمەن دېگىن ، شۇنداق ئۇنۇتقاق بولۇپ كەتتىڭما ؟ئەجەپ ئۇنتۇشقا تېگىشلىكنى ئۇنتۇيالماي ، ئىستىقبالىڭغا تاقىشىدىغان موھىم ئىشنى ئۇنتۇپ قالىدىكەنسىنا ؟ __ مەن ... __ ماقۇل ئەمسە ، سەن ئۇنۇتقاق ئىدىڭغۇ ، بۈگۈندىن باشلاپ تاماق يېيىشنى ئۇنتۇپ كەت ئەمسە ، داداڭ ئاپاڭ بارلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ كەت ، سەن نوچى بولغانكىن ، بىزگە بېقىنماي ، يىمەي -ئىچمەي ياشاپ باق ! دادام ئېشىكنى زەرب بىلەن يېپىپ ھوجرامدىن چىقىپ كەتتى ، ئىشىك بىر ھازا شىرىقلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاياق تىۋىشى يىراقلاپ كەتتى . تېخى ناشتا قىلمىغاچقا قورسىقىم ئاچقان ئىدى ، دادامنىڭ چىقىپ كەتكەنلىكىنى جەزىم قىلغاندىن كېيىن ئورنۇمدىن تۇردۇم ، بىراق ، ھوجرامنىڭ ئىشىكى تاقاق ئىدى ، ئىچىدىن تولغاپ ھەر قانچە قىلساممۇ ئېچىلمىدى ، شۇندىلا دادامنىڭ بايىقى گېپىنىڭ مەنىسىنى چۈشەندىم ، ئۇ مېنى سولاپ قويغانىدى . بىر ھېسابتا بۇمۇ بولغىنى ، ھېچكىم مېنى ئاۋارە قىلمايدۇ ، خىياللىرىمغا دەخلى قىلمايدۇ ، ئىمتىھانغا قاتناش ، خىزمەت تاپ دەپ بېشىمنى ئاغىرتمايدۇ . بىراق ، قورسىقىمنىڭ ناغرا چېلىشى ، ھاجىتىمنىڭ قىستاپ كېتىشى بۇ خۇشاللىقىمنىڭ بېلىگە تەپتى . ئالدىنقى كۈنى كاماندورۇپكىغا چىقىپ كەتكەن ئاپام نەچچە كۈنگىچە قايتىپ كەلمەيدۇ ، ئۇ بولغان بولسا تېلفۇن قىلساملا ئىدارىسىدىن رۇخسەت سوراپ ئۇچۇپلا كەلگەن بولاتتى . ماۋۇ تاش يۈرەك دادامنىڭ ئىشىكنى ئاسانلىقچە ئېچىپ بېرىشى مومكىن ئەمەس . ئۆي ئىچىدە ئۇ ياقتىن بۇياققا ماڭاتتىم ، قورسىقىمنىڭ ئاچلىقىدىنمۇ بەكرەك ھاجىتىم قىيناپ كېتىۋاتاتتى ، ئىشىكنىڭ قۇلپىسى بىلەن خېلى ئۇزاق ھەپىلەشكەن بولساممۇ ئېچىلمىدى ، يان تېلفۇنۇم ئاللىقاچان دادام تەرپىدىن مۇسادىرە قىلىنغان ، ئۆي تېلفۇنى مىھمانخانا ئۆيدە بولغاچقا بىرەرىسىگە تېلفۇن ئۇرۇپ ياردەم سورىيالمايتتىم . ئۆيدىن چىقالمىغانچە ھۆجرام كۆزۈمگە شۇنچىلىك سەت كۆرۈنۈپ كەتتى ، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى تىزرەك كېرىۋېىلىشقا ئالدىرايدىغان بۇ ئۆي ، بۇ كارۋات ، بۇ يوتقان بۈگۈن ھەممىسى بىر دۆۋە كىرەكسىز ئەخلەتتەك ، مېنى چىرىتىۋېتىش مەقسىدى بىلەن قوينىغا چىللاۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ ھەممىگە بىزارلىق بىلەن باقتىم . بىر چاغدا ھوجرامنىڭ ئىشىكى شىرىقلاپ ئېچىلىپ دادامنىڭ بېشى كۆرۈندى ، ئىشىك ئېچىلىشى بىلەنلا باياتىن بېرى پەسكويغا چۈشۈپ قالغان ھاجىتىم قايتىدىن قوزغىلىپ ، دادامغىمۇ قارىمايلا ئوقتەك ئېتىلىپ چىققانچە ھاجەتخانىغا كىردىم . ئىشىمنى تۈگىتىپ چىققىنىمدا دادام ئاشخانىدا تاماق ئېتىۋاتاتتى ، ئاشۇ يوغان بەستى ئاشخانا ئىشلىرىغا پەقەتلا ماس كەلمىگەن ، قاچا -قۇچىلارنىمۇ ئەپلەپ تۇتالمايۋاتقاندەك قىلاتتى . ئادەتتە چۈشتە قايتىپ كەلمەيدىغان ، ئاشخانىغا بېشىنى تىقىپ قويمايدىغان دادامغا بىر دەم قاراپ تۇرۇۋەتكەندىن كېيىن چاپىنىمنى مۆرەمگە سېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم.
4-قىسىم
كۆڭلۈم قاتتىق ئاغىرىغان ئىدى. سەنەم مېنى نامرات دەپ تاشلىۋەتتى ، دادام مېنى يارىماس دەپ ئۆيگە سولاپ قويدى ، ئاپامنىڭ ماڭا مىھىرى بىلەن باقىدىغان كۆزلىرىدىن ياش ئەگىيدىغان بولۇپ قالدى ، مەنچۇ ، شوق ، تۈرگۈن ،ئۆزەمگە ئىشىنىدىغان بىر يىگىت تۇرۇپ ئاخىر ھەممىنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتكەن بىر تاشلاندوققا ئايلاندىم . ئەمدى بۇنداق كېتىۋەرسەمم بولمايتتى ، بىر كۈنلەردە سەنەمگە مېنىڭمۇ پۇل تاپالايدىغانلىقىمنى ، دادامغا قولۇمدىن ئىش كېلىدىغانلىقىنى ، ئاپامنى خۇشال قىلالايدىغانلىقىمنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن بولسىمۇ ، ئۆزەمگە جەڭ ئىلان قىلىش قارارىغا كەلدىم . بىر ئىش قىلىشىم كېرەك ئىدى ، ئىش قىلساملا قولۇمغا پۇل كېرەتتى ،پۇل بولسا بىر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتالايتتىم . ئۆرۈمچىدە نەچچە ئاي ئىشلەش جەريانىدا كومپىيوتىر مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئېپى -جېپىنى خېلى بىلىپ قالغان بولغاچقا ئىشنى يەنىلا شۇنىڭدىن باشلىسام ياخشى بولىدىغاندەك تۇيۇلدى ، ئۆگەنگەن كەسپىممۇ ئېلان لايھە بولغاچقا كەسپىم بىلەن ئۆگەنگىنىم نەقلا چۈشەتتى . ئالى مەكتەپنى پۈتكۈزۈپلا ئېگىلىك تىكلەش يولىغا قەدەم قويۇپ ، رېستۇران ئېچىپ ئىككى يىل ئىچىدىلا خېلىلا چوڭ غوجايىن بولۇپ قالغان تولۇق ئوتتۇرىدىكى ساۋاقدىشىم غالىپنىڭ مۇناسۋەت دائىرسى كەڭ ، بىلىدىغانلىرى كۆپ ئىدى . رېستۇران ئاچقىچە ئېگىلىك تىكلەيدىغانلارغا مەسلىھەت بېرىدىغان شېركەت قۇرساڭ بولمامدۇ دەپ چاقچاقمۇ قىلىشاتتوق ساۋاقداشلار جەم بولغان سورۇنلاردا . دېمىسىمۇ، ئۇ بۇ بىر نەچچە يىلدا ئۆزى پۇل تېپىپلا قالماي ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۆز ئالدىغا بىر ئىش قىلماقچى بولغان دوستلىرى ، ساۋاقداشلارغا مەسلىھەت كۆرسىتىپ ، مەبلىغى يېتىشمىسە پۇل بېرىپ تۇرۇپ ، يولىغا كىرگۈزۈپ قويغان ئىدى . __ شۇنداق قىلىپ نەدە تۇرۇۋاتىسەن ؟__ غالىپ مېنىڭ يېرىم سائەت كاپىلداپ سۆزلىگەن قارارىمنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن سورىغان تۇنجى ئېغىز گېپى شۇ بولدى . مېنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنلىكىمنى ئۇنىڭ بىلىپ بولغانلىقىدىن ھەيران قالدىم . __ ئاخشام مېھمانخانىدا ياتتىم . __ بۈگۈنچۇ ، ئەتىچۇ ؟ __ يەنە مىھمانخانىدا ياتارمەن . __ دوكان ئېچىپ تاپقان پۇلۇڭنى ئۇدۇللۇق مىھمانخانىغا سېلىپ بەرسەڭ قانداق پۇل تاپالايسەن؟ __ ئىجارە ئۆي ئۇقۇشىۋاتىمەن ، كېيىنچە تىز سۈرئەت بىلەن ئۆي ئالىمەن . __ تاپقان پۇلۇڭنىڭ يېرىمى ئۆيۈڭ بىلەن دوكاننىڭ ئىجارىسىگە كەتسە ، يېرىمى ماتىريالغا كەتسە ، ئاتا -ئاناڭنى داۋالىتىشقىمۇ پۇل تاپالىمىغىدەكسەن ئەمسە . ئۇنىڭ ئاغزىدىن تۈزۈك بىر مەسلىھەت ئالارمەنمىكىن دەپ ئىزدىگىنىمگە يارىسشا ئادەم كۆزگە ئىلمىغاندەك گېپى ئوغامنى قايناتتى . __ غالىپ ، ھازىرچە ئاتا -ئانامنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ، مەن بىر ئوغۇل بالا ،بىر نەچچە يىل تىرىشسام پۇل تاپالايمەن ، ئۆيمۇ ئالالايمەن ، ئاتا -ئانامنىڭ باقالايمەن ! سېنى بىرەر مەسلىھەت بىرەمىكىن دەپ كەپ قاپتىمەن ئالدىڭغا ، بولدى ، مەن ماڭاي !__ ئامال بار ئاچچىقىمنى بېسىپ تۇرساممۇ سۆزلىرىم ناھايتى ئۇرغۇ بىلەن چىقتى . __ نېمىگە خاپا بولسەن ،__ دېدى غالىپ پېتىنى بۇزماي ،__ ئولتۇرە ، تېخى گەپ تۈگىمىدى . __ مېنىڭ گېپىم تۈگىدى . __ قوماچتەك پاراسلاپ تۇرىدىغان مىجەزىڭ تېخى باركەن ئەركىن ،__غالىپ قاقاھلاپ كۈلۈپ قولۇمدىن تارتىپ ئورنۇمدا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى ،__ ماڭا قارا ، مۇشۇنداق ئۆيگە قايتماي ، داداڭدىن يامانلاپ يۈرسەڭ ، ھەر قانچە كۆپ پۇل تاپقىنىڭ بىلەنمۇ ئۇلارنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم ئۆتەرما ؟ مۇشۇنداقلا كېتىۋەرسەڭ ، ئۇلار تولا غەم قىلىپ ئاغىرىپ قالىدۇ ، ئاپاڭغا ئامراقلىقىڭنى بىلىمەن ، ئاشۇ ئاپاڭ سېنى دەپ يەنە يىغلاپ يۈرسە ، داداڭ سەندىن ئەنسىرەپ ماغدۇردىن كەتسە مەيلىما ؟ مەن ساڭا دەي ئەركىن ، بارىدا قەدىرىگە يەتمەي ، يوقىدا قەبىرىسىنى بىر تاغار ئالتۇن بىلەن بىزەپ قويساڭمۇ بىكار ! __ ھازىر دادامنىڭ ماڭا قارارغا كۆزى يوق ، ئاۋۋال ئازراق پۇل تاپاي ، ئاندىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىۋالساممۇ كېچىكمەيمەن . __ ئاۋال ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئال ، ئاندىن پۇل تاپ ، شۇندىلا تاپقان پۇلۇڭنىڭ بەرىكىتى بولىدۇ . غالىپ بىلەن يېرىم كۈن تالاشقاندىن كېيىن ، كەچتە ئۇنىڭ زورى بىلەن ئۆيگە باردىم ، غالىپ بىلەن ئۆيگە كىرگىنىمىزدە دادام يەنە ئاشخانىدا ئىدى . ئۇ بىزنى كۆرۈپ ، يوغان قورسىقىغا كىچىك كېلىپ قالغان پەرتۇققا قولىنى سۈرتۈپ ئاشخانىدىن چىقتى ۋە غالىپ بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ ئۇنى ئۈستەلگە باشلىدى ، ماڭا مۇنداقلا قاراپ قويۇپ : __ ئاغىنەڭگە چاي قۇيۇپ بەرمەي قاراپ تۇرىسەنغۇ ،__ دېدى . چاي دەملەش ئۈچۈن ئاشخانىغا كىرگىنىمدە دادام بىر كىتابنى ئالدىغا ئېچىپ قويۇپ ، بىردەم كىتاپقا قاراپ ، بىردەم قازانغا بىر نەرسىلەرنى سېلىپ ئالدىراش يۈرەتتى . ئىچىقلىق كىتاپقا قاراپ ، ئۇنىڭ بېلىق شورپىسى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدىم . دادام بىلەن ئاپام قۇرغاق قورۇلغان بىلىققا ، مەن بولسام بېلىق شورېپىسىغا ئامراق ئىدىم ،دادامنىڭ كىتاپقا قاراپ مەن ئامراق تاماقنى ئېتىۋاتقىنىغا قاراپ ، نەچچە كۈندىن بۇيانقى ئاچچىقىم بىراقلا يوقاپ ، كۆزۈمگە لۆممىدە ياش كەلدى ، ئۇنىڭ خىزمىتى ئالدىراش ئىدى ، ئاپام بولمىغان كۈنلەردە سىرتتىن تاماق يەپلا ئەزەلدىن ئاشخانىغا قەدەم باسمايتتى ، ئۇ مېنىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرغىنىمنى سەزمەي بىر خىلدا كىتاپقا قاراپ شورپىنىڭ تەمىنى تەڭشەش بىلەن ئاۋارە ئىدى . ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا ئۇنىڭ يۈزىدە مەرۋايتتەك تەر تامچىلىرى پارقىراپ تۇراتتى . تاماق تارتىلدى . دادامنىڭ بېلىق شورپىسى خېلى ئوخشىغان ، تەمىمۇ مېنىڭ ياقتۇردىغىنىم بويىچە تەڭشەلگەن ئىدى . __ قېنى تاماققا باق ئوغلۇم ، تازا ئوخشىماي قالغان بولسىمۇ تېتىپ باق ،__ دادام غالىپنى تاماققا تەكلىپ قىلدى ،__ ئەركىن ، ئاغىنەڭگە لازا ئاچچىقسۇ ئەپچىقىپ بىرەمسەن بالام . ئاچچىقسۇ قۇتىسىنى ئېلىش ئۈچۈن توڭلاتقۇنى ئاچتىم ،ئېچىپلا كۆرگىنىم ئىككى تەخسە تاماق بولدى ، بىرسىدە لازا قورىمىسى ، يەنە بىرسى توخۇ قورىمىسى ئىدى . ھەر ئىككىسى مەن ياخشى كۆرىدىغان قورۇمىلار ئىدى ، ئېنىقكى ، دادام بۇنى مەن ئۈچۈن قورۇغان ئىدى .ئاچچىقسۇ لازىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ غالىپنىڭ ئالدىغا قويدۇم ۋە جايىمغا ئولتۇرۇپ تاماققا تۇتۇش قىلدىم . قىلتىرىقى ئېلىۋېتىلگەن بېلىق گۆشىنى چايناۋېتىپ كۆزۈمدىن ئىختىيارىسىز ياش تۆكۈلدى ۋە ئورنۇمدىن تۇرۇپلا دادامنى قۇچاقلىدىم : __ دادا ، مېنى كەچۈرۈڭ دادا، كۆڭلىڭىزنى كۆپ رەنجىتتىم ، سىزنى ئەنسىرىتىپ قويدۇم . __ ئەخمەق بالا ، نېم بولدى ساڭا ، نېمە ئۇ كەچۈرۈڭ پەچۈرۈڭ دېگەن ،__ دادام مۆرەمگە يىنىك شاپىلاقلاپ قويدى ،__ كىچىك بالىدەك پوتلاڭنى ئېقىتمىساڭچۇ ، ئاغىنەڭنىڭ ئالدىدا سەت ئەمەسمۇ . ئۆزەمنى تۇتۇۋېىلىشقا تىرىشساممۇ ياشلىرىمنى تۇتۇپ قالالمىدىم ، بۇ ياشلىرىم مەيلى دادام ئۈچۈن بولسۇن ، مەيلى ئۆزەم ئۈچۈن بولسۇن ۋە ياكى سەنەم ئۈچۈن بولسۇن ،نەچچە ۋاقىتتىن بېرى يۈرىكىمنى بېسىپ تۇرغان ئازابلىرىمنى يۇيۇۋەتكەندەك بولدى . *** شۇنداق قىلىپ ئاتا -ئانامنىڭ قوللىشى ، غالىپنىڭ مەسلىھەت كۆرسىتىشى ، ساۋاقاشلىرىمنىڭ تەشۋىقات قىلىپ بېرىشى نەتىجىسدە مۇلازىمەت شېركىتىمنىڭ ئىشلىرى خېلى ئوبدانلا راۋاج تېپىپ قالدى . ۋېۋىسكا لايھەلەش ،لوزۇنكا ، لەۋھەلەرنى ياساشتىن تارتىپ ، ئىشخانىلارنى زىننەتلەشكىچە ھەممىنى قىلغاچقا بىر ئۆزۈم يېتىشمەي ، ئادەم تەكلىپ قىلىپ ، كېيىنچە تارماق دوكانلارنى ئېچىپ ئىككى يىل ئىچىدە خېلى ئوبدانلا ھاللىنىپ قالدىم . خىزمىتىم ئىزىغا چۈشۈۋىدى ئاپامنىڭ مېنى ئۆيلەپ قويغۇسى كېلىپ كەتتى ، ھېلىھەم سەنەمنى ئۇنتۇپ كېتەلمەي ، ئۇنى سېغىنىشلىرىمنى ئۆزەمنى خىزمەتكە ئۇرۇش بىلەن بېسىپ كېلىۋاتقاچقا بىرەر قىزنى خىيال قىلغىدەكمۇ بولمىغانىدىم . توي قىلىش دېگەن ئۇقۇم مەندىن تولىمۇ يىراقتا دەپ ئويلايتتىم . لېكىن ئۆيگە كەلسەملا توي قىلىشنىڭ گېپى خۇددى « كەلدىڭمۇ بالام »دېگەندەك بىزنىڭ ئۆينىڭ كۈندىلىك ، دائىملىق گېپىگە ئايلىنىپ قالغان ، ھەتتا بىر كۈندە ئىككى قېتىم چوقۇم ئادا قىلمىسا بولمايدىغان ۋەزىپە بولۇپ قالغان ئىدى . ئاپام ئالدىراش بولۇپ قالسا دادام ، دادام ئىشخانىدا بولۇپ قالسا ئاپام ، خۇددى دەرس سېتكىسى تۈزۈۋالغان مۇئەللىملەردەك ھەر كۈنى ئوخشاش سائەتتە مۇشۇ گەپ تەكرارلىناتتى . __ مېنىڭ توي قىلىش خىيالىم يوق دېگەن گېپىمگە دادام ئىككى كۈن قايناپ ، ئاپام مىشىلداپ يىغلاپ بېشىمنى تېخىمۇ ئاغىرتىۋەتتى . «لايىقىم يوق »دەپ قويغىنىم ئۈچۈن ئاپام ماڭا تونۇشتۇرىدىغان قىزلارنىڭ سۈرەتلىرى بىلەن ھوجرامنى توشقۇزىۋەتتى ۋە ھەر ھەپتە ئاخىرى ئۇچرىششقا چىقىشقا زورلاپ ، ھەپتە ئاخىردىكى دەم ئېلىشىمنىڭ پەيزىنىمۇ ئۇچۇرۋەتتى . __ ئاپاڭ تاپقان قىز قانداقراقكەن ؟__ ھەر قېتىملىق ئۇچرىششتىن كېيىن دادامنىڭ ئادەتكە ئايلانغان سۇئالى . ئۇ قىزلارغا تۈزۈكرەك سەپ -سېلىپمۇ باقمىغىنىمنى ، كۆرۈشكەندە قەستەن ئۇنىڭ -بۇنىڭغا تېلفۇن بېرىپ ، ئۆزەمنىڭ ئالدىراش ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ كېتپ قالىدىغانلىقىمنى دادامغا دېيەلمەيتتىم ، قىز تەرەپتىن كەلگەن ئۇچۇردىن خەۋەر تاپقان ئاپام ماڭا ئىككى كۈن دومسىيىپ يەنە باشقا قىز بىلەن كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇراتتى . __ قارا ...قارا بالام ، بۇ قىز ساڭا چوقۇم يارايدۇ ، بەك چىرايلىق ، مىھرى ئىسسىق قىزكەن . ئاپامنىڭ نوقۇشلىرىدىن بېشىمنى سەل -پەل بۇراپ ئۇ كۆرسەتكەن سۈرەتكە شۇنداقلا بىر قاراپ قويۇپ ، ۋەزىپە ئۈچۈن بېشىمنى لىڭشىتتىم . __ بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت بەش بىلەن ۋىسال تاماقخانىسىدا كۆرۈشسىلەر ،بىلدىڭمۇ بالام؟ ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ __ بىلدىم . __ چىرايلىقراق كېيىنىپ بار ، ۋاقىت بىلەن ئورۇننى ئۇنتۇپ قالما . __ ماقۇل __ ئۇ قىزنىمۇ خاپا قىلىپ ماڭغۇزىۋېتىدىغان بولساڭ سېنى كەچۈرمەيمەن . __ ... بىردەم ئۇخلىۋالغۇم بار ئىدى ، ئاپام ئۇخلىغىلى قويماي ، ھېلى كېيىم تاللاپ ، ھېلى ئاياغ تاللاپ ، چېچىمنى ياسىتىپ كېلىشكە بويرۇپ مېنى تويى بولىدىغان يىگىتلەردەك ياساندۇرۇپ يېرىم سائەت بۇرۇن ئۆيدىن چىقاردى . ئاپامنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن ئۇ قانداق قىلسا شۇنىڭغا ماسلىشىپ تۇرۇپ بەردىم ، ماشىننى ۋىسال تاماقخانىسىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ تۇرۇشۇمغا ئاپامدىنن تېلفۇن كەلدى . __ بالام ئۇ قىز ھاۋارەڭ كۆينەك كېيىپ بارىدىكەن جۇمۇ ، بايا سۈرەتكە تۈزۈكمۇ قارىمىغانتىڭ ، كۆينىكىگە قاراپ تونۇغىن ئەمدى .تېلفۇن نومۇرىنى قىسقا ئۇچۇر قىلىپ يوللىۋەتتىم ، ۋاقتىدا كېلەلمەي قالسا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېلفۇن قىلىپ ئالدىغا بېرىپ ئەكەلگىن . __ ماقۇل ... كەلمەي قالسا تېلفۇن قىلىپ ئالدىغا بېرىپ ئەكەلگىدەكمەن ، ۋاھ ، ما گەپنىڭ قىزىقلىقىنى ، كىمتى ئۇ كۆرۈشمەي تۇرۇپلا ئالدىغا ماشىنا ئېلىپ بارغىدەك ،ئادەمنىڭ كورسسىنى چۈشۈرۈپ نېمانداق قىلىدو ما ئاپام ، يا مەن بىر قىزلار ياراتمايدىغان ساراڭقېتىش بولمىسام . ئەسىلدىلا قىزلار بىلەن ئۇچرىششقا ماڭغاندا تۇتۇپ قالىدىغان خۇيۇم بۇ قېتىم تېخىمۇ تۇتتى ، قانداق قىلىمەنكىن قېنى ، كەلگەن بولسا تەلىيى ، كەلمىگەن بولسا كېتىمەن ، پەرىزاتمىدى ئۇ ئارام كۈنۈمنى قۇربان قىلىپ ساقلاپ ئولتۇردىغانغا . تاماقخانىغا كىرىپلا بۇلۇڭدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان ھاۋارەڭ كۆينەكلىك قىزغا كۆزۈم چۈشتى . مەن بالدۇر كېلىۋالدىممىكىن دېسەم ، مەندىنمۇ بۇرۇن كېلىۋالغىنىغا قارىغاندا ئەرگە تەگكۈسى كېلىپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ بۇ قىزنىڭ .ئۆز خىيالىمدىن كۈلگۈم كېلىپ ئۇ قىزنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ گەپ -سۆزسىزلا ئولتۇردۇم . __ بۇ ئورۇندا ئادەم بار ؟__ دېدى قىز كۆزلىرىنى سۈزۈپ __ بىلىمەن ، سىز ساقلاۋاتقان ئادەم مەن شۇ . __ سىز ...بۇ ... __ ھە مەن ، ھاۋارەڭ كۆينەك كېيگەن ، ئىسمىڭىز چولپانمۇ، يۇلتۇزمۇ ،سىز شۇغۇ ؟ __ چولپان . __ ھە شۇ شۇ . قانداق توغىرمىكەن ؟ __ لېكىن ، مەن ساقلاۋاتقان ئادەم ...،__ ئۇ قىز گەپ قلىۋېتىپ مېنىڭ كەينىمگە قاراپ كۆزلىرى چەكچەيدى ،ئاندىن قولىدىكى يەلپۈگۈچ بىلەن يۈزىنى توسۇپ تۇرۇپ دېدى . __ كەينىڭىزدىكى ئادەم سوراپ قالسا مەن بۇ قىزنىڭ لايىقى دەڭ بولامدۇ ، ماڭا ياردەم قىلغىنىڭىز بولۇپ قالسۇن . __ نېمىشقا ، سىز بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئادەم بىلەن ئۇچرىششقا چىققانمىدىڭىز ؟ __ ياق ، ئەسلى مەن ئۇچراشماقچى بولغان ئادەم سىز ئەمەس ، كەينىڭىزدىكىسى ...،__ قارىغاندا كەينىمدىكى ئادەم يېنىمىزغا كەلدى بولغاي ، قىزنىڭ ئاۋازى ئۆچتى . __ سىز چولپانغۇ دەيمەن ؟ كەينىمدىن ئاڭلانغان بوم ئاۋازدىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىم ، رامبودەك يوغان تەمبەل كەلگەن بىر ئەر ئۇدۇلۇمدىكى قىزغا قاراپ تۇراتتى . __ ھەئە ، مەن شۇ ،__ چولپان جىددىلەشكىنىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە مېنى كۆرسەتتى،__ بۇ مېنىڭ لايىقىم . __ لايىقىم ؟ __ ھەئە لايىقىم ، كەچۈرۈڭ ، ئارىدا ئازراق ئۇقۇشماسلىق بولۇپ قالدى ، سىزگە تېلفۇن قىلىپ ئەھۋالنى چۈشەندۈرەي دەپ تۇرسام ئۆزىڭىز كېلىپ قالدىڭىز . __ بۇنداق ئىشقا چاقچاق قىلسىڭىز بولمايدۇ چولپان خانقىز ،__ تەمبەل مېنىڭ كۆرۈشۈشكە ئۇزاتقان قولۇمغا پەرۋا قىلماي كەينىگە بۇرۇلۇپلا ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتى . ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۇچرىششىنىڭ ھەر ھالدا جىدەل تېرىلماي جىمجىت بېسىققىنىدىن ، ئالدىمدىكى بۇ چىرايلىق قىزنىڭ ئۆزىگە پەقەتلا ماس كەلمەيدىغان رامبۇدىن ئاسانلا قۇتۇلغىنىدىن مەنمۇ خوش بولۇپ قالدىم . __ رەھمەت سىزگە ،__ دېدى قىز ئىستاكانىمغا چاي لىقلاۋېتىپ . __ سىز راستلا مەن بىلەن كۆرۈشكىلى چىققان قىز ئەمەسما ؟ __ ئەمەس ، مەن يىگىتنىڭ سۆرىتىنى كۆرگەن ، ئۇ سىز ئەمەس . __ ئەمسە ھاۋارەڭ كۆينەك كېيگەن ، چولپان ئىسىملىك قىز سىز ئەمەسما ؟ __ مەن شۇ . لېكىن مەن ئۇچرىششقا چىققاندا ھاۋارەڭ كۆينەك كېيىمەن دەپ ھېچكىمگە دەپ قويمىغان ، ئىشتىن چۈشۈپلا كېلىشىم . __ ئەمسە ... __ ھەي ، كەينىڭىزدىكى ئاۋۇ قىزغا قاراڭ ، ئۇمۇ ھاۋارەڭ كۆينەك كېيىۋاپتۇ . ئاستا كەينىمگە بۇرۇلدۇم ، دېگەندەك ئىشىكتىن ئېگىز بوي ، قىسقا چاچ ، ھاۋارەڭ كۆينىكى ئۇزۇن پۇتلىرىنىڭ يېرىمىنىمۇ ياپالمىغان بىر قىز كىرىپ كەلدى . ئاپامنىڭ دېگىنىدەك ئۇ قىز چىرايلىق ئىدى ، لېكىن ، ئالدىمدىكى ماۋۇ قىزدەك مىھىرى ئىسسىق ئەمەس ئىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئېگىز بويىغا قىسقا چېچى ماس كەلمىگەندەك تۇيۇلدى . __ كۆرۈشكۈم يوق ، ئەمدى سىز ماڭا ياردەم قىلىڭ ،__ دېدىم قىزغا ئىلتىجا قىلىپ . __ چىرايلىق قىزكەنغۇ ،نېمىشقا كۆرۈشمەيسىز ؟ __ بىلمەيمەن . __ شۇمۇ ئەمەسمۇ ، سۈرىتىنى كۆرگەنمۇ ؟ __ كۆرگەن لېكىن قارىمىغان . __ كۆرۈش بىلەن قاراشنىڭ نېمە پەرىقى ،__ قىز ئاغزىنى تۇتۇپ كۈلدى . __ پەرىقى بار ،__ مەنمۇ كۈلدۈم . شۇ ئارىدا ئاپامدىن تېلفۇن كەلدى : __ نەدە سەن ؟ __ سەن دېگەن ۋىسال تاماقخانىسىدىغۇ ؟ __ يۇلتۇز بىلەن كۆرۈشمىدىڭما ؟ __ يۇلتۇز ؟... __ ھەئە يۇلتۇز ، ئۇ سېنى ساقلىغىلى يېرىم سائەتتىن ئاشتى دەيدىغۇ ؟ __ مەن يۇلتۇز بىلەن ئەمەس چولپان بىلەن كۆرۈشتۇم ئاپا . __ نېمە ؟كىمو ئۇ چولپان دېگەن ، نېمانداق ئادەمنى تېرىكتۈرىسەن . __ سەن دېگەن ۋىسال تاماقخانىسدا ، ھاۋارەڭ كۆينەك كېيگەن قىز بىلەن كۆرۈشتۈم ئاپا ، ھەممىنى سېنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشۇڭ بويىچە قىلدىم . ئاپامنىڭ يەنە كوتۇلداشلىرىنى كۈتمەيلا تېلفۇننى قويدۇم ، ئەمدى ھەممە ئىش ئېنىق بولغان ئىدى ، ئالدىمدىكى بۇ چولپان بىرسى بىلەن ئۇچراشقىلى چىققان ، لېكىن ئۇنىڭ ئۇچراشماقچى بولغىنى مەن ئەمەس . مەنمۇ باشقا بىر قىز بىلەن ئۇچراشقىلى چىققان ، لېكىن ، ئۇچراشماقچى بولغىنىم چولپان ئەمەس . لېكىن ، ئىككىمىز ئۇچراشتۇق ، ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئىسمىنى قويۇۋالغان بۇ ئىككى قىز يەنە ئوخشاشلا ئاسمان رەڭگىدە كۆينەك كېيىۋالغىنى ئۈچۈن ئالمىشىپ قالغانلا يېرى بار شۇ . ئەمدى بۇ قىز بىلەنمۇ خوشلىشىمەن ، ئۆيگە بېرىپ ئاپامنىڭ بىر ھازا كوتۇلداشلىرىنى ئاڭلايمەن ، ئاندىن دادام قاينايدۇ چىڭقىلىپ ، شۇنىڭ بىلەن ئارام كۈنۈمنىڭ كۆزىگە توپا تىقىلدۇ .
5-قىسىم
ئەمدى بۇ قىز بىلەنمۇ خوشلىشىمەن، ئۆيگە بېرىپ ئاپامنىڭ بىر ھازا كوتۇلداشلىرىنى ئاڭلايمەن، ئاندىن دادام قاينايدۇ چىڭقىلىپ ، شۇنىڭ بىلەن ئارام كۈنۈمنىڭ كۆزىگە توپا تىقىلدۇ . __ ياردەم قىلغىنىڭىزغا رەھمەت ، مەن قايتقاچ تۇراي ،__قىز ئورنىدىن تۇردى . __ مەنمۇ قايتاي ، سىزگىمۇ رەھمەت . بۇ چاغدا ھېلىقى يۇلتۇز دېگەن قىزمۇ تاماقخانىدا كۆرۈنمەيتتى ، قارىغاندا مەندىنمۇ ئالدىراش بولسا كىرەك ، ياكى ئۇمۇ مېنىڭدەك زورىغا كۆرۈشكىلى كەلدىمىكىن ، كۆرۈشمەكچى بولغان ئادىمىنى ساقلىمايلا كېتىپ قالغان ئىدى. ماشىنامنى قايدۇرۋېتىپ چولپاننىڭ تاكسى تۇسۇپ تۇرغىننى كۆرۈپ توختىدىم . __ نەگە بارىسىز ؟سىزنى ئاپىرىپ قوياي . __ رەھمەت ، سىزنى ئاۋارە قىلماي . __ تۈزۈت قىلماڭ ، چىقىڭە . ماشىنىدىن چۈشۈپ ئايلىنىپ كېلىپ ئۇنىڭغا ئىشىكنى ئېچىپ بەردىم . ئۇ مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ ماشىنىغا چىقتى . __ نەگە بارىسىز ؟ __ خەلىق مەيدانىنىڭ يېنىدا چۈشۈپ قالاي . __ ئۆيىڭىز شۇ يەردىما ؟ __ ياقەي ، ئۆيگە بالدۇر بېرىۋالسام ئاپام يەنە بېشىمنى ئاغىرتىدۇ ، شۇڭا بىردەم سودا ساراينى ئايلىنىپ ئاندىن قايتىمەن . __ سىزمۇ مەن بىلەن ئوخشاشكەنسىزغۇ ؟ __ قانداق دەيسىز ؟ __ مەنمۇ شۇ تاپتا ئۆيدىكىلەرنىڭ كايىشلىرىنى ئاڭلاشقا كېتىپ بارىمەن . __شۇنداقمۇ ؟ __قىز كۈلدى . __ يا بولمىسا ئىككىمىز كىنو كۆرۈپ كىلەيلى ، كىنو كۆرگىچە كەچمۇ بولۇپ قالىدو ، گەپنىمۇ ئازراق ئاڭلايمىز . __ كەچ قالارمەنمۇ ، كەچ قالسام ئاپام تېخىمۇ كايىپ كىتەرمىكىن . __ لايىقىم بىلەن كىنو كۆردۈم دېسىڭىز كايىپمۇ كەتمەس . __ كىم سىزنىڭ لايىقىڭىزكەن ؟__ قىز ئالايدى . __ ئۆزىڭىز شۇنداق دېدىڭىزغۇ ؟ __ ئۆتكەلدىن ئۆتۈش ئۈچۈنلا دېگەن گەپ ئۇ ... __ ھازىرمۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈش ئۈچۈن شۇنداق دېسىڭىز بولىدىغۇ ؟ __ ۋاي ، مېڭە ، سىزگە گەپ بەرگىلى بولمىغىدەك . __ ئەمسە كىنو كۆرۈشكە قوشۇلدىڭىز ھە . كىنو باشلانغىچە تاغدىن -باغدىن پاراڭلشىپ ئولتۇرۇپ بىر -بىرىمىزنىڭ ئەھۋالىدىن خېلى ئوبدان خەۋەر تېپىپ قالدۇق ، تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسى تەسۋېرلىنىدىغان كىنونى كۆرۈپ بولغۇچە ئۇ باشتىن ئاخىر يىغلاپ چىقتى ، ئۇنىڭ يىغلىغان ھالىتى تېخىمۇ چىرايلىق ئىدى ، ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم يىغلىسا چىرايلىق بولۇپ كېتىدىغان قىزلارنى كۆرۈشۈم ئىدى . مەن بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان نەۋرە سىڭلىم شۇنداق چىرايلىق بولسىمۇ ، يىغلىسىلا كۆزلىرى پۈرلىشىپ ، ئاغزى يوغىناپ بىر قىسمىلا بولۇپ قالاتتى ، شۇڭا ئۇنى ئالدىمدا يىغلايدىغان بولساڭ بىللە ئوينىمايمەن دەپ تېرىكتۈرەتتىم . سەنەم يىغلىسا سەتلىشىپ كەتمىگىنى بىلەن قېشىمدىكى مۇنۇ چولپان قىزدەك چىرايلىق بولۇپمۇ كەتمەيتتى . بۇ قىزنىڭ كۆز يېشىدا بىر خىسلەت باردەك ياش بىلەن ھۆللەنگەن يۈزى تېخىمۇ سۈزۈلۈپ پارقىراپ كېتىدىكەن ، لەۋلىرى ئۆمچەيسە ئوماق كىچىك باللىلارغا ئوخشاپ قالىدىكەن . قىززىق ھە . __ نېمىگە كۈلسىز ؟__ دېدى ئۇ مېنىڭ ئۆزىگە قاراپ كۈلۈۋاتقىنىمنى كۆرۈپ . __ يىغلىسىڭىز چىرايلىق بولۇپ كېتىدىكەنسىز ، شۇڭا كۈلىۋاتىمەن . __ كۈلگۈدەك ئىشما ئۇ ؟ __ كۈلگۈدەك ئىشقۇ ئەمەس ، شۇ ...بايا كىنوخانىدا ئوماق قىزچاق بولۇپ قالغانتىڭىز ، ئىچىم كۆيۈپ ... چولپان ماڭا ئالىيىپ قاراپ ، ماشىننى ھەيدەپ كېلىشىمنى كۈتمەيلا ئالدىغا قاراپ مېڭىپ كەتتى . ئۇنىڭ راستلا رەنجىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ، ماشىنامنى تىز سۈرئەتتە ھەيدەپ كېلىپ ئۇنىڭغا يېتىشتىم . __ ماشىنىغا چىقىڭە . __ چىقمايمەن ، __ خاپا بولماڭە ، چاقچاق قىلىپ قويدۇم ، - ئەمدى ماڭا گەپ قىلماڭ . ماشىنىدىن چۈشۈپ ، ئۇنىڭ قېشىغا كەلدىم __ ئەمسە مەن سىز بىلەن پىيادە ماڭاي ، ماشىنا مۇشۇ يەردە قالسۇن . __ ئىختىيارىڭىز . دېگەندەك ، ماشىننى توختاتقان يېرىمدىلا تاشلاپ قويۇپ ، ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشتىم . __ ھەي ! ھەي ، سىزنى دەيمەن !__ كەينىمدىن چاقىرغان ئاۋازدىن ھەر ئىككىمىز توختاپ كەينىمىزگە قارىدۇق ،__ ئاڭغىچە قاتناش ساقچىسى قېشىمىزغا كەلدى ،__ ئاۋۇ ماشىنا سىزنىڭما ؟ __ ھەئە . __ ئۇ يەردە ماشىنا توختىتىشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭىزما ؟ __ كەچۈرۈڭ ، دېققەت قىلماپتىمەن . __تېز ھەيدەپ كېتىڭ ! __ ماقۇل ، ئالدىمغا قارىسام چولپان ، كەينىمگە قارىسام ماشىنا . __ تېز ماشىننى ھەيدەپ كەلمەي نېمىگە قاراپ تۇرىسىز ؟ كەچ بولۇپ كەتتى ،__ دېدى چولپان . __ ئەمسە كەتمەي تۇرۇڭ ھە . __ تېز بولمىسىڭىز كېتىمەن . ئۇنىڭ ئاچچىقى يانغىننى كۆرۈپ كۆڭلۈم خۇش بولۇپ قالدى . نېمىشقىكىن ، بۇ قىزنى تۇنجى كۆرگەندىلا كۆزۈمگە ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالغان ئىدى . مەيلى گەپ -سۆزلىرى بولسۇن ، كۈلۈشلىرى بولسۇن ، يىغلاشلىرى بولسۇن ، قېيداشلىرى بولسۇن ، ھەممە يېرى يېقىشلىق ئىدى . گەرچە بۈگۈن يېرىم كۈنلا بىللە يۈرگەن بولساقمۇ ، كونا قەدىناسلاردەك چىقىشىپ قالغان ، ئۇ خاپا بولۇپ مېنى ساقلىماي ماڭغان چاغدا ، ئۇنىڭغا قىيالماي قالغانىدىم . ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ ، ئاپىسى قانچە تىللاپ كەتسىمۇ جىم تۇرۇپ بېرىشنى ، يىغلىغۇسى بولسا ، كۆڭلى يېرىم بولسا ماڭا تېلفۇن قىلىشنى تاپىلاپ ئۆيىنىڭ ئالدىدا چۈشۈرۈپ قويۇپ ، ئۇ كىرىپ كەتكىچە قاراپ تۇرۇپ ئاندىن ئۆيگە قايتتىم ، شۇ تاپتا ئىككى تەرەپتىن تىل ئاڭلايدىغان ئادەم مەن ئىدىم ، لېكىن ، مەيلى قانچىلىكلا گەپ ئاڭلاي ، بۈگۈنكى ئۇچرىششىم كۆڭۈللۈك بولغان ئىدى . __ دېگەندەك دادام بىلەن ئاپامنىڭ نۆۋەت بىلەن تەنقىدلىشىگە دۆچ كەلدىم ، ئاپام دوستىنىڭ ئالدىدا يۈزىنى چۈشۈرگىنىم ئۈچۈن يىغلاپمۇ ئۈلگۈردى ، ھوجرامغا كىرىپ تېلفۇننى ئېلىپ چولپانغا قىسقا ئۇچۇر قىلدىم : __ ئەھۋالىڭىز قانداق ؟ بەش مىنۇتلاردىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئۇچۇر قايتتى : __ ھەر ھالدا بولىدۇ .ئاپامغا ئۇ يىگىتنى تەسۋىرلەپ بەرگەن ، بەك كايىپمۇ كەتمىدى . __ شۇنداقمۇ ، نەگە بارغىنىڭىزنى سورىمىدىما ؟ __ سورىدى . __ نېمە دېدىڭىز ؟ __ دوستۇم بىلەن كىنو كۆردۈم دېدىم . سىزچۇ ؟ __ مەن بىر مەيدان تەنقىدى تەربىيەنى قوبۇل قىلدىم . __ ئېغىرما ؟ __ بەكلا ئېغىر ، يىغلىغۇم كېلىۋاتىدۇ . __ئوغۇل بالىمۇ يىغلامدۇ ؟ __ ئەتە ماڭا مۇزقايماق ئېلىپ بەرسىڭىز يىغلىمايتتىم . __ مۇز قايماقنى ئادەتتە ئوغۇللار قىزلارغا ئېلىپ بېرىدىغاندۇ ؟ __ ئەمسە ئەتە چۈشتە ئىدارىڭىزنىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇرۇڭ ، سىزگە مۇز قايماق ئېلىپ بېرەي . __ ئەتە چۈشتە مېنىڭ ئىشىم بار . __ ئىشىڭىز تۈگىگىچە ساقلايمەن .ئەمسە شۇنداق بولسۇن . ئۇ رەت قىلۋەتسە نېمە دەيدىغىنىمنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ ، تېلفۇنغا خېلى ئۇزاق قاراپ تۇردۇم ، ئارىدىن يېرىم سائەتلەرچە ئۆتكەندە ئۇنىڭدىن «ماقۇل » دېگەن ئۇچۇر قايتتى . چولپاننى ھەققى لايىقىم سۈپىتىدە ئۆيگە باشلاپ بارغىنىمدا ئاپام بىلەن دادامنىڭ ئاغزى قۇلىقىغا يەتتى . ئۇلارنىڭ چولپاننى قىزىم دېسە قىزىم دېيىشلىرىدىنلا ئۇنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقى چىقىپ تۇراتتى . بىر كۆرۈشۈشتىلا قەلبىمدىكى سەنەمنىڭ ئورىننى ئالالىغان بۇ مىھرى ئىسسىق قىز ئاپام دادامنىڭمۇ كۆڭلىنى ئۇتۇۋالدى . ئۇنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش چىرايلىق ئاپىسىمۇ مېنى ياقتۇرغان بولغاچقا ، ھېچبىر توسالغۇسىزلا تويىمىز بولۇپ كەتتى . يېڭىدىن سېتىۋالغان بىر يۈز يىگىرمە كۇۋادرات مىتىرلىق ئۆيۈمنىڭ ھۆسنىگە چولپان تېخىمۇ ھۆسۈن قوشقان ، مەنمۇ قايتىدىن بەختىمنى تاپقان ، قىزىم ئۈچ ياشقا كىرگەندە شېركەتنى شەھەرگە يۆتكەپ ، كەسىپ تۈرىنى كېڭەيتىپ خېلى كاتتا غوجايىن بولۇپ قالغان ئىدىم . كەسپىتىمۇ ، تۇرمۇشتىمۇ خاتىرجەم ئۆتۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە شۇنچە يىلدىن بېرى ئۆزىنى كۆرسەتمىگەن سەنەمنىڭ تۇيۇقسىزلا كۆز ئالدىمدا پەيدا بولۇپ قالغىنى تۇرمۇشۇمغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىم بولسىمۇ ، قەلبىمنىڭ ئەڭ پىنھان جايلىرىدا جىمجىت ياتقان ئەسلىمىرىمىز تۇيۇقسىزلا ئويغىنىپ ، خىياللىرىمنى چېچىپ قويىۋاتاتتى . *** __ ئەركىن ، كەچتە ئىشتىن چۈشكەندە ئازراق قوناق ئۇنى ئالغاچ كېلىڭە ، ئىشتىن چۈشەي دېگەندە ئايالىمنىڭ بويرۇتمىسى يەنە كېلىشكە باشلىدى ،_ ھېلىقى چاۋشىدىن ئېلىڭ جۇمۇڭ . __ كىچىككىنە قوناق ئۇنىنى دەپ يەنە شۇ يەردە پەيدۇي تۇرامدىم ؟ __ كىچىككىنە بولسا نېم بوپتۇ ، يەيدىغان نەرسىنىڭ سۈپىتىدىن مەسلە كۆرۈلسە قانداق قىلىمىز ؟ __ نېمە قىلاتتىڭىز قوناق ئۇنىنى ، سىز يا ئۇماچ ئىچىشنى ياقتۇرمىسىڭىز . __ بۈگۈن توردىن بىر خىل بولكا پىشۇرۇشنى ئۆگەنگەن قاراڭ ، قوناق ئۇنىدا قىلسا ياخشى بولىدىكەن ، ھەم ئورۇقلىتىدىكەن ، ھەم يېيىشلىك بولىدىكەن . __ ماقۇل . ئۆيدە ھېچ ئىش قىلمىساممۇ مەيلى ئىدىكى ، ئۇنىڭ بويرۇتمىلىرىنى ئالغاچ بېرىشىم چوقۇم ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپە ئىدى . قىلماي دېسەم ، مۇشۇ كەمگىچە ئاشخانىنىڭ ئىشىكىدىن بېشىمنى تىقىپ باقمىدىم ، بىر تال پايپاق چاغلىق نەرسەمنى يۇيۇپ باقمىدىم ، بىرەر قېتىم ئەخلەت تۆكۈپ باقمىدىم ، پول سۆرتكۈچنى نەگە قويدىغىننىمۇ بىلمەي كەلدىم . ئايالىمنىڭ بىردىنبىر تەلەپ قىلىدىغىنى ، ئاشۇ تاللا بازىرىدىن ئۇ بويرۇتقان لازىمەتلىكلىرىنى ئېلىپ كېلىشلا ئىدى . چۇنكى ئۇنىڭ ئىدارىسى ئۆيگە يېقىن بولغاچقا ئىشتىن چۈشۈپ ئۇدۇللا ئۆيگە كىرىپ تاماققا تەمشەلسە ، مېنىڭ شېركىتىم چاۋشىغا يېقىن بولغانكىن ، ئاستىمدا ماشىنا بولغانكىن ، ئالىدىغاننى مەن ئالغاچ بارسام ناھايتى توغرا بولارمىش . ماتىماتىكا كەسپىدە ئوقۇغان بوغالتىر ئايالىم ۋاقىتنىمۇ فورمۇلاغا سېلىپ ھېسابلاپ ، ئۆينىڭ ھەممە ئىشىنى ماتىماتىكىلىق ئۇسۇل بويىچە باشقۇرغاچقا ئۇ قىلغان ئىشتىن ھېچقانداق چاتاق چىقمايتتى . خالىمىساممۇ ، تاللا بازىرىغا بېرىپ ، قوناق ئۇنىنى ئېلىپ قايتىپ چىقىۋېتىپ ، سەنەمنىڭ ماشىنىىسنىڭ تېخىچە ھېلىقى ئورنىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم . قارىماققىلا ماشىننى توختىتىپ قويغىلى بىر قانچە كۈن بولغاندەك قىلاتتى . سەنەم ماشىنىسىنى ئالغىلى كەلمىدىمۇ نېمە ، نەدە توختاتقىننى ئۇنتۇپ قالدىمۇ يا ؟ ئۇنىڭ قايسى كۈنىدىكى ئۇنۇتقاقلىقىغا قارىغاندا ماشىننى توختىتىپ قويغان يېرىنى ئۇنتۇپ قالغان بولۇشىمۇ مومكىن .ئۇنىڭ يان تېلفۇن نومۇرىنى بىلمەيتتىم ، بىراق ، قايسى كۈنى تېلفۇنى ماشىنامدا قالغاندا ئۇنىڭ ئۆيىدىن ئۇرغان نومۇرنى كۆرگەن ، نېمىشقىكىن ، ئۇ يەتتە خانلىق نومۇر ئېسىمدە قالغان ئىدى . تېلفۇن ئۇرۇش ياكى ئۇرماسلىق ئۈستىدە خېلى ئۇزاق ئىككىلەنگەندىن كېيىن ئاخىرى ئېسىمدە قالغان نومۇرنى باستىم . مەيلى ئېرى ئالسۇن ياكى ئۆزى ئالسۇن ماشىننىڭ تاللا بازىرىنىڭ ئالدىدا قالغانلىقىنى ئېيتىپ قويۇش مەسئولىيىتىم بار دەپ ئويلاپ ئۇلىنىش كونۇپكىسىن باستىم . تېلفۇن خېلى ئۇزاق سايرىغاندىن كېيىن بىر ئايالنىڭ بوغۇق ئاۋازى ئاڭلاندى : ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ __ ۋەي __ ۋەي ، سەنەم بارمۇ؟ __ مەن شۇ __ مەن ئەركىن ، ماشىنىڭىز تاللا بازىرىنىڭ ئالدىدا قالغانچە ئېلىپ كەتمەپسىز ، ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ ياكى ۋاقتىڭىز يەتمىدىمۇ ؟ قارىشى تەرەپ جىمىپ كەتتى ، بىر دەمدىن كېيىن كەينى -كەينىدىن چۈشكۈرگەن ، يۆتەلگەن ئاۋاز ئاڭلاندى . __ ۋەي ...مىجەزىڭىز يوقما ؟ __ ئازراق زوكام تېگىپتىكەن ، ماشىننى ئالغىلى بارالمايۋاتىمەن . __ يولدىشىڭىزچۇ ؟__ ئويلىماي دەپ سالغان گېپىمنى قايتۇرۋالغىلى بولمىدى ، خەقنىڭ يولدىشى بىلەن نېمە ئىشىم مېنىڭ ، يولدىشىنىڭ ماشىننى ئەكەتكۈسى بولسا مەن ئەسكەرتىش بەرمىسەممۇ ئاللىقاچان ئېلىپ كەتمەمتى . __ مېنىڭ يولدىشىم يوق ، مەن ئۆيدە يالغۇز ،__ سەنەمنىڭ ئاۋازى بەكلا بوغۇلۇپ قالغان ، ئېغىر ھاسىراپ تۇراتتى . __ دوختۇرخانىغا ئاپىرايمۇ ؟ __ بولدى ئەركىن ، مەن بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن ، ساقىيىپ قالىمەن . تېلفۇن ئۈزۈلدى ، مەنمۇ ماشىنىنى ھەيدەپ ئۆيگە قايتتىم . لېكىن ، كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە سەنەمدىن ئەنسىرەپ قالغانلىقىمنى ئىنكار قىلالمايتتىم . ئۇنىڭ ئېغىر ھاسىراشلىرى ، يۆتىلىشلىرىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىدىم ، قېشىدا ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم يوقلۇقىنىمۇ بىلدىم . بىلىپ تۇرۇپ ياردەم قىلمىسام ياخشى بولمامدۇ قانداق ، مۇھەببەتلەشكەننى دېمىگەندىمۇ ساۋاقداشقۇ بىز ئاخىر . __ نەگە بارىسىز ،__ ئاشخانىدا بولكا پىشۇرۋاتقان ئايالىم سىرتقا ماڭغىنىمنى كۆرۈپ سورىدى . __ ئىشخانىغا بېرىپ كېلەي __ مۇشۇ كەچتىما ؟ __ ئەسلى خېرىدارغا ئەتە چۈشتىن كېيىن تاپشۇرماقچى بولۇپ كېلىشكەن لايھەنى ئەتە ئەتىگەن تاپشۇرىشىمىزنى تەلەپ قىلىپ تېلفۇن قىپتۇ ، بېرىپ ئىشلەپ پۈتكۈزۋېتىپ كېلەي . __ بېلىق شورپىسى قىلغان ، ئىچىپ بولۇپ مېڭىڭ . __ كېلىپ ئىچەي . ئايالىمغا ئەزەلدىن راست گەپ قىلىپ كەلگەن ئىدىم ، سەنەم بۇ شەھەردە پەيدا بولغاندىن بېرى ئىككى قېتىم يالغان ئېيتتىم ، بۇنىڭغا سەنەم سەۋەبچى ئەمەس ئەلۋەتتە ، ئايالىمنىڭ كۆڭلىنى ئاغىرتماسلىق ئۈچۈن . سەنەمنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىمدە ئۇ ئوت كاۋاپ بولۇپ قىززىپ كەتكەن ئىدى . ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپارماقچى بولىۋېدىم ئۇ ئۇنىمىدى ، بۇ كەچتە يات بىر ئايالنى دوختۇرخانىغا ئەكىرىپ يۈرسەم ، شەھەردە خېلى تونۇلۇپ قالغان ماڭىمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى ، شۇڭا ئارتۇقچە تارتىشىپ ئولتۇرمايلا دورىخانىغا بېرىپ دورا ئەكەلدىم ، سۇ قايناتقۇچتىن قايناقسۇ قۇيۇپ ، ئۇنىڭ بېشىنى يۆلەپ دورىسىنى ئىچكۈزدۈم ، ئاندىن لۆڭگىنى يىلمان سۇغا چىلاپ يۈزىنى ، قولىنىڭ ئالقانلىرىنى سۈرتتۈم . ئاندىن شوۋىگۈرچ قايناتتىم ، شوۋگۈرۈچنى قاينىتىپ قويۇپ ، سەنەمنىڭ قېشىغا كىرگىنىمدە ئۇ ئۇخلاپ قالغانىدى .بىر قولىدا ياستۇقى قېشىدا تۇرغان ، تۈكلىرى سارغىيىپ قالغان ئاق توشقان قونچاقنى چىڭ تۇتۇۋالغان ئىدى . بۇ توشقانچاقنى ئەينى يىلى مەن ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغانىدىم ، __ توشقانچاققا ئامراقلىقىمنى قانداق بىلدىڭىز ،__ دېگەن ئىدى ئۇ كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ . __سىزنىڭ ئامراق نەرسىلىرىڭىزنى بىلمىسەم سىزنى قانداق كەلتۈرەلەيتتىم ،__دېگەن ئىدىم مەنمۇ مەغرۇر كۈلۈپ . ئۇ رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن ئىككى قۇلىقىمنى تۇتۇپ تۇرۇپ ، لېۋىمگە سۆيۈپ قويغان ئىدى . گەرچە ئارىدىن ئون ئىككى يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ، توشقاننىڭ تۈكلىرى ئازراق سارغىيىپ قالغان بولسىمۇ ، يەنىلا چىرايلىق ۋە پاكىز تۇرغان ئىدى . ئاللىقاچان توي قىلىپ كەتكەن سەنەمنىڭ بۇ سوۋغامنى ھازىرغىچە ساقلاپ كەلگەنلىكىدىن تەسىرلىنىپ ، ئۇنىڭ ئوتتەك قىززىق قوللىرىنى ئالقانلىرىم ئارىسىغا ئالدىم . __ ئەركىن ...ئەركىن ... __ سەنەم ، مەن يېنىڭدا سەنەم ... __ مېنى تاشلىۋەتمە ...قولۇمنى قويۇۋەتمە ...مېنىڭ ئۇ ئادەم بىلەن توي قىلغۇم يوق ... __ سەنەم .... __ مەن ....ئاپامنى سېغىندىم ....مەن ئۆيۈمگە كېتىمەن ... ئۇنىڭ كۆزىدىن ئاققان ياشلىرىنى سۈرتۈۋېتىپ ، بايىقىدىنمۇ بەك قىززىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم ۋە كىيىم ئىشكابىدا ئېسىقلىق تۇرغان مامۇق چاپىننى ئۇخلاش كېيىمنىڭ ئۈستىگە كېيگۈزۈپ ، كۆتۈرۈپ پەسكە ئېلىپ چۈشتۈم ۋە ماشىننىڭ ئارقا ئورۇندۇقىغا ياتقۇزۇپ ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردىم . __ بىمار ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بوپتۇ .قىززىۋاتقىلى نەچچە كۈن بولدى ؟ __ بىلمەيدىكەنمەن ، بىرەر ھەپتە بولۇپ قالدىمىكىن . __ سىز يولدىشى تۇرۇپ بىلمەمسىز ؟ __ مەن ...،__ مەن يولدىشى ئەمەس دېمەكچى ئىدىم ، لېكىن يېرىم كېچىدە كۆتۈرۈپ كىرگىنىمنى بىر مۇنچە سۆز بىلەن چۈشەندۈرۈشكە توغىرا كېلىدىغىنى ئۈچۈن گەپ قىلمىدىم . سەنەمنى بالنىستا ئېلىپ ، قولىغا ئاسما ئوكۇل سانجىلىپ بىرەر سائەت ئۆتكەندە قىززىتمىسى ئازراق ياندى ، سېستىرا ئۇنىڭ قېشىدىن ئايرىلسام بولمايدىغانلىقىنى ، چوقۇم بىر ئادەمنىڭ ھەمراھ بولۇش كىرەكلىكىنى ئېيتقاچقا شۇ كۈنى كېچىچە ، ئەتىسى كېچە -كۈندۈز ئۇنىڭ قېشىدا تۇرۇشۇمغا توغرا كەلدى ، ئايالىمغا كاماندۇرۇپكىغا چىقىپ كەتتىم دەپ ، شېركەتتىكىلەرگە مىجەزىم يوق بولۇپ قالدى دەپ ئىككى كۈننى ئۆتكۈزۈپ ، ئۈچىنچى كۈنىگە كەلگەندە سەنەم كۆزىنى ئاچتى . __ ئويغاندىڭىزما ، ئاخىر كۆزىڭىزنى ئاچتىڭىز ،__ دېدىم ئۇنىڭ يۈزلىرىنى سىلاپ . __ بۇ قەيەر ، سىز بۇ يەردە نېمىش قىلىسىز ؟__سەنەم ھەيرانلىق بىلەن ئەتىراپىغا قاراپ چىقتى ،__ دوختۇرخانىدا ئىكەنمەنغۇ .مېنى سىز ئەكەلدىڭىزما ؟ __ ھەئە . __ ئانچىكىم قىزىپ قالغانغىمۇ بالنىستا ياتقۇزدىڭىزما ؟ __ ئانچىكىم قىزىپ قېلىش ئەمەس ، ئۆپكە ياللۇغى بوپسىز ، يولدىشىڭىز يېرىم كېىچدە ئەكەلدى ، يەنە ئازراق كېچىككەن بولسا ...،__ئاسما ئوكۇلنى ئالماشتۇرۋاتقان سېستىرا سەنەمگە شۇنداق دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
6-قىسىم
ئۇنىڭ «يولدىشىڭىز »دېگەن گېپىدىن ئىككىمىز بىر -بىرىمىزگە قارىشىپ قالدۇق ، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئولتۇرۇشقان بولسىمۇ يەنىلا شۇنداق چىرايلىق ئىدى ، يەنە شۇنداق مىھىرى بىلەن باقاتتى ، __ سىزگە رەھمەت ،__دېدى ئۇ كۆزلىرىنى كۆزۈمدىن ئېلىپ قېچىپ ،__ مەن ئۈچۈن ئاۋارە بوپسىز . __ تۈزۈت قىلماڭ ، بىز دېگەن ساۋاقداش تۇرساق . __ قايتىپ كېتىڭ ، ھېلىمۇ نەچچە كۈن ھەمراھ بوپسىز . __ بۇ پەستىكى ئاشخانىنىڭ تېلفۇن نومۇرى ، تېلفۇن ئۇرسىڭىزلا تاماقنى ئەپچىقىپ بېرىدۇ . __ ماقۇل . __ ئىش بولسا تېلفۇن قىلىڭ . __ ئەركىن ...،__ ئىشىكتىن چىقىۋاتقىنىمدا سەنەمنىڭ چاقىرغان ئاۋازى بىلەن قەدىمىمنى توختىتىپ كەينىمگە بۇرۇلدۇم . __ ھە . __ رەھمەت سىزگە ،__ سەنەمنىڭ ئاۋازى پىچىرلىغاندەك چىقتى ، ئۇنىڭ كۆزىدىن دومىلاپ چۈشكەن ئىككى تامچە ياشنى سۈرتىۋەتكۈم بار بولسىمۇ ، ئۆزۈمنى زورىغا بېسىپ چىقىپ كەتتىم . سەنەم شۇ پېتى تېلفۇن ئۇرمىدى ، ئۇنىڭ قاچانلاردا بالنىستىن چىقىپ كەتكىننى ، سالامەتلىكىنىڭ تولۇق ئەسلىگە كەلگەن كەلمىگەنلىكىنى بىلگۈم كېلىپ ، ئۇنىڭ نومۇرىنى نەچچە قېتىم بېسىشقا تەمشىلىپ يەنىلا ئۆزەمنى تۇتۇۋالدىم . ئۇنىڭغا يەنە تېلفۇن ئۇرۇپ ئىزدەيدىغان يولۇم يوق ئىدى ، ئايرىم كۆرۈشسەكمۇ بولمايتتى ، ئۆتكەن ئىككى قېتىملىق كۆرۈشۈشتە ، ئۇنىڭ مېنى ئەسلەپ تۇرۇۋاتقىنى ، مەنمۇ ئۇنى ئۇنتۇپ كەتتىم دەپ ئويلىغان بىلەن ، ئۇنىڭ قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدا يەنىلا ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ، ئۇنى كۆرگەن ھامان ئەسلىمىلەرنىڭ يەنە روشەنلىشىپ كېتىدىغانلىقى ئايان بولۇپ قالغان ئىدى . قەھىرتان قىش ئۆتۈپ ، ھاۋا ئوبدانلا ئىسسىپ قالدى ، مەجنون تاللار كۆكىرىپ ، ئۆرۈكلەر چېچەك ئېچىپ ، ئەتىراپنى باھار ھېدى قاپلىغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆرۈمچىدىكى ساۋاقدىشىمىز شۆھرەتنىڭ تويى بولدى . شۆھرەت ئۆز ۋاقتىدا سىنىپىمىزنىڭ سەركىسى ئىدى ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىنمۇ كىمنىڭ تويى بولسا شۇنىڭغا قاتنىشىپ ، قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىپ ، ساۋاقداشلارنى يىغىپ چاي قىلىپ ئۆتكەن بولغاچقا ، ئۇنىڭ تويىغا سىنىپتىكى ھەممىلا ساۋاقداشلارنىڭ كېلىشى ئېنىق ئىدى . ئۇنىڭ بىلەن بىر ياتاقتا ياتقان مەنمۇ چوقۇم نەچچە كۈن بۇرۇن بېرىپ ،قارىشىپ بېرىىشم كىرەك ئىدى . ئايالىم شۇ كۈنلەردە ئىدارىسى تەرپىدىن ئىچكىرىدىكى بىر ئايلىق كورسسقا قاتنىشۋاتقان بولغاچقا ئۇ بارالمايتتى . دېگەندەك ، سىنىپتىكى قىرىق بەش ساۋاقداشتىن ئوتتۇز توققۇزى يىغىلغان بۇ توي بەكمۇ قىزىدى ، ئەسىلدىمۇ ، مۇناسىۋەت دائىرسى كەڭ ، ئۇزاققىچە توي قىلماي يۈرگەن بۇ قېرى يىگىتنىڭ تويىغا كەلگەن مىھمانلار كۆپ ئىدى . سىنىپ بويىچە ئەڭ ئاخىردا توي قىلغان بۇ ساۋاقدىشىمىزنىڭ تويىنى تازا قىزىتىش ئۈچۈن ساۋاقداشلار پۇخادىن چىققۇچە ئوينىدوق . ئارىدا سەنەم بىلەنمۇ نەچچە قول تانسا ئوينىدىم . لېرىك مۇزىكا چىقسىلا كۆزۈمنىڭ قىزلار تەرەپكە ، توغىرسى سەنەم تەرەپكە كېتىۋاتقىنى سىزىپ تۇراتتىم ، لېكىن ، ئۆزەمنى كونتورل قىلىشقا ئامالسىز ئىدىم . مۇشۇ ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزگە گۇۋاھچى بولغان ، ئىككىمىزنىڭ قانچىلىك شېرىن ئۆتكىنىمىزنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىلەتتى ، ھەممىسى بىزنى توي قىلىدو دەپ ئويلىغان ، مېنىڭ سەنەم ئۈچۈن ، سەنەمنىڭ مەن ئۈچۈن ئۆرۈمچىدە قالغىنىمىزنى ، خىزمەت تاپقىچە ئارلىقتا بىر موچەنگە زار بولۇپ ئۆتكىنىمىزنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىلگەن ئىدى ، بىزگە ھەۋەس قىلىشقان ئىدى ، بىزنىڭ بەختلىك بولالايدىغانمىزغا ئىشەنگەن ئىدى . لېكىن ...لېكىن ...بىز توي قىلالمىدوق ، سەنەم باشقا بىرىگە تېگىپ كەتتى ، مېنى رەھىمسىزلەرچە تاشلاپ قويۇپ باشقا بېرسى بىلەن توي قىلىۋالدى ، مەنمۇ باشقا بىرسى بىلەن توي قىلدىم ، سەنەم ئۈچۈن كۆيۈۋاتقان ئوتنى ئۆچۈرۈپ ، چولپان ئۈچۈن كۆيدۈم . لېكىن ... سەنەمنىڭ ئوتى ئۆچمىدى ، تۇنجى مۇھەببەتنىڭ ئوتى ئۆچمىدى ، تۇنجى سۆيۈشنىڭ ئوتى ئۆچمىدى ... __ سالامەتلىكىڭىز قانداقراق ؟__ تانسا ئويناۋېتىپ سەنەمدىن سورىدىم ،__بالنىستىن چىققاندا ماڭا تېلفۇن بېرىدۇ دەپ ئويلىغان ، لېكىن ، جىممىدە چىقىپ كېتىپسز . __ سىزنى ئاۋارە قىلماي دېدىم ئەركىن . __ سىز ئۈچۈن ئاۋارە بولسام خوش بولىدىغىنىمنى بىلمەمسىز ؟ __ ئەركىن ...مەس بولۇپ قاپسىز . __ توغرا مەن مەست بولدۇم ، شۆھرەتنىڭ بەختىنى كۆرۈپ ھەۋەس قىلىپ مەست بولۇپ كەتتىم ، ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش مەكتەپتە مۇھەببەتلەشكەنلەر ئىدى ، ئون يىل بىر -بىرىنى ساقلاپ ئاخىرى مۇرادىغا يەتتى . بىزچۇ ؟ بىر يىلمۇ ساقلىشالمىدۇق ، بىر ئېغىز تىنىپ قويۇشقىمۇ يارىمىدۇق ، سەن باشقا بىرسىگە تېگىپ كەتتىڭ ، مەن سېنىڭ باشقىلارنىڭ قوينىغا كىرىپ كېتىۋاتقىنىڭغا كۆزۈمى پارقىرىتىپ قاراپ تۇردۇم ، بىز مۇشۇنداق ۋەدە بېرىشكەنما ؟! __ ئەركىن ، بولدى ئوينىمايلى ، مەست بولۇپ قاپسىز . __ نېمە ، مېنى يەنە يېرىم يولدا تاشلاپ قويۇپ قاچماقچىما ؟ بېشىم قىيىپ كېتىۋاتاتتى ، شۇنداقتىمۇ سەنەمنىڭ قوللىرىنى چىڭ تۇتۇپ تۇراتتىم ، ئۇنىڭ قولىنى قويىۋەتسەملا مېنى تاشلاپ قېچىپ كېتىدۇ دەپ ئويلايتتىم ، بىر چاغدا بىر كىملەرنىڭ يۆلەشتۈرۈشى بىلەن بىر ماشىنىغا چىقتىم ۋە كىيىملىرىم سالدۇرۇلۇپ ئۈستۈمگە يوتقان يېپىلغاننى تۇيۇپ تۇردۇم .. شۇ تاپتا مېنىڭ كېيىمىمنى سالدۇرۋاتقان ئادەمنىڭ سەنەم بولۇشىنى، ئۇنىڭ قۇچىقىمدا يېتىشىنى بەكمۇ ئارزۇلاپ كېتىۋاتاتتىم ، ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرىۋېرىپ ئاغزىم قۇرۇپ كەتسىمۇ ، ئۇ ھە دەپمۇ قويمايتتى . ئەتىسى ئەتىگەندە مىھمانخانىدا بېشىم چىڭقىلىپ ئاغىرغان ھالدا ئۇيقۇدىن ئويغاندىم . ئورنومدىن تۇرۇش خوش ياقماي ياتسام ئايالىمدىن تېلفۇن كەلدى . __ ئۈندىدارىڭىزغا ئۇچۇر قىلسام جاۋاب قايتۇرمايسىزغۇ ، تېخىچە ئۇخلاۋاتامسىز ؟ __ ھازىر ئويغاندىم ، سىزچۇ ، دەرستىن چۈشتىڭىزما ؟ __ چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولۇپ ياتاققا ماڭدىم . __ چۈش بولۇپ كەتتىما ،__ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرغانچە دەرىزە پەردىسىنى قايرىدىم .__ چۈشتە شۆھرەتنىڭكىگە بارماقچىتىم مەن ، كىچىكتىممۇ نېمە ؟ __ ئەخمەق ، بۇ يەردە چۈش بولدى ، سىزگە يەنە ئىككى سائەت بار . __ ھە راست . ئېسىم قۇرۇسۇن ، __ ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ ناشتا قىلىڭ ئەمسە . __ ماقۇل . تېلفۇننى قويۇپ ئۈندىدارنى ئاچتىم ،ئئۈندىدارغا ئۇچۇرلار يېغىپ كەتكەن ئىدى : __ ئويغاندىڭىزما ، مىجەزىڭىز ياخشىمۇ ؟__ بۇ سەنەم ئىدى . __ ئاداش ، سەنەمنى ھازىرغىچە ئۇنتۇپ كېتەلمىدىڭمۇ نېمە ؟__بۇ ئەخمەت ئىدى . باشقا قىزلارمۇ ، ئوغۇللارمۇ ئاخشامقى مەستچىلىكتە دېگەن گېپىمنى تەكرارلىشىپ ، سەنەمنى ئويلاۋەرمەي ئايالىمغا سادىق بولۇش ھەققىدە سۆز قالدۇرغان ئىدى . ھەتتا بەزى مازەكلەر مېنىڭ سەنەمنىڭ قولىنى قويىۋەتكىلى ئۇنىماي تۇرۇۋالغان يەرلىرىمنى ۋىدىيو قىلىپ يوللاپمۇ قويۇشقان ئىدى . ھېچكىمگە جاۋاب قايتۇرغۇم كەلمەي ئورنۇمدىن تۇردۇم . بۈگۈن چۈشتە ساۋاقداشلار جەم بولۇش تامىقى يېيىشىدىغانغا كېلىشكەن ئىدوق ، شۇڭا يۇيۇنۇپ ، ساقاللىرىمنى قىرىپ ، كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ ئىشىكتىن چىقتىم . بۈگۈن بەزى ساۋاقداشلىرىمىز ئالدىراپ قېلىپ قايتىپ كەتكەچكە ئون نەچچەيلەن قالغان ئىدوق، سەنەمنى ئاخشام مەندىن رەنجىپ قايتىپ كېتىپ قالغانمىدۇ دەپ ئاياللار ئولتۇرغان ئۈستەلگە يوشۇرۇن نەزەر سالدىم . ئۇ كەتمىگەن ئىدى، قىزىل كۆينەك ئىچىدە ھەممە قىزلاردىن ياش ھەم چىرايلىق ئولتۇراتتى ، ئۇ مېنىڭ ئۆزىگە قاراۋاتقىنىمنى كۆرۈپ ماڭا قاراپ سۇس جىلمىيىپ قويدى ، چىرايىدىن خاپا بولغاندەك ئەمەس ئىدى . __ قاچان ماڭىسز ، تەڭ مېڭىپ قالساق مەن ئالغاچ كېتەي ،__ دېدىم تاماق يەپ چىقىۋاتقاندا. __ ئەتە ماڭىمەن ، بۈگۈن ئاي سۇلتاننىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئەمەسمۇ ، كەچتە شۇنىڭغا قاتنىشىۋېتىپ ، ئەتە ئەتىگەندە ماڭىمەن . سىزچۇ ؟ __مەنمۇ ئەتە قايتىمەن ، بۈگۈن بىز ھەمكارلاشقان بىر شېركەتكە بارىدىغان ئىشىم بار . __ ئەمسە ئەتە ماشىنىڭىزدا ھەقسىز قايتىۋالدىكەنمەن دە ،__سەنەم كۈلدى . ساۋاقداشلار بىلەن خوشلىشىپ ، شېركەتنىڭ ئىشىنى بىجىرىپ بولغاندا كۈن ئولتۇرغان ئىدى ، ئاخشام تۈزۈك ئۇخلمىغاچقا بۈگۈن بالدۇرراق ئارام ئېلىش ئۈچۈن ياتاققا قايتتىم ، كارۋاتقا چىقىپ سوزۇلۇپ يېتىپ قىزىم بىلەن ئايالىم بىلەن سىنلىق پاراڭلاشقاندىن كېيىن ساۋاقداشلار توپىنى ئېچىپ شۆھرەتنىڭ توي سۈرەتلىرىنى كۆرۈشكە باشلىدىم ، سۈرەتلەر ئارىسىدا سەنەم بىلەن ئىككىمىزنىڭ تانسا ئويناۋاتقان سۈرىتىمىزمۇ خېلى كۆپ ئىدى . توي سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ بولۇشۇمغا ئاي سۇلتاننىڭ تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرۇشىنىڭ سۈرەتلىرى ئارقا -ئارقىدىن ئۇچۇپ كېلىشكە باشلىدى . ئاي سۇلتان ئاجىرىشىپ كەتكەچكە ، تۇغۇلغان كۈنىگە قىزلارنىلا تەكلىپ قىلغان ئىدى . ئۇلار شۇنچىلىك خۇشال كۆرۈنەتتى ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى سەنەم ھەرگىزمۇ توي تۇرمۇشىدىن تەلىيى كەلمىگەن ، ئۆزى يالغۇز بىر ئۆيدە ياشاۋاتقان بەختسىز ئايالغا ئوخشىمايتتى ،سالاپىتى ، لاتاپىتى بىلەن باشقا قىزلاردىن پەرىقلىنىپ تۇراتتى . توپتا دېيىلۋاتقان پاراڭلاردىن قىزلارنىڭ تارقىغانلىقىنى بىلىپ تۇردۇم ، سەنەمنىڭ قەيەردە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلگۈم بار ئىدى . تۈنۈگۈنكى تويدا ۋە بۈگۈن جەم بولۇشتا ئەخمەتنىڭ ئۇنىڭغا باشقىچە يېقىنچىلىق قىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ، ھازىرغىچە ئۈچ خوتۇننى يولغا سېلىپ بولغان ئەخمەتنىڭ سەنەمنىمۇ قىلتاققا دەسسىتىشىدىن ئەنسىرەپ قالغانىدىم . سەنەمگە ئۇچۇر قىلىشتىن ئۆزەمنى تارتىپ ئەخمەتكە ئۇچۇر قىلدىم . __ قايتىپ كەتتىڭمۇ بارمۇ ؟ ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ __ بار ، ئىش بارمىدى ؟ __ ئىش بولمىسا گەپ قىلسام بولمامدىكەن ، كەچتە قايتمىغانلار تاماق يېيىشەيلىمۇ دەپ قالغان ، كېلەمسەن ؟ __ بولماسمىكىن ، كەچتە موھىم بىرىنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ قويغان . __ كىمنى ؟ __ بىر قىز ساۋاقدىشىمىزنى . __ شۇ كىمنى دەۋاتىمەن ؟ __ بىلىشىڭ زورۇرمىدى ؟ بىلىپ قوي ئەركىن ، ھازىر سېنىڭ ئايالىڭ بار ، بالاڭ بار ، سەنەمنى يەنە مەندىن تالىشىپ يۈرمە ! __ سەنەم ھەر ئىككىمىزنىڭ ساۋاقدىشى ، ئۇنىڭغا يامان خىيالدا بولما ! __ ئۇنى ئالىمەن ، چېكەمگە گۈل قىلىپ قىسىمەن ، بۇ يامان خىيال ئەمەستو ؟ __ ئاغزىڭنى يۇم ! سەن ئۇنىڭ خىلى ئەمەس . __ ئەمسە سەن ئۇنىڭ خىلىما ؟ تېلفۇننى غەزەپ بىلەن قويدۇم ، ئۈچ خوتۇن ئېلىپ بولدى قىلماي ، يەنە سەنەمگە ساقال تاشلاپ يۈرگەن ئەخمەتكىمۇ ، ئەخمەتنىڭ قانداقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن تاماق يىمەكچى بولغان سەنەمگىمۇ ئاچچىقىم كەلگەن ئىدى . شۇ ئاچچىقتا سەنەمگە تېلفۇن قىلدىم . __ نەدە سىز ؟__ قوپاللا سورىدىم . __ ئاي سۇلتاننىڭكىدىن ھازىر چىقتىم ،نېمە بولدى ؟ __ ئەخمەت بىلەن تاماق يىمەكچىمىدىڭىز ؟ __ شۇ ...ئەخمەت شۇنداق دېگەن ...لېكىن ... __ يېرىم كۈن تۇغۇلغان كۈن سورۇنىدا ئولتۇرۇپمۇ قورسىقىڭىز تويمىدىما ؟ __ نېم بولدى ، نېمداق سەت گەپ قىلىسىز ؟ كىم بىلەن تاماق يىسەم سىزنىڭ نېمە كارىڭىز ؟ __ئەخمەت بىلەن كۆرۈشمەڭ ، دەرھال ياتىقىڭىزغا قايتىپ كېتىڭ ، ئۇقتىڭىزمۇ ؟ __ نېم كارىڭىز ، خوتۇننى باشقۇرىغاندەك باشقۇرۇپ كېتىدىكىنا ئادەمنى ! ئۇ تېلفۇننى قويۇۋەتتى ، بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق بىغەرەز يېرى بار ئىدى ئۇنىڭ ،، ھازىرمۇ ئۆزگەرمەپتۇ . ئەخمەت ئاران بىر كەلگەن پۇرسەتتە تاماق يەپلا بولدى قىلىدىغانلاردىن ئەمەس ، ھەر خىل ئاماللار بىلەن سەنەمگە نىيىتىنى بۇزۇشى مومكىن ئىدى . بالدۇرراق ئۇخلاش خىيالىمدىن ۋاز كېچىپ ماشىننى ھەيدەپ ، ئاي سۇلتاننىڭ تۇغۇلغان كۈننى ئۆتكۈزگەن رېستۇرانغا قاراپ ماڭدىم . سەنەمنىڭ بايىقى گېپىدىن ئۇ تېخىچە رېستۇران ئالدىدا بار ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى ، بەلكىم قىزلار خوشلىشىپ بولالمىغاندۇ ، ياكى بولمىسا ئەخمەت شۇ يەرگە ئالغىلى بارماقچىدۇ ؟ ئۆرۈمچىگە تولا كەلگەچكىمۇ چوڭ كىچىك يوللىرىنى پىششىق بىلەتتىم ، شۇڭا ماشىنا توسۇلۇپ قېلىش ئىھتىمالى ئاز يول بىلەن مېڭىپ ، بىردەمدىلا رېستۇران ئالدىغا كېلىپ بولدۇم . دېگەندەك بەش-ئالتە قىزلار شۇ يەردە پاراڭلىشىپ تۇراتتى . __ ماشىنىغا چىقىڭ ،قايتىپ كېتىمىز ،__دېدىم قىزلارنىڭ ئارىسدىكى سەنەمگە سىلىق ئاھاڭدا . __ ئەتە ماڭماقچى بولغانغۇ ؟ __ ئەتە ئەتىگەندە شېركەتتە موھىم يىغىن باركەن ، شۇڭا ھازىر قايتمىسام بولمايدىغان بولۇپ قالدى . سىز ھازىر قايتامسىز ياكى ئەتىمۇ ؟ __ مېنىڭغۇ ئىشىم تۈگىگەن ،__ سەنەم سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن قىزلار بىلەن خوشلاشتى،__ مەن تەييار ماشىنىدا قايىتىپ كېتىۋالاي قىزلار ، خوش . __ خوش . __ چامادانىم ياتاقتا قالغان ، بېرىپ ئېلىۋالاي ،__ سەنەم ماشىنىغا چىققاندىن كېيىن چىرايىنىمۇ ئاچماستىن دېدى . __ ئىككى كۈنلۈك ئىشقىمۇ چامادان سۆرەپ كەلدىڭىزما ؟ __ ھەئە ، بولماپتىما ؟ __ بوپتۇ ، ياخشى بوپتۇ ،__ شۇ تاپتا ئۇنى ئەخمەتنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇپ قالغىنىم ئۈچۈن ئۇ ماڭا نېمىلا دەۋالسا مەيلى دەيتتىم . ئىككىمىزنىڭ ئون ئىككى يىلدىن كېيىن قايتا كۆرۈشكەن چاغدىكى تارتىنىشلىرىمىز ، قورۇنۇشلىرىمىز يوقاپ ، بۇرۇنقى ھالىتىمىزگە قايتىپ قالغاندەك ئىدوق . ئۇنىڭ ماڭا ئاچچىقلاشلىرى ھەرگىزمۇ ئۇنى ئىختىيارلىقىغا قويۇپ بەرمىگىنىم ئۈچۈن ئەمەس ئىدى . ئۇ پەقەت مېنىڭ قوپاللىقىمدىن قېيداپ قالغان ئىدى . قايسى مىھمانخانىغا چۈشتىڭىز ؟ __ شىياۋ بەيتۇغا . __ قەيەر دېدىڭىز ؟ __ ئاق توشقانغا ! __ راستلا شىياۋبەيتۇغا چۈشتىڭىزما ؟ __ ھەئە ، نېم بولدى ؟ __ مەنمۇ شۇ يەرگە چۈشكەن . سەنەمنىڭ كۆزلىرى ھەيرانلىقتىن يوغىناپ كەتتى : __ راستما ؟نەچچىنچى ياتاق ؟ __ 915 __ مېنىڭ 712 ھەر ئىككىمىز جىمىپ كەتتۇق ، 915ب بىزنىڭ يۈرگەن كۈنىمىز ئىدى . ئالدىنقى كۈنى ياتاق ئالغاندا كۆزۈم مۇلازىمەتچىنىڭ قولىدىكى كارتىلارنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى 915 دېگەن رەقەمگە چۈشكەندە ، ئىختىيارسىز مۇشۇ ياتاقتا يېتىشنى خالاپ قالغانىدىم ، تەلىيىمگە ئۇ يالغۇز كىشلىك ئالى دەرىجىلىك ياتاق ئىدى .سەنەم ئىككىمىز ماشىنىدىن چۈشكىچىمۇ ، لېفىت 7- قەۋەتكە چققىچىمۇ گەپ قىلىشمىدۇق ، 7-قەۋەتتە لېفىت توختىغاندا ، چۈشۈپ كەتمەكچى بولغان سەنەمنىڭ قولىنى چىڭڭىدە تۇتۇپ چۈشكىلى قويمىدىم ، سەنەممۇ ئارتۇقچە تارتىشمايلا مەن بىلەن توققۇزىنچى قەۋەتكە چىقىپ ياتقىمغا كىردى . __ سىز نەرسىلىرىڭىزنى يىغىشتۇرۋېلىڭ ، مەنمۇ چۈشۈپ تەييارلىق قىلاي ،__ دېدى سەنەم ئىككىمىز ئۈن -تىنسىز ئولتۇرغاندىن كېيىن . __ ئەتە يىغىشتۇرسىڭىزمۇ بولار ؟ __ بۈگۈن ماڭمىز دەۋاتاتتىڭىزغۇ ؟ __ شۇنداق دېمىسەم ئەخمەت بىلەن تاماق يىگىلى كېتەتتىڭىز . __ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشسەم نېمىشقا بولمايدۇ ، ساۋاقدىشىم تۇرسا ؟ __ مەن بىلەن تاماق يىسىڭىز بولامدۇ ، مەنمۇ سىزنىڭ ساۋاقدىشىڭىزغۇ ؟ __ تېخى تاماق يىمىدىڭىزما ؟ __ يىمىدىم . __ شېركەتتىكىلەر بىلەن كۆرۈشىمەن دېگەنتىڭىزغۇ ؟ __ شۇنداق دېدىم ، لېكىن ئۇلار بىلەن تاماق يەيمەن دېمىدىم . __ ئەمسە يۈرۈڭە ، تاماق يەپ كىرەيلى . __ تاماق بويرۇتۇپ يەيلىچۇ ، ھېرىپ كەتتىم . __ ماقۇل . ئىككىمىز مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا ئاچچىق لازىلىق توخو قورۇمىسى ۋە بىر نەچچە سوغۇق سەي بويرۇتتۇق ،تاماق كەلگىچە مەن كۈتكۈچىنى چاقىرىپ بىر بوتۇلكا قىزىل ھاراق بويرۇتتۇم . سەنەم تاماقلارنى تەخسىگە ئېلىپ ئۈستەلگە تىزدى ، مەن شامدانغا شام يېقىپ ، رومكىلارغا ھاراق قۇيدۇم . خۇددى ئون ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكى ھېلىقى ئاخشامدەك شام يورۇقىدا ئولتۇرۇپ تاماق يىدوق ، ئۇ چاغدا ئىچكەن سوغۇق ئىچىملىكنىڭ ئورنىغا قىزىل ھاراق ئىچتوق . سەنەمنىڭ تۈزۈت قىلمايلا رومكىنى كۆتۈرۋېتىشىگە قاراپ قالغىنىمنى كۆرگەن ئۇ : __ نېمە ، ھەيران قېلىۋاتامسىز ؟دېدى. __ راست ھەيران قالدىم ،__دېدىم يوشۇرۇپ ئولتۇرمايلا . __ ھەيران قالغىدەك نېمىسى بار ، مەندەك ئۆزى ياخشى كۆرگەن يىگىتىدىن ئايرىلىپ ، ئاتا -ئانىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن كۆڭلى چۈشمىگەن ئەرگە تېگىپ ، تويدىن كېيىن ئۆلگۈدەك تاياق يەپ ، ئاجىرشىپ ، نەچچە يىللاردىن بېرى تۇل ئولتۇرغان بىر ئايالنىڭ ھاراق ئىچكىنىگە ھەيران قالغىدەك نېمىسى بار ئەركىن ؟
7-قىسىم
نەچچە يىللاردىن بېرى تۇل ئولتۇرغان بىر ئايالنىڭ ھاراق ئىچكىنىگە ھەيران قالغىدەك نېمىسى بار ئەركىن ؟ __ كۆڭلىڭىز چۈشمىگەن ئەر بىلەن نېمىشقا توي قىلدىڭىز سەنەم ، ئاتا -ئانىڭىز مەجبۇرلىسا قانۇن ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى قوغدىسىڭىز بولاتتىغۇ ؟ __ قانداق قوغدايمەن ، ئاتا -ئانامنى ئەرز قىلىمەنما ؟ __ ئۇنداق ئەمەس ، __ ئاپام مېنىڭ دەردىمدە يۈرەك تىقىلمىسى بولۇپ ، جىددى قۇتقۇزۇشتا ئارانلا قۇتۇلۇپ قالغان تۇرسا ، دادامنىڭ قان بېسىمى ئۆرلەپ ئاران تۇرسا ئۇلارغا يەنە قارشىلىق قىلسام ئۇلارنى ئۆلۈشكە مەجبۇرلىغان بولۇپ قالمايمەنمۇ ؟ __ ماڭا دېسىڭىز بولاتتىغۇ ، ئىككىمىز بىللە ئامال تاپاتتۇق ، ئاتا-ئانىڭىزنى قايىل قىلاتتوق . __ ئاپامغا سىزنىڭ گېپىڭىزنى چىقارسام كېسلى قوزغىلىپ قالدى بىلەمسىز ؟ ئۇ مېنىڭ يىراق يەرگە ياتلىق بولۇشۇمنى خالىمايدىكەن ، ئەگەر سىز مەن بىلەن بىزنىڭ ئۆيگە بېرىشنى خالىسڭىز ، ئويلىشىپ باقىدىغان بولغان ، لېكىن ، سىزگە گەپنىڭ ئۇچىنى چىقارساملا رەت قىلدىڭىز . __ مەن ئەھۋالنى بىلمەيدىغان تۇرسام ، ماڭا تولۇق دېمىگەن تۇرسىڭىز . __ سىزدە ئەيىب يوق ئەركىن ، ھەممىسى مېنىڭ خاتالىقىم ، ئاتا -ئانامنىڭ گېپىنى يىرالماي ، ھېلىقى ئەبلەخنى بولسىمۇ قايىل قىلارمەن دەپ ئويلاپ ، ئۇنىڭغا ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى دېدىم ، ھەتتا مۇناسۋېتىمىزنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكىننىمۇ يوشۇرۇپ ئولتۇرمىدىم ، ئۇ ھەممىنى ئاڭلاپ بولۇپ ،«سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارغا ھەقىقەتەن قول قويدۇم ، بىراق ، تويۇڭلارغا ئاتا -ئانىڭىز قوشۇلمىسا يەنىلا باشقا بىرىگە تېگىشكە مەجبۇر بولسىز ، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن ، ئەگەر تويدىن كېيىن ، بىر ھوجىرىدا تۇرۇشنى خالىمىسىڭىز ، سىز خالىغانغا قەدەر يول قويىمەن »دېدى . __ كېيىنچۇ ، ئۇ راستلا يول قويدىما ؟__ئالدىراپ سورىدىم . __ نەدىكىنى ، توي كۈنىلا مېنى مەجبۇرلاپ ، ئۇنىمىسام ئۇرۇپ ...،__سەنەم ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى ،__ ساق چاغدا ياخشى ، مەس بولسىلا «ماڭا ئۆزۈڭنى پاك تاپشۇرمىدىڭ »دەپ ئۇرىدۇ ، ئاشۇنداق تاياق يەۋېرىپ ئەنسىزلىكتە ياشاپ ، قويغان -تۇتقىنىمنى بىلمەس بولۇپ قالدىم ، يا ئاتا-ئانامغا دېيەلمەيمەن ، يا ئاجىرشالمايمەن ، ئۇ ئاتا -ئانامنىڭ ئالدىدا مېنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرۋالاي دەپ قالغاچقا ، ئۇلار مېنىڭ بەختلىك ئىكەنلىكىمگە ئىشىنىپ ، ئۇنىڭدىن ئاجراشقىلى قويمىدى . __ كېيىنچۇ ؟__ ئورنۇمدىن تۇرۇپ سەنەمنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتتۈم ، __ بىر كۈنى دادام ئۇنىڭ مېنى ئۇرۇۋاتقاننىڭ ئۈستىگە بېرىپ قالدى ۋە شۇ كۈنىلا ئاجىرشىپ كېتىشىمىزگە قوشۇلدى . ئاجىرىششنىغۇ ئاجىراشتىم ، لېكىن ، ئەھۋالىمنى بىلگەن ئاپام بىر يىقىلغانچە ئۆرە بولالمايلا كېتىپ قالدى ، ئانام كېتىپ بىر ھەپتە بولغاندا داداممۇ كېتىپ قېلىپ ، تىكەندەك يالغۇز قالدىم ، كېيىن ،نەۋرە ئىنىمنىڭ ساۋاقدىشى شەھىرىڭلاردا شېركەت قۇردى ، مەنمۇ شۇ شېركەتكە ئىشقا چۈشۈپ ، ئۆينىمۇ كۆچۈرۈپ كەلدىم . سەنەم سۆزدىن توختاپ جىمىپ قالدى ، ئۇنىڭ قىزىل ھاراقنىڭ تەسىرىدە سەل قىزىرىپ قالغان يۈزى شام يورۇقىدا تېخىمۇ گۈزەل كۆرىنەتتى . كۆزىدىن ئاققان ياش مەرۋايتتەك يالتىرايتتى ، چىرايلىق ئەگمە قېشىغا ، تال -تال كىرپىكلىرىگە ، ئادەمگە مىھىرى بىلەن باقىدىغان ، ياش تامچىلىپ تۇرغان كۆزلىرىگە ، چىرايلىق يۈزىگە خۇددى ئون ئىككى يىل بۇرۇنقىدەك تويماي قارايتتىم ، ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنى ئالقانلىرىم بىلەن سۈرتتۈم ، قولۇم ئۇنىڭ يۈزىگە تەگكەندە ئۇنىڭ چىرايلىق لەۋلىرى ئۆمچىيىپ ، كۆزىدىن يەنە ياش تۆكۈلدى . كۆيۈپ يېرىمى تۈگەپ قالغان شام پات -پاتلا پاراسلاپ كېتەتتى ، ئېگىز پۇتلۇق رومكىدىكى ھاراق سەنەمنىڭ مەڭزىدەك قېپ -قىزىل تاۋلىنىپ تۇراتتى ، ئۈستەل ئۈستىدىكى 915دېگەن رەقەم ئون نەچچە يىل بۇرۇنقى 9-ئاينىڭ 15- كۈندىكى ھېلىقى ئاخشامنى ئەسلىتەتتى ، شام يورۇقىدا تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كەتكەن سەنەم خۇددى بۇرۇنقىدەكلا مېنى ئۆزىگە تارتىپ تۇراتتى . ئىككىمىز رومكىمىزنى كۆتۈرۈپ بىر -بىرىمىزگە ئۈنسىز تىكىلىپ تۇرغاندا سەنەمنىڭ تېلفۇنى جىرىڭلدى، __ ۋەي ، نەدە سىز سەنەم ،مېنى بەك ساقلىتىۋەتتىڭىزغۇ ؟__ بۇ ئەخمەتنىڭ ئاۋازى ئىدى ، __ مەن قايتىپ كەتتىم ئەخمەت . __ سىزنى ئەركىن ئېلىپ كەتتىما ؟ ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇڭ سەنەم ، ئۇ سىزگە ۋاپا قىلمايدۇ . __ ئەخمەت ، مېنىڭ كىم بىلەن كېتىشىم بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن . __ نېمىشقا كارىم بولمايدىكەن ، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن ، سىزنى ئالىمەن ، ئەركىندىن سوراپ بېقىڭە ، سىزنى مەنچىلىك ياخشى كۆرەمدىكىن ؟ چىداپ تۇرالماي سەنەمنىڭ قولىدىكى تېلفۇننى يۇلۇپ ئېلىپلا ۋارقىرىدىم : __ كىم مېنى سەنەمنى ياخشى كۆرمەيدۇ دەيدۇ ، مەن ئۇنى سۆيىمەن ، خۇددى ئون نەچچە يىل بۇرۇنقىدەكلا سۆيىمەن ! تېلفۇننى قويغان چېغىمدا سەنەم ماڭا ھاڭۋېقىپ قاراپ قالغان ئىدى ، مەن تېخى مەست بولۇپ قالمىغان ئىدىم ، ئاغزىمدىن نېمىلەرنىڭ چىقىۋاتقىننى بىلىپ تۇراتتىم ، ماڭا تېخىچە تىكىلىپ تۇرغان سەنەمنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ دېدىم : __ بايا ئەخمەتكە دېگەنلىرىم ھەممىسى راست ، سىزنى ئۇنتۇپ كېتەلمىدىم . __ مەنمۇ شۇ ... مەن سەنەمنى تارتتىممۇ ياكى سەنەم ماڭا تاشلاندىمۇ ، ئىككىمىز چىڭڭىدە قۇچاقلىشىپ ، لەۋلىرىمىز جۈپلەشتى ، ئون نەچچە يىل بۇرۇنقى مېنى تۇنجى سۆيۈشنىڭ لەززىتىدىن مەستخۇش قىلغان لەۋلەر قايتىدىن مېنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلدى ، مۇشۇنداق شام يورۇقىدا ماڭا ئۆزىنى بېغىشلىغان قىز يەنە قۇچىقىمدا بېلىقتەك پىلتىڭلاپ مېنى يەنە بىر قېتىم بىھوش قىلدى . *** توي قىلغاندىن بېرى كۆڭلۈمنىڭ پىنھان بىر يەرلىرىدە سەنەمنى ئانچە -مۇنچە ئەسلەپ قويغىنىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا چولپانغا يۈز كېلەلمىگىدەك ئىش قىلىپ باقمىغان ، چولپانغا ئاسىلىق قىلىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ، سەنەمنىڭ ئىككىنچى قېتىم قەلبىمگە بۆسۈپ كىرىپ ، مېنى قايتىدىن ئەسىر قىلىۋېلىشى چۈشۈمگىمۇ كىرىپ باقمىغان ئىدى . توي قىلىپ سەككىز يىل بولغاندا تۇرمۇشۇم قېلىپتىن چىقىپ كەتتى ، دەسلەپكى كۈنلەردە ئۆزەمنى چولپانغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ ، ئۆيگە بالدۇر كېلىپ ، ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ ، سوۋغات بېرىپ ، كۆڭلىنى رەنجىتمەسلىككە تىرىشپ ، ئۆيدىكى ۋاقىتتا سەنەم بىلەن ئالاقە قىلماي غىتىمنى قىسىپ يۈرگەن بولساممۇ ، كېيىنچە ، يۈرىكىم خېلىلا يوغىناپ قالدى ، چولپان ئاشخانىدا تاماق ئېتىۋاتقاندا مەن سەنەم بىلەن ئۇچۇرلىشىپ ، مۇھەببەتلىك پاراڭلارنى قىلىشىپ، كۆرۈشىدىغان ۋاقىت ۋە ئورۇننى بېكىتىش بىلەن ئالدىراش ئىدىم ، چولپان مېنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىمدىن بىخەۋەر ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش ئىدى ، قاچىلارنى يۇيۇپ بولسا ، كىر ئالغۇنىڭ ئىشى ، كىرلەرنى يۇيۇپ بولسا ، يۈزىگە ئۇنى بۇنى سۈرتۈش ، چاپلاش بىلەن ئاۋارە ئىدى ،مېنىڭ نېمە قىلۋاتقىنىمغا قىزىقمايتتى ، ماڭا بولغان مۇئاملىسدىن ئۇنىڭ ھېچ ئىشنى بىلمىگەنلىكىنى ئۇقۇپ ، سەنەم بىلەن مۇھەببەتلىك تۇرمۇشنىڭ ھوزۇرىنى ئەركىن -ئازادە سۈرۈۋەردىم . شېركەتنىڭ خېرىدارلىرىنىڭ كۆپۈيۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئالدىراش بولۇپ كەتكىنىم ، كەچلىكى يىغىننىڭ جىقلاپ كەتكىنى ، خېرىدارلار بىلەن كۆرۈشىدىغىنىم ، ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەيدىغىنىم ...ۋاھاكازالار ، ھەممىسى مېنىڭ ئۆيگە كەچ قايتقىنىمنىڭ ياكى قايتمىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى قىلىشقا يېتىپ ئاشاتتى . چولپان ئەزەلدىن مېنىڭ راستلا شېركەتتە ئىكەنلىكىم ياكى ئەمەسلىكىمنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمەيتتى ، ئاشۇ ئالدىراشچىلىقتىن كىرگەن كىرىمنىڭ ھېساۋاتىنى ئالمايتتى ، ئۇنىڭ بىلىدىغىنى ، مەن ھەر ئايدا ئەكىرىپ بەرگەن پۇللارنىڭ قانداق ئىشىلتىشكىلا باش قاتۇراتتى . شۇنداق قىلىپ سەنەم بىلەن قايتا تېپىشۋالغىنىمىزغا ، تۇنجى مۇھەببەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى باشلىۋالغىنىمىزغا يىل ئاتلاپ ، بىزمۇ خېلىلا كونا قەدىناسلاردىن بولۇپ قالدوق ، سەنەمنىڭ ئۆيى بار ئولتۇراق رايۇنىدا تونۇش بىلىشلەر كۆپ بولغاچقا شەھەرگە يېقىنراق يېزىدىن ئۆي ئىجارە ئېلىپمۇ ئۈلگۈردوق . سەنەم پۇل خەجلەشكە يامان ئىدى ، كېيىم ئېلىشقا ئالاھىدە قىزىقىشى بارمىكىن ، بىكار بولسىلا بازارغا چىقاتتى ، زىبو -زىننەت ، كېيىم -كىچەكلەرنى ئايىماي ئالاتتى ، «رومانتىك داچا »فىلىمىدىكى لى يىڭزەيدەك بىر ئېغىز ئۆينى مەخسوس كىيىم ، ئاياغ ، سومكا قويىدىغان قىلىپ بىزەتكەن ئىدى . بۇرۇن مېنى نامرات كۆرۈپ تاشلىۋەتكەن بۇ قىزغا ئۆزەمنىڭ ھازىر نامرات ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن ، ئۇنىڭ بارلىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا تىرىشاتتىم ، شۇنىڭ ئۈچۈن پۇل تاپمىسام بولمايتتى ، بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە تىرىشمىسام ، پۇلنى نەچچە ھەسسە ئاشۇرۇپ تاپمىسامبولمايتتى ، ئۇنىڭ نەزىرىدە مەڭگو قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان يالاڭتۆش بولۇپ قالغۇم يوق ئىدى . يەنە بىر تەرەپتىن ، ماتماتىكا ئوقىغان ، ئۆينىڭ بارلىق كىرىم -چىقىملىرىنى فورمىلاغا سېلىپ ھېسابلايدىغان ئايالىمغا بايقىلىپ قالسام بولمايتتى . *** نەچچە يىللىق تىرىشچانلىقىمنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنۈپ ، تىجارىتىم كۈندىن -كۈنگە روناق تېپىۋاتقان بولسىمۇ ، يېڭى -يېڭى لايھەلەرنى يولغا قويمىسام ، ئۆگەنمىسەم ، يېڭىلىقلارنى ياراتمىسام بولمايتتى ، شۇڭا ، ئىشلار بىرەر قۇر ئىزىغا چۈشۈپ ، مەن بولمىساممۇ ، نەچچە ئاي چاتاق چىقمايدىغان ھالغا يەتكەندە ، شاڭخەيگە لايھەلەش كەسپى بويىچە تەربىيلەش كورسسىغا تىزىملاتتىم ، شاڭخەيگە ئالتە ئايلىق ئۆگىنىش كورسسىغا بارىدىغانلىقىمنى ئاڭلىغان چولپان خۇشال بولدى ، ئۇنىڭ نەزىرىدە ، ئادەم چوقۇم يىراقنى كۆرىشى ، تىرىششى ، يېڭىلىق يارتىشى كىرەك ئىدى ، ئۇ ئىككى يىل بۇرۇنلا مېنى كونا مۇقامدا مېڭىۋەرمەي ، ئۆگىنىشىكە بېرىشقا دەۋەت قىلغان ، لېكىن مەن ھازىرقى نەتىجەممۇ خېلى يامان ئەمەس ، شېركەتتىكى يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەن ياشلارنىڭ لايھەسىمى ھازىرقى زاماننىڭ تەلىپىگە يېتىدۇ دەپ ئويلاپ ، ئۆگىنىشكە بېرىشقا ئىرەنشىمىگەن ئىدىم ،ماڭا گەپ ئاڭلىتالمىغان چولپان بۇ قېتىم مېنىڭ ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگىنىشكە بېرىش قارارىغا كەلگىنىمنى ئۆزىنىڭ گېىپىنى ئالغىنىم دەپ قاراپ ، خۇشاللىق بىلەن سەپەر تەييارلىقىمنى قىلىشقا كىرىشتى . بىراق ، سەنەمنىڭ يىغىسىغا چىدىماق قىيىنغا توختىدى ، ئون نەچچە يىللىق ھىجران ئازابىدىن كېيىن ئاران بىر تېپىشقاندا ، بۇ ئايرىلىش ھەر ئىككىمىزگە بەكمۇ ئېغىر كەلدى ، شۇنداقتىمۇ بىر كېچە ئۇخلىماي مۇڭدىشىپ ، ۋەدىلەرنى بېرىشىپ ، بىر -بىرىمىزنى بەزلىشىپ ، تويماي قارىشىپ ، بەكمۇ تەستە خوشلاشتوق . ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ *** شاڭخەي مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىنمۇ گۈزەل شەھەر ئىدى ، كېلىپ ، بىرەر ھەپتە بولا -بولمايلا بۇ يەرگە مىھرىم چۈشۈپ قالدى ، يامغۇر تولا ياغسىمۇ مىھرى شۇنچىلىك ئىسسق ئىدى ، كوچىغا پاتماي دېگىدەك كېتىپ بارغان ئادەملەر بىر -بىردىن ئالدىراش بولسىمۇ ، ئەدەبلىك ، مەدىنيەتلىك ، مىھىرلىك ئىدى . كېلىپ ئىككىنچى كۈنىلا دەرس باشلىنىپ كەتتى ، ئالدىنقى كۈندىكى سەپەر ھاردوقى چىقىپ بولالمىغان ، سەھەردە ئادەتتىكىدىن ئىككى سائەت بۇرۇن تۇرۇپ كەتكەن بولساممۇ ، كەيپىياتىم ياخشى ، روھلۇق ئىدىم ، سۆزلەنگەن ھەر -بىر مەزمۇننى ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇراتتىم ، پۈتۈن دېققىتىم بىلەن ئاڭلايتتىم ، چۇنكى ، بۇ كەسىپ ماڭا نان بەرگەن ، ماڭا ئۆزەمنى تونۇتقان ، بېشىمنى تىك تۇتۇپ ماڭغىدەك ، تۆت تەڭگە پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي خەجلىگىدەك تۇرمۇشقا ئىگە قىلغانىدى . قان -تەرىم بىلەن قۇرغان شېركەتنى باشقىلارغا تاپشۇرۇپ قويۇپ ، ۋاقتنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئۆگىنىش پۇرستىگە ئېرىشىش ماڭا ئاسانغا توختىمىغان ئىدى ،شۇڭا پۇرسەتنى چىڭ تۇتمىسام ، ۋاقتىمنى قەدىرلىمىسەم ، مۇئەللىم سۆزلىگەن ھەر -بىر مەزمۇننى كاللامغا سىڭدۈرۋالمىسام ، قايتىپ بېرىپ ئەمىليەتتە ئىشلەتمىسەم ، شۇ ئارقىلىق سودامنى تېخىمۇ روناق تاپقۇزمىسام بولمايتتى. __ ئەجەبمۇ ئەستايىدىل يېزىپ كەتتىڭىزغۇ ، يۈرۈڭە تاماققا چىقايلى ،__ بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۈستلىمنىڭ يېنىدا تۇرغان چىرايلىق قىزنى كۆردۈم . __ تاماق ۋاقتى بولدى ، تاماق يەپ بولۇپ ئاندىن يېزىڭ ،__ قىز ئاپپاق چىشلىرىنى چىقىرىپ كۈلۈمسىرىدى . __ ماقۇل ،__ بۇ چىرايلىق قىزنىڭ شەھلا كۆزلىرىدىن ئەيمىنىپ قالدىممىكىن ، ئارتۇق گەپ قىلمايلا دەپتىرىمنى تارتمىغا سېلىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم . __ سىز بۈگۈن كەلگەن ئوخشىمامسىز ،__ دېدىم دەرس باشلانغاندىن بېرى بۇ قىزنى كۆرگىنىمنى ئەسلىيەلمەي ،__ نەچچە كۈندىن بېرى كۆرمىگەنتىم سىزنى . __ مەن كۈندە بارغۇ ، كۆرمەي قالغان ئوخشايسىز . __ سىزدەك چىرايلىق قىزنى قانداقسىگە كۆرمەي قالغاندىمەن ،__ كىچىك تىللىرىم يەنە ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ سايراشقا باشلىدى ،__ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىم ئۈچۈن بۈگۈن سىزنى مىھمان قىلاي . __ياقەي ، سىزنى ئاۋارە قىلسام قانداق بولىدۇ ؟ __ تازا ياخشى بولىدۇ ، بىر سىنىپتا بىللە دەرس ئاڭلاۋاتقىلى ھەپتە بولسىمۇ تونۇشماپتۇق ، بۈگۈن ساۋاقداشلىق يۈزىسدىن بولسىمۇ بىرە ۋاقلىق تاماقنى بىللە يىسەك ھېچنېمە بولماس . __ ماقۇل ، ساۋاقدىشىم ، ئەمسە تۈزۈت قىلمىدىم . قىز ئوچۇق -يورۇق ، شوق ۋە چىرايلىق ئىدى ، پۈتۈن ئۇزايىدىن ئاياللىق لاتاپەت تۆكۈلۈپ تۇراتتى ، بۇلاقتەك كۆزلىرىدىن ، گۈل بەرگىدەك لەۋلىرىدىن ، ئۈنچىدەك چىشلىرىدىن ، قاش تېشىدەك سۈزۈك يۈزىدىن ، زىلۋا بەدىنىدىن ، مۆرىسىگە چۈشۈپ تۇرغان دولقۇنسىمان چاچلىرىدىن ، ئىشقىلىپ ، ھەممە يېرىدىن نازاكەت يېغىپ تۇراتتى . قىرىققا يېقىنلىشىپ قالغان مەن ، چولپان بىلەن سەنەمدىن ئىبارەت ئىككى گۈزەلنى ئىككى ئالقىنىمدا كۆتۈرۈپ يۈرگەن مەن ، تالاي چىرايلىق ئاياللارنى كۆرگەن مەن ئۇنداق نازاكەتلىك ، لاتاپەتلىك ئايالنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم . __ ئىسمىڭىزنى سورىسام بولامدۇ ؟__ دېدىم تاماق يەۋېتىپ . __ گۈلبوستان . __ ۋاھ ، ئىسمىڭىز بىر گۈل ، ئۆزىڭىز بىر گۈل ئىكەنسىز . __ گەپكە ئۇستىكەنسىز ،__ دېدى ئۇ نازاكەت بىلەن كۈلۈپ . گۈلبوستان تىرىشچان ، ئەقىللىق ئىدى ،مېنىڭدەك باش كۆتۈرمەي خاتىرە يېزىپ ئولتۇرمىسىمۇ ، ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئەستە تېزلا ئېسىدە ساقلىيالايتتى ، شوڭىمىكىن ، كۆزەينىكىنى بۇرنى ئۈستىگە قويېۋىلىپ دەرس سۆزلەيدىغان ئاقباش مۇئەللىممۇ ، ئىشخانىدىكى ئىشلار فىلىمىدىكى لالە دېرىكتورغا ئوخشاپ كېتىدىغان قىسقا چاچ ئايال مۇئەللىممۇ ، سىنىپتىكى ھەر مىللەتتىن بولغان ساۋاقداشلارمۇ ئۇنىڭغا ئامراق ئىدى . ئۇنىڭ كەينىدە قالماسلىق ئۈچۈن مەنمۇ تىرىشىپ ئۆگىنەتتىم ، خۇددى ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىدەك ، كېچە -كېچىلەپ كىتاب كۆرەتتىم ، تولا ھاللاردا ، گۈلبوستان بىلەن پىكىرىمىز بىر يەردىن چىقىپ قالاتتى ، لايھەرىمىزنى بىر -بىرىمىزگە كۆرسىتىپ ، ئۆز -ئارا پىكىر بېرىشىپ ئوبدانلا چىقىشپ قالغان ۋە بىلىپ بىلمەيلا تاماققا بىللە چىقىدىغان ، بىرىمىزنىڭ ئىشى تۈگىمىسە يەنە بىرىمىز ياردەملىشىدىغان ، كەچلىكلىرى شاڭخەي كوچىلىرىنى بىرلىكتە سەيلە قىلىدىغان بولۇپ قالدۇق . سەيلە قىلغاچ ئائىلىمىز ھەققىدە پاراڭلىشىپمۇ قالاتتۇق. گۈلبوستان بىر قېتىم توي قىلىپ ئاجرىشىپ كەتكەن ئىكەن ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن دېگەن گەپنى ئاڭلاپ ھاڭۋېقىپ قالدىم : __ سىزدەك چىرايلىق ، خۇش پىئىل ئايال بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن قانداق ئەر ئۇ ؟__ دېدىم ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپلا . __ قانداق ئەر بولاتتى ، ياخشى كۆرۈشۈپ ، مۇھەببەتلىشىپ ، مۇھەببەت ئۈچۈن ئاتا -ئانىدىن ۋاز كېچىپ توي قىلغان ئېرىم ،__ ئۇ بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا كىرپىكلىرىدە ئېسىلىپ قالغان ياش تامچىسى مەڭزىگە دومىلاپ چۈشتى . __ شۇنداق ياخشى كۆرۈشۈپ تۇرۇپ ، نېمىشقا .... __ مۇھەببەتكە قورساق باققىلى بولمايدىكەن ، مۇھەببەت ئۈچۈن سوققان يۈرەكنى ئۆي قىلىپ ئولتۇرغىلى بولمايدىكەن ،__ ئۇ ئېغىر ئوھ تارتىپ قويدى ،__ ئۇ مەن ئۈچۈن ئاتا -ئانىسى بىلەن ئادا -جودا بولۇپ چىقالىغىنى بىلەن ، مەن ئۈچۈن ياخشى تۇرمۇش ئاتا قىلالمىدى . مائاشى ئاز بولسىمۇ مۇقىم خىزمەت قىلغۇسى كەلمىدى ، يا مېنى ئىشلىگىلى قويمىدى . مېنى باقىمەن دەيدۇ ، لېكىن ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق . بىر يەردىن ئىش تاپسا ئۇزاق بولسا ئىككى ئاي ، بولمىسا ئون كۈندە ئىشقا چىدىماي قايتىپ كېلىدۇ . دەسلەپكى يىلىغۇ ئۆتۈپتۇق ، بىر -بىرىمىزنى ياخشى كۆرسەكلا باشقا ئىشلار بەرىبىر دەپ . ئىككىنچى يىلى بالىلىق بولدۇق . مۇقىم ئىش تاپقىچە باللىق بولماي تۇرايلى دېسەم ئۇنىمىدى ، مۇھەببىتىمىزنىڭ تۇنجى مېۋىسىنى ئالدۇرۋەتسەك بولمايدۇ دەپ . شۇنىڭ بىلەن بالا بىلەن ئۈچمىزنىڭ قورسىقى ئۇ ئون كۈن ئىشلەپ ، يىگىرمە كۈن لاغايلاپ يۈرۈپ تاپقان پۇلىغا تويمىدى . ئىككىمىز پاتقان كىچىك ياتاققا ئۈچىمىز پاتمىدۇق . بالا ئاغىرىپ قالسا دورا ئالىدىغانغا پۇل يوق ، گۈرۈچ ئالساق ، گۆش ئالىدىغانغا پۇل يوق . تاس قالدۇق قىشتا ئۆينى ئىسسىتالماي توڭلاپ قالغىلى . بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ، زىممىسىگە مەسئوليەت يۈكلەنسە تۈزىلىپ كېتەر دەپ كۈتكەن ئۈمىدلىرىم بىكارغا كەتتى . ئۇنىڭ بىر كۈندە نەچچە قېتىم ئېغىزىدىن چىقىپ تۇرىدىغان «سىزنى سۆيىمەن »دېگەن گېپىدىن بىر ۋاقلىق ئىسسىق سۇيۇقئاش تاتلىق تېتىيدىغان بولۇپ قالدى ، بالامنى كۈندە قۇچىقىغا ئېلىپ ، ئەركىلىتىپ باققانلىرى بالىنىڭ كۈندىن -كۈنگە ئاجىزلاپ كېتىۋاتقان تېنىگە دەرمان بولالمدى . ئاخىر بۇنداق مەسئوليەتسىز مۇھەببەتتىن بىزار بولۇپ ئاجىرشىپ كەتتىم . يەنىلا ئاتا -ئانامنىڭ ئۆيىدە بالام بېقىش تاپتى ، مېنىڭ چىرايىمغىمۇ قان يۈگۈردى . __ كېيىنچۇ ؟ __ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇمۇ ئاتا -ئانىسى بىلەن يارىشىپ قالدى ، ھازىرغىچە توي قىلمىدى .
8-قىسىم
_ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇمۇ ئاتا -ئانىسى بىلەن يارىشىپ قالدى ، ھازىرغىچە توي قىلمىدى . -قارىغاندا ھازىرمۇ سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئوخشايدۇ . -بىلمىدىم . لېكىن مەن مۇھەببەت دېگەن ئۇقۇمدىن بىزار . مېنىڭ ھازىر ئويلايدىغىنىم پۇل تېپىش ، پۇلۇم قانچە كۆپ بولسا بالامنى شۇنچە ياخشى باقالايمەن ، ئاپامغا ياخشى قارىيالايمەن . كۆڭلۈم خالىغان يەرگە بارالايمەن . -لېكىن ، كۆڭلىڭىز خالىغان ئادىمىڭىزنى تاپالمايسىز . -مېنىڭ كۆڭلۈم خالىغان ئادەم بىلەن بىر قېتىم مۇرادىمغا يېتىپ بولدۇم ، ئەمدى يەنە بىرىنى كۆڭلۈم خالاپ قېلىشى مومكىن ئەمەس . ئۇ بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا چىرايلىق كۆزلىرىدىكى ھەسرەت تۇمانلىرى ئارىسدىن ئۇنىڭ ھازىرمۇ ئاجىرشىپ كەتكەن ئاشۇ ئېرىنى ئۇنتۇيالمايۋاتقىننى كۆرگەندەك بولدۇم . مۇھەببەت ئەنە شۇنداق ئۇنتۇپ كەتكىلى بولمايدىغان ، بىر ئۆمۈر ئەسلەشكە ، سېغىنىشقا يېتىپ ئاشىدىغان نەرسە ئىدى . ئۇنى تۇتقىلى بولمايتتى ، كۆرگىلى بولمايتتى ، قانداقراق شەكىلدىكى نەرسە ئىكەنلىكىنى ، قويۇقمۇ ، سۇيۇقمۇ ، قاتتىقمۇ ، يۇمشاقمۇ بىلگىلى بولمايدىغان ئۇقۇم ئىدى . ئۇ بەدىنىمىزنىڭ قەيىرىگە جايلاشقىننى بىلگىلى بولمايدىغان قەلب ئاتلىق نامى ئۇلۇغ قەسىرىمىزدە بىر ئۆمۈر ياشايتتى . مۇھەببەتنىڭ ئۆزىنى كۆرگىلى بولمىغان بىلەن ئۇنىڭ ئوتى شۇنچىلىك يامان ئىدى ، بىر يۈرەكنى بىر ئۆمۈر كۆيدۈرۈپ ئۆتۈشكە ، زېھىننى خورىتىشقا ، كۆز ياشلارنىڭ تۆكىلىشىگە ، ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىنىشقا ، كېچە -كېچىلەپ ئۇخلاتماسلىققا يېتىپ ئاشاتتى . مېنىڭ سەنەم بولغان مۇھەببىتىم مېنى ئاشۇنداق قىينىغان ، چولپان بىلەن بولغان مۇھەببىتىم ماڭا بەخت شادلىقى ئاتا قىلغان ، ھەر ئىككىسىدىن ۋاز كېچەلمەيتتىم ، خۇددى، گۈلبوستان بۇرۇنقى ئۆزىنى باقالمىغان ئېرىنى ئۇنتۇپ كېتەلمىگەنگە ئوخشاش . *** ئالتە ئايلىق ئۆگىنىش ئاخىرلىشش ئالدىدا تۇراتتى ، بۇ جەرياندا ئۆگەنگەنلىرىم ئاز ئەمەس ئىدى ، قايتىپ بارغاندا شېركىتىمنىڭ سودىسىنى ئېقىن سۇدەك راۋان قىلالايدىغانلىقىمغا ئىشنەتتىم ، قولۇمدىكى گۈلبوستان بىلەن بىللە ئۈچ كۈن ئولتۇرۇپ يېزىپ چىققان پىلانىم ، لايھەمنى تىزلا ئەمىليەتكە ئايلاندۇرالايدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم . گەرچە ئالتە ئاي شېركەتتىن ئايرىلغان بولساممۇ ، ئىككى قېتىملىق ئۆيگە قايتقان ۋاقىتتا شېركەتنىڭ ناھايتى ياخشى يۈرۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم خاتىرجەم بولۇپ قالغان ئىدى . نەچچە كۈندىن كېيىن قايتىدىغانلىقىمنى ئاڭلىغان چولپان بىرىنچى بولۇپ مەن بارغان كۈنى نېمە تاماق يەيدىغانلىقىمنى سورىدى ، سەنەم بولسا ئۇنىڭغا قانداق سوۋغاتلىق ئالغىنىمنى ، ئالغان سوۋغىتىم ئاز بولۇپ قالسا ئۆيىگە كىرگۈزمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى . ھەر ئىككىسىنىڭ گەپ -سۆزلىرىدىن مېنى سېغىنغانلىقىنى بىلىپ ، كۆڭلۈم سۆيۈنۈپ قالدى ، سۆيگەن يارى يېنىدا بولسا ئۇ بىر بەخت ، يىراقتا بولسا ، سېغىنغانلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرسا ئۇمۇ بىر بەخت . سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپلا بىرنچى بولۇپ تېلفۇنغا قاراپ سۆيگىنىدىن كەلگەن ئۇچۇرىنى كۆرۈش تېخىمۇ تاتلىق بەخت . سەنەم كۈندە كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۇچۇر قىلاتتى، مېنى شېرىن خىياللارغا ئەسىر قىلىپ ئۇخلتىپ قوياتتى . چولپان بالدۇرراق ئۇخلىشىمنى تاپىلاپ ، تاڭ سەھەردە مەن ئۇيقۇمنى ئاچماستا ئۇچۇر يېزىپ بالدۇرراق تۇرۇپ ، بەدەن چېنىقتۇرۇشۇمنى ، ۋاقتىدا ناشتا قىلىشىمنى ئەسكەرتەتتى . ئۇلارنىڭ ئۇچۇرىغا كۆنۈپ قالغان ، بىرەر كۈن ئۇلارنىڭ ئۈندىدارى لىپىلدىماي قالسا ، كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالاتتى . لېكىن ، يېقىندىن بېرى ، تېلفۇنغا ئانچە قاراپ كەتمەيدىغان ، سەنەم بىلەن چولپاننىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئانچە تەلمۈرۈپ كەتمەيدىغان بولۇپ قالدىم ، چۇنكى مېنىڭ كۆزلىرىم ھازىر باشقا بىرىگە تەلمۈرىدىغان بولۇپ قالغان ، خىياللىرىمنى باشقا بىرى ئىگەللەپ كەتكەن ئىدى ، يەنە نەچچە كۈندىن كېيىن گۈلبوستان بىلەن ئايرىلىدىغنىمنى ئويلىسام ، ئۆگىنىش كورسسىنىڭ يەنە بىر يىللىق ، ھېچ بولمىسا يېرىم يىللىق ، بولمىدى دېگەندە بىر ئايلىق بولسىمۇ ئۇزىرىشىنى ، قايتىدىغان ۋاقتىمىزنىڭ كەينىگە سۈرۈلۈشىنى ئۈمۈد قىلاتتىم . شاڭخەي تولىمۇ گۈزەل شەھەر ئىدى ، گۈلبوستان بىلەن بىللە ماڭغان يوللار تېخىمۇ گۈزەل ئىدى .ئۇنىڭ بىلەن كۆپرەك بىللە تۇرۇۋىلىشنى ، گەپلىرىنى كۆپىرەك ئاڭلىۋېىلىشنى ، ئۇنىڭغا كۆپرەك قارىۋىلىشىنى ، سىماسىنى قارچۇقلىرىمغا ، قەلبىمگە سىڭدۈرۋېىلىشنى ئارزۇ قىلاتتىم . ئەتە ماڭىدىغان بولغاچقا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار جەم بولۇپ ئۇزىتىش تامىقى يېيىشتوق . بۈگۈن ئاياللار تېخىمۇ چىرايلىق ، ئەرلەر تېخىمۇ سالاپەتلىك بولۇپ كەتكەن ، ئاچچىقى يامان مۇئەللىملەرنىڭ چىرايى ئېچىلىپ يېقىملىق بولۇپ قالغان ئىدى . ئۇچىسىغا سۆسۈن رەڭلىك قىسقا يەڭ كۆينەك كېيگەن گۈلبوستان ئۇدۇلۇمدىكى ئۈستەلدەە ئاياللار بىلەن بىللە ئولتۇراتتى ، ئۇنىڭ ئاق سۈزۈك چىرايى سۆسۈن رەڭ ئىچىدە تېخىمۇ سۈزۈك كۆرۈنەتتى ، قۇلىقىغا ئېسىۋالغان چەمبەرسىمان ھالقىسى ، دولقۇنسىمان چاچلىرى ئارىسىدا يۇلتۇزدەك چاقنايتتى . ئۆزىگە قاراۋاتقىنىمنى سىزىپ قالغاندەك ئۇمۇ ماڭا قارىدى ، ئۇنىڭ بۈگۈن تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتكەن بۇلاقتەك كۆزلىرى كۆزلىرىمگە تىكىلدى ، ئۇنىڭ بىلەن بۈگۈن قانغۇچە پاراڭلاشقۇم ، بىللە سەيلە قىلغۇم بار ئىدى . تاماق يېيىلىپ بولۇپ ، ساۋاقداشلار بىر -بىرىمىزگە ئاق يول تىلىشىپ خوشلاشقاندىن كېيىن گۈلبوستان ئىككىمىز ياتاققا قاراپ يول ئالدوق . مەكتەپكە يېقىنراق يەردىكى بۇ مىھمانخانىدىن ياتاق ئالغان ئىككىمىزدىن باشقا ساۋاقداشلارمۇ كۆپ بولساقمۇ ، تاماقخانىدىن چىقىپ ھەممىسى كۆڭلى يېقىنلار بىلەن مېڭىپ كەتكەچكە گۈلبوستان ئىككىمىز يالغۇز قالدوق ، قەدەملىرىم ئېغىر ئىدى ، ياتاققا قايتساقلا ، كارىدورنىڭ ئىككى تەرپىدىكى قىيپاش ئۇدۇل كەلگەن ياتاقلىرىمىزغا كىرىپ كەتسەكلا ئەتە بىر -بىرىمىزنى كۆرمەيلا مېڭىپ كېتەتتوق . ئىككىمىز ئۈن -تىنسىز ئىدوق ، مېنىڭ يۈرىكىم ئۇنىڭغا تەلپۈنۈپ تۇرغانغا ئوخشاش ، ئۇنىڭمۇ ماڭا تەلپۈنىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم ، ئۇنىڭ ئاشۇ كۆزلىرى ماڭا بۇرۇنقىدەك ئەركىن قارىيالماس بولۇپ قالغانلىقىنى ، مېنىڭ ئالدىمدا بۇرۇنقىدەك شوقلۇق قىلماس بولۇپ قالغانلىقىنى مەن بۇرۇنلا بايقىغان ، ھەر ئىككىمىز كۆڭلىمىزدە بىلىپ ، تېشىمىزدا چاندۇرماي ئۆتىۋاتاتتۇق . گۈلبوستان سۆيۈشكە ئەرزىيدىغان ئايال بولسىمۇ ، مەن چولپانغا يەنە بىر قېتىم ئاسىلىق قىلسام بولمايتتى ، سەنەمنىڭ مۇھەببىتىگە قارا سۇۋىسام بولمايتتى ، ھېلىمۇ ئىككى ئايالنى بەخودەك سىغدۇرۇپ كەتكەن قەلبىمگە ئۈچىنچى بىر ئايالنى ئەكىرسەم بولمايتتى . شۇنچە ئالدىرماي ماڭساقمۇ مىھمانخانىغا بىردەمدە كېلىپ قالدۇق ، كەچ بولۇپ كەتكىنىگە قارىماي لېفىتتا ئادەم كۆپ بولغاچقا سىغدىلىپ تۇراتتۇق ، ئاشۇ سىغدىلىشلار ئىچىدە گۈلبوستان ماڭا چاپلىشىپ قالايلا دېگەن ، بەدىندىن كېلىۋاتقان شېرىن خۇشپۇراقتىن ئۆزەمنى يوقىتىپ قويايلا دەپ قالغان ئىدىم . 24-قەۋەتكە كەلگەندە لېفىت ئېچىلدى . بۇ چاغدا لېفىتتا ئىككىمىزلا قالغان بولساقمۇ يەنە شۇنداق يېقىن تۇرۇۋالغىنىمزنى سەزدىم ، پۇتۇمنى يۆتكىگۈم ، مېنى مەستخۇش قىلغان بۇ خۇش پۇراقتىن ئايرىلغۇم يوق ئىدى. ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ -كەلدۇق ،__ دېدى گۈلبوستان بوش ئاۋازدا ،__ ئۇ شۇ چاغدىلا ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ دەرھال ئۆزىنى ئوڭشىدى . ئىككىمىزنىڭ ياتىقى ئۇدۇل ئىدى . بۇ ھەرگىزمۇ تاسادىپىلىق ئەمەس ، مەن گۈلبوستان بىلەن شېركەتنىڭ كېيىنكى تەرەققىيات لايھەسىنى تۈزۈشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ، 19-قەۋەتتىن بۇ قەۋەتكە ، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ياتىقىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ياتاققا كۆچۈپ چىققان ئىدىم . ياتاق كۆچكەن چاغدا گۈلبوستانغا نىسبەتەن ھېچقانداق غەيرى خىيالدا بولمىغىنىمغا ، پەقەت ئۇنىڭ بىلەن دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا پىكىر ئالماشتۇرۇشقا قولايلىق بولۇشنىلا كۆزدە تۇتقىنىمغا ۋىجدانىم بىلەن كاپالەتلىك قىلالايتتىم . لېكىن بۈگۈن ئاخشام ئوخشىمايتتى ، مەن ئاللىقاچان ئۇنىڭغا باغلىنىپ قالغان ، ئاغزىمدا دېمىگەن بولساممۇ ، ھەركىتىمدە چاندۇرمىغان بولساممۇ ، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە ئەسىر بولۇپ قالغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلماي ئامالىم يوق ئىدى . -ياخشى ئۇخلاڭ ، ئەتە ئايرۇپىلانغا كېچىكىپ قالماڭ ،__ دېدى ئۇ ياتاقنىڭ ئالدىغا كەلگەندەك پىچىرلاپ . __ سىز ئاۋال كىرىپ كېتىڭ ،__ دېدىم مەنمۇ شىۋىرلاپ .ئۇ تىزرەك كىرىپ كەتسىلا ، مەنمۇ ياتىقىمغا كىرىپ كەتسەملا تاڭ ئېتىپ كېتەتتى . تاڭ ئېتىپ كەتسىلا كۆڭلۈمدىكى غەليانلار بېسىلىپ ئۆيگە قايتىپ كېتەتتىم ، چولپاننى كۆرسەم ، سەنەمنى كۆرسەم گۈلبوستاننى ئۇنتۇپ كېتەتتىم . __ خوش ،__ گۈلبوستان قولىنى يىنىك پۇلاڭلىتىپ قويۇپ ياتىقىغا كىرىپ ئىشىكنى ياپتى . ئۇ كىرىپ كەتسىلا مەنمۇ كىرىپ كېتىمەن دەپ ئويلىغان بولساممۇ ، پۇتلىرىم ئورنىدىن يۆتكەلمەيۋاتاتتى ، شۇ تاپتا يۈرىكىممۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇنىڭ ياتىقىغا كىرىپ كەتكەن ئىدى . ئۇنىڭ ياتىقى بىلەن مېنىڭ ياتىقىمنى ئايرىپ تۇرغان كارىدوردا قاتۇرۇپ قويغاندەك تۇراتتىم . شۇ تاپتا ئۆزەمنى تىلۋىزىيە تىياتىرىدىكى باش قەھىرمانلارغا ئوخشىتىپمۇ قالدىم .تىلۋېزۇردا شۇنداق چىقاتتى ، ئەر پىرسۇناژ بىلەن ئايال پىرسۇناژ بىر -بىرىنى ياخشى كۆرىدۇ ، لېكىن ، بىر -بىرىگە مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلماي بىرمۇنچە ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىدۇ ، خىزمەت مۇناسۋېتى بىلەن كاماندۇرۇپكىغا چىقىپ ، مۇشۇنداق ئۇدۇلمۇ -ئۇدۇل ياتاقلارغا ئورۇنلىشىدۇ ، بىزگە ئوخشاش ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايدۇ ، لېكىن ، ياتاقلىرىغا كىرىپ كېتىپ ، بىرسى ئىشكىنىڭ سىرتىدا ، بىرىسى ئىشىكنىڭ ئىچىدە بىر -بىرىگە تەلمۈردۇ . مۇشۇنداق كۆرۈنۈشلەردىكى ئەر پىرسۇناژلارنىڭ بوشاڭلىقىغا ، لىڭتاسمىلىقىغا ئىچىم سىقىلاتتى ، ئۆزى سۆيگەن ۋە ئۆزىنى سۆيگەن ئايال ئىشىك تۈۋىدە تەلمۈرۈپ تۇرسا ، گاچچىدە باغىرىغا باسماي ، مىسىلداپ تۇرغىنىغا ئاچچىقىم كېلەتتى . بۈگۈن مەنمۇ دەل شۇنداق كۆرۈنۈش ئۈستىدە تۇراتتىم . گۈلبوستان چوقۇم ھازىر ئىشىك تۈۋىدە ، ئۇ بەلكىم مېنىڭ ئىشىكنى چېكىشىمنى ساقلاۋاتقاندۇ ، بەلكىم بۇ ھاياتىمىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق كۆرۈششىمىز بولۇپ قالدىغاندۇ ، ئىشىكنى قانداقسىگە چېكىپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن ، ئويلىغىنىمدەك گۈلبوستان ئىشىك تۈۋىدىلا بولسا كىرەك ، قولۇم ئىشىككە تېگىشىگىلا ئىشىك ئېچىلدى ، ئۇنىڭ ئۇچىسىدا يەنىلا بايىقى سۆسۈن رەڭلىك يىپەك كۆينەك بار ئىدى ، پۇتىدىكى ئېگىز پاشىنىلىق ئاياغىنىمۇ سالمىغانلىقىغا قاراپ ئۇنىڭ راستىنلا مېنى ساقلاۋاتقىنىغا ئىشىنىپ قالدىم . __ ئارامىڭىزنى بۇزۇپ قويدۇممۇ ،__ دېدىم تىلىم كالۋالاشقاندەك بولۇپ . __ ياقەي ، مەن تېخى ياتمىغان __ كىرسەم بولامدۇ ؟ __ كىرىڭە ... ئىشىكتىن كىرىۋاتقاندا ئۇنىڭ بەدىنى بەدەنلىرىمگە تېگىپ كېتىۋىدى ، ئۇنىڭسىزمۇ ئاران تۇرغان ھېسياتىم بىراقلا ئەۋجىگە چىقىپ ، ئۇنى باغىرىمغا باستىم .ئۇنىڭ ئوتتەك يېنىپ تۇرغان بەدەنلىرى شۇ تاپتا ماڭا ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرغان ئىدى . *** شاڭخەيدە ئۆگەنگەنلىرىمنى ئەمىليەتكە بىرلەشتۈرۈپ ، يېڭىدىن لايھە تۈزۈپ ، مۇلازىمەت تۈرلەرنى كۆپەيتىۋېدىم ، نەچچە ئاي ئىچىدىلا نەتىجىسى كۆرۈلۈپ ، ئوخشاش كەسىپتىكىلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ قالدوق . كارتىدىكى كۈندىن -كۈندىن كۆپىيۋاتقان رەقەملەر بىلەن كۆڭلۈم توق ئىدى . چولپان ، سەنەم ، گۈلبوستاندىن ئىبارەت ئۈچ ئايال ، ياق ، ئۈچ گۈزەل ماڭا ئوخشىمىغان گۈزەل تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىپ تۇرغاچقا كۈندىن -كۈنگە ياشىرىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم ، بەزى ئاغىنلىرىمدەك قان بېسىم ، يۈرەك بېسىم ، يەنە بىر نەرسە بېسىملەر مەندە يوق ئىدى ، مۇشۇ كەمگىچە زوكام دارىسدىن باشقا دورا ئىچىپ باققىنىمنى ، كىسەل كارۋېتىدا بىرەر قېتىم يېتىپ قالغىنىمنى بىلمەيتتىم ، چىرايلىق ، خۇشپىئىل ئايالىم ئائىلەمنىڭ ، قىزىمنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالالايتتى ، ئوتى يامان تۇنجى سۆيگىنىم ھەر كۆرۈشكەندە بىر يېڭىلىق تۇيغۇسى بېرەلەيتتى ، بىرلا كېچە بىللە بولغان بولساقمۇ ، شۇ بىر كېچە بىلەنلا مېنى ئۆزىدىن ئايرىلالماس قىلىپ قويغان گۈلبوستان مېنى يېڭى مۇھەببەتلەشىۋاتقان يىگىرمە ياشلىق يىگىتلەرگە ئوخشىتىپ قويغان ئىدى . چولپاننىڭ كۈندىن -كۈنگە رەڭ تۈزەۋاتقان چىرايىدىن مېنىڭ قەلبىمدە ئۆزىدىن باشقا يەنە ئىككى ئايالنىڭ ئورۇن ئالغىننى سەزمىگەندەك قىلاتتى ، شېركەتنىڭ كىرىمىنىڭ ئېششىغا ئەگىشىپ ، ئۇنىڭ كارتسىدىكى پۇللار ئېشىپ ماڭغاچقىمىكىن ، ئۇنىڭ بازارغا چىقىدىغان ۋاقتى كۆپىيىپ قالغان ، ئەينەك ئالدىدا تۇرىدىغان ۋاقتى ئۇزراپ قالغان ، ھەتتا نەچچە قەدەملا كېلىدىغان ئىدارىسىگە ماشىنا ھەيدەپ بارىدىغان بولىۋالغان ئىدى . پىراۋىنى يېڭى ئالغان چېغىدا ماشىنا ئېلىپ بېرەي دېسەم «بىر ئائىلىگە ئىككى ماشىنا قىلىۋېلىپ نېە قىلىمىز »دەپ ئۇنىمىغان ئۇ ، بۇ يىل ئۆزى تەلەپ قىلىپ ماشىنا ئالغۇزغان ، ئالغاندىمۇ ئىككى يۈزمىڭ يۇەندىن تۆۋەن ماشىننى ھەيدىمەيمەن دەپ تۇرۇۋالغان ئىدى .ئۆزى ماشىنا ھەيدىگەندىن كېيىن ماڭا تاللا بازىرىدىن ئۇنى بۇنى ئالغاچ كېلىڭ دېمەيدىغان بولغاچقا ، مەنمۇ ئۆچىرەت تۇرۇشتىن قۇتۇلۇپ قالغىنىمدىن ، ئائىلە ئىشلىرىدىن ئۈزۈل -كېسىل ئازات بولۇپ كەتكىنىمدىن خۇشال ئىدىم . ئۇنىڭ كۈندىن -كۈنگە مۇلايىملىشىپ كېتىۋاتقىنىغا قاراپ ، ئۇنىڭ بۇنچە ھۆرمىتىگە ئېرىشكىنىم مەن تېپۋاتقان پۇلنىڭ كۈچى دەپ مەغرورلىنىپمۇ قالاتتىم. سەنەم يەنىلا ئوخشاش ئىدى ، ھەر ۋاقىت مېنى ساقلايتتى ، ماڭا ئەركىلەيتتى ، كۆرۈشۈش قەرەلىدىن ئېشىپ كەتسىلا خاپا بولاتتى ، خۇددى ئىككىمىز ئۆرۈمچىدە بىللە تۇرۇۋاتقان چاغدىكىدەكلا ئۆز قولى بىلەن خېمىر يۇغۇرۇپ لەغمەن ئېتىپ بىرەتتى . ئۈچ ئايالنىڭ قەلبىمدىكى ئورنى ئوخشاش بولسىمۇ ماڭا ئاتا قىلىدىغان خۇشاللىقى ئوخشىمايتتى ، ئۇلارغا ئوخشاش مۇئاملە قىلساممۇ ، بىر-بىرىنىڭ ئورنىغا قويالمايتتىم ، سەنەم تۇنجى سۆيگىنىم بولسىمۇ چولپاننىڭ ئورىننى ئالالمايتتى ، گۈلبوستان سەنەمدىن ياش ھەم چىرايلىق بولسىمۇ ، تۇنجى سۆيگۈنىڭ مىھىرىىدىن ۋاز كەچكۈزەلمەيتتى ، سەنەم بىلەن چولپاندىكى نازاكەت گۈلبوستانغا يەتمەيتتى ، ھەر ئۈچى ئۆزىنىڭ رولىنى ئۆزىنىڭ يولىدا جارى قىلدۇرۇپ ماڭاتتى ، ئۇلار مېنى مەركەز قىلغان ، لېكىن مەڭگۇ كېسىشمەيدىغان پاراللىل سىزىق ئىدى .ھاياتىمغا يېڭىدىن قوشۇلۇپ قالغان مەھلىيا بولسا ئۇ ئۈچىگە ئوخشىمايتتى ، ئۇنىڭ ماڭا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىنى پەقەت ياشلىقتىكى بىر مەزگىللىك قىزىقىش دەپلا بىلەتتىم ، ئۇنىڭ ئۇزاق قالمايلا پۇررىدە ئۇچۇپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم . لېكىن ، شۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ، ئۇنىڭدىن كېچەلمەيتتىم ، ئۇنىڭ بىر كۈلكىسى ئۈچۈن ، بوينۇمغا بىر قېتىم گىرە سېلىشى ئۈچۈن ، كۆزۈمگە تىكىلىپ تۇرۇپ «سىزنى سۆيىمەن »دېگەن گېپى ئۈچۈن ھەممىدىن كېچىشكە رازى ئىدىم . *** مەھلىيا مېنىڭ كاتىپىم ئىدى، ئۇ كېلىپ بىرە ئاي بولا بولمايلا ئەستايىدىللىقى ، زىرەكلىكى ، چاققانلىقى ، كەسكىنلىكى بىلەن كۆزگە كۆرۈنۈپ ، كاتىپلىقتىن دېرىكتۇ ياردەمچىلىكىگە ئۆسكەن ئىدى ۋە ئوچۇقلا قىلىپ : -كاتىپ بىلەن ياردەمچىنىڭ مائاشىنى ماڭىلا بەرسىڭىز ئىككى كىشلىك ئىشنىڭ ھۆددىسدىن ئۆزەم چىقالايمەن ،__ دېگەن ئىدى.
9-قىسىم
-كاتىپ بىلەن ياردەمچىنىڭ مائاشىنى ماڭىلا بەرسىڭىز ئىككى كىشلىك ئىشنىڭ ھۆددىسدىن ئۆزەم چىقالايمەن ،__ دېگەن ئىدى . دېگەندەك ئۇ ئىككى كىشلىك خىزمەتنىڭ ھۆددىسدىن تولۇق چىقىپ ، مېنىڭ قولۇمغا قول ، پۇتۇمغا پۇت بولۇپ كېلىۋاتاتتى . كەسپى ئىقتىدارى يۇقىرى ، كىشلىك مۇناسۋەتكە ماھىر ، گەپكە ئۇستا ، چىرايلىق ، يۈرەكلىك بۇ قىز پۈتۈن شېركەتتىكىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئىدى ، بۇنداق قابىليەتلىك ، ئوقۇش تارىخى يۇقىرى قىزنىڭ باشقا شېركەتلەرنىڭ قىزىقتۇرۇشىغا ئېزىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مائاشىنى ئۆزى دېگەندىنمۇ ئاشۇرۇپ بەردىم . ئۇنىڭغا ئامراق ئىدىم ، گېپىنى يىرالمايتتىم . تۇرمۇش بىلەن كەسىپنى ئارلاشتۇرۋالمايدىغان ، ھېسياتقا تايىنىپ ئىش قىلمايدىغان مەن ، قول ئاستىمدىكىلەرگە قاتتىق قول بولغان مەن مەھلىيانىڭ ئالدىدا پىرىنسىپىمدىن چەتنەپ كەتكەن ئىدىم . ئۇنىڭ ھەر -بىر ئېغىز گېپى ئورۇنلۇق بىلىنگەچكە دېگىننى راست قىلاتتىم ، مەن يوق چاغلاردا ئىشلارنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ قوياتتىم . شۇنداق قىلىپ ، ئۇ كېلىپ يېرىم يىلدىن ئاشقاندا ئون بەش كۈنلۈك توي رۇخسىتى ئالدى . ئۇ كېتىۋېدى ، ئىشخانىنىڭ ئىشى توختاپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم . مەھلىيا كېلىشتىن بۇرۇن تۇغۇت ئارىمىغا چىقىپ كېتىپ ، ئۆتكەن ھەپتە ئىشقا چۈشكەن بۇرۇنقى كاتىپنىڭ قىلغان ئىشلىرى كۆزۈمگە سىغمايدىغان ، ياردەمچىنىڭ مىس -مىسلىقىغا ئىچىم سىقىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى . ئۇلار ئىككىسىنىڭ مەھلىيا بىر ئادەم قىلىۋاتقان ئىشلارنى جايىدا قاملاشتۇرۇپ قىلالمىغىنىدىن خاپا بولاتتىم ، يازغان ماتىرياللىرى كۆڭلۈمگە ياقمايتتى . ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى دېتىمغا ياقمىغاچقا موھىم ماتىريالنى ئۆزەم تەييارلايمەن دەپ ئاخشاملىرى ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەيدىغان ۋاقتىم كۆپىيىپ كەتكەن ئىدى . بۈگۈنمۇ كېچە بولۇپ كەتكىنىگە قارىماي ئەتىكى يىغىننىڭ دوكىلاتىنى يېزىپ ئولتۇرسام يانفۇنۇم جىرىڭلىدى . ئېكراندا كۆرۈنۈپ تۇرغان « مەھلىيا » دېگەن ئىسىمنى كۆرۈپ ئالدىراپ تېلفۇننى ئالدىم . __ ۋەي مەھلىيا ... __ دېرىكتور ، دېرىكتور ...،__ تېلفۇندىن مەھلىيانىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى ،__ مېنى ئالغىلى كېلىڭ ...مېنى بۇ يەردىن ئەكىتىڭ ... __ مەھلىيا ، سىز قەيەردە ، ئورنىڭىزنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭ ، مەن ھازىرلا باراي ... __ قەيەر ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن ...مەن ...مەن ...ئەكرەم بىلەن توي خېتى ئالغىلى بارغان ، ئاندىن كېيىن ...كېيىن توي خېىتىنى قايتۇرۋەتكىلى باردۇق ... كېيىن ...ئەكرەم كەتتى ....مەن سودا ساراينىڭ ئاستىدىكى تورتخانىغا كىردىم ...باشقىسى ئېسىمدە يوق ... __ مەھلىيا ، ئورنىڭىزنى ماڭا يوللاپ بېرىڭ ... __ مەن ...مەن ...بىلمەيمەن ...مەن ھاراق ئىچتىم ...تېلفۇنۇمنى نەگە قويغىنىمنى بىلمەيمەن . __ تېلفۇن قولىڭىزدا مەھلىيا ، ئورنىڭىزنى ماڭا يوللاپ بېرىڭ ... ئۇ تېلفۇننى قويۇۋەتتى ، ئالدىراپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىرتقا يۈگۈردۈم ، تالادا سىمىلداپ يامغۇر يېغىۋاتاتتى .ماشىننى ھەيدەۋېتىپ مەھلىياغا قايتا -قايتا تېلفۇن قىلغان بولساممۇ ئۇلانمىدى ، ئۇنىڭ ئاۋازىدىن ئېغىر مەس ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى . ئۇنى قەيەردىن تېپىشنى بىلمەي ، تېلفۇن ئۇرۇپ ئالالماي تىتىلداپ كېتىۋېتىپ ، ئۇنىڭ سودا ساراي ئاستىدىكى تورتخانا دېگەن گېپى ئېسىمگە كېلىپ ، مەن بىلىدىغان تورتخانىلارنى كۆز ئالدىمغا تىزىپ چىقتىم . بۇ شەھەردە مەن بىلىدىغانلا تورتخانىدىن ئون نەچچىسى بار ئىدى ، سودا ساراينىڭ ئاستىغا جايلاشقىنىدىنلا بەش ئالتىسى بار تۇرسا ، قايسىدا بولغىيدى ئۇ ؟ ئۇنىڭ بايىقى گەپلىرىنى ئويلاۋېتىپ ، توي خېتىنى قايتۇرۋېتىپ تورتخانىغا كىردىم دېگەن گېپى ئىسىمگە كەلدى . دېمەك ، خەلىق ئىشلار ئىدارىسىگە يېقىنراق يەردىكى تورتخانىدا بولۇشى مومكىنلىكىنى پەرەز قىلىپ ، خەلىق ئىشلار ئىدارىسدىن بىر يول نېرىسىغان جايلاشقان تورتخانىغا قاراپ ماڭدىم . يولدا كېتىۋېتىپ ، يول ياقىسىدىكى دەرەخ تۈۋىدە ئولتۇرغان تونۇش گەۋدىگە كۆزۈم چۈشتى ۋە ماشىننى توختاتتىم . مەھلىيا قولىدا ئىچىملىك قۇتىسىنى تۇتۇپ دەرەخكە يۆلىنىپ ئولتۇراتتى، ئۈستىبىشى يامغۇردا چىلىق -چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىدى ، مېنى كۆرۈپلا بوينۇمغا گىرە سېلىپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى . ئۇنى كۆتۈرۈپ ماشىنىغا ئېلىپ چىقىپ ، چاپىنىمنى يېپىنچاقلىتىپ قويدۇم ، بىراق ، ئۇنىڭ ئۆيىنى بىلمەيتتىم ، ماشىنىغا چىقىپلا ئۇخلاپ قالغان ئۇ ئۆيىنىڭ نەدىلىكىنىمۇ ئېيتىپ بېرەلمىدى ، كېچىدە بىر قىزنى كۆتۈرۈپ كىرىپ مىھمانخانىغا بارغىلى بولمايتتى ، ئاخىر ئۇنى ئىشخانامغا ئېلىپ كېلىپ ، دەم ئېلىش ئۆيۈمگە ئەكىرىدىم ، ئۇچىسىدىكى ھۆل كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ ، ئۆزەمنىڭ كۆڭلىكىىنى كېيدۇرگەندىن كېيىن يوتقانغا چۈمكەپ قويدۇم ، ئۆزەم ئىشخانىدىكى سافادا يېتىپ تاڭنى ئاتقۇزدۇم . چۈشلۈك دەم ئېلشىتا ئۇنىڭغا تاماق ئېلىپ كىرگىنىمدە ئۇ كىيىملىرىنى كېيىپ ، كارۋاتتا تۈگۈلۈپ ئولتۇراتتى . __ قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ ، تۇرۇپ تاماق يەڭ . __ يىگۈم يوق ،__ ئۇنىڭ ئاۋازى تولىمۇ مىسكىن ئاڭلاندى . __ ئازراق بولسىمۇ يەڭ ، تاماق يىمىسىڭىز ئاغىرىپ قالىسىز ،__ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ ئۈستەلگە ئولتۇرغۇزدۇم ،__ قېنى ئېلىڭە ، بىر چوكا بولسىمۇ يەڭ ،__ ئۇنىڭ قولىغا چوكىنى تۇتقۇزۇۋاتقاندا ئۇنىڭ ئۆكسۈپ يىغلاۋاتقانلىقىنى بايقىدىم . __ يىغلىماڭ ، ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كېتىدۇ ،__ دېدىم مۆرىسىگە يىنىك پەپىلەپ . ئۇ تۇيۇقسىزلا باغىرىمغا ئۆزىنى ئاتتى ۋە ئۆكسۈپ -ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى ، ئۇنىڭ بەدىنى بەدەنلىرىمگە چاپلىشىپ تۇراتتى ، ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تەسەللى بېرېۋتىپ ، تۇيۇقسىزلا بەدەنلىرىمنىڭ ئىسسىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدىم ، تۈنۈگۈن ئاخشام ئۇنىڭ ھۆل كېيىملىرىنى سالدۇرۋاتقاندىمۇ مۇشۇنداق تۇيغۇ پەيدا بولغان ئىدى . __ يىغلىماڭ مەھلىيا ، يىغلىماڭ ، ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كېتىدۇ ،__دېدىم ئۇنى ئۆزۈمدىن يىراقلاشتۇرۇشقا تىرىشىپ . مەھلىيانىڭ يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلەپ بېرىشىچە ،ئۇلار تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن توي خېتى ئېلىپ بولۇپ چىققاندا ، قورسىقى ئوبدانلا تومپىيىپ قالغان بىر قىز خەلىق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا مەھلىيانىڭ يىگىتى ئەكرەمنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن .ئەكرەم قىزنى كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغاندا ، قىز ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇپتۇ . __ ئەكرەم ، مېنى كۆرمىدىڭما ؟ __ سەن بۇ يەردە نېمىش قىلىسەن رەنا ؟ __ سېنى ئىزدەپ كەلدىم ، بالىمىزنى ساڭا كۆرسەتكىلى كەلدىم . __ نېمە ، سەن ...سەن ئۇنى چۈشۈرۋەتتىم دېگەنتڭغۇ . __ چۈشۈرۋەتمىدىم ، سېنى ئالداپ قويغان ... مەھلىيا ئىككى يىلدىن بېرى يۈرۈۋاتقان يىگىتنىڭ باشقا بىرى بىلەن بالىلىق بولغىننى ئاڭلاپ ، ئەكرەمنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا ، چۈشەندۈرۈشلىرىگە قارىماي توي خېتىنى قايتۇرۋېتىپتۇ . __ بەلكىم ، ئاراڭلاردا ۇقۇشماسلىق بولۇپ قالغاندۇ ،__ دېدىم ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ ،__ ئەكرەمنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلاپ باقسىڭىزمۇ بوپتىكەن . __ ئەكرەم بالىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلغان تۇرسا ، قانداقسىگە ئۇقۇشماسلىق بولىدۇ ،__ دېدى مەھلىيا ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇپ . شۇنداق قىلىپ ، بۇ ھەممىدە ياخشى گۈزەل قىزنىڭ توي ئىشى سۇغا چىلىشىپ ، ئىشخانىغا قايتىپ كەلدى ، شۇ كۈندىن باشلاپ ، بىزنىڭ مۇناسۋېتىمز تېخىمۇ يېقىنلاپ ، مۇھەببەت ، تۇرمۇش ھەققىدە پاراڭلىشىدىغان بولۇپ قالدۇق ، ئۇ مەندىن ئانچە قورۇنۇپ كەتمەيتتى ، ھەتتا كۈندىن -كۈنگە قىزغىنلىقى ئېشىپ ، بىكار بولۇپ قالسلا ئىشخانامغا كىرىۋالدىغان بولۇپ قالدى ، بەزىدە چارچاپ قالدىڭىز دەپ ، ئۇنىمىغانغا قويماي بوينۇمنى ئۇۋۇلاپمۇ قوياتتى، ئۇنىڭ قولى بەدەنلىرىمگە تەگكەندە ، ھېلىقى كۈنى ئاخشىمىدىكى ئۇنىڭ كېيىملىرىنى سالدۇرغان كۆرۈنۈش ئېسىمگە كېلىپ ، تېنىمگە ئىسسىق سىزىم يامرايتتى . ئاخشاملىرى ئۇنى سېغىنىپ قالاتتىم ، ئەركىلەشلىرىنى ، كۆزۈمگە قاراشلىرىنى ، پىسسىڭىدە كۈلۈشلىرىنى سېغىناتتىم ، شۇ كۈنلەردە ئىشلار راستلا شۇنداق ئاۋۇپ كېتىۋاتامدىكىن ياكى مېنىڭ ئىش سۈرئىتىم ئاستىلاپ كېتىۋاتامدىكىن ، كەچتە تولا ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەيدىغان بولۇپ قالدىم ، ئەلۋەتتە ،مېنىڭ ياردەمچىم ھەم كاتىۋىم بولغان مەھلىيا يېنىمدا بولاتتى ، ئىشخانىدا بىر -بىرىمىزگە قارىشىپ ئولتۇرۇپ تاماق يەيتتوق ، ئىچىملىك ئىچەتتوق . __ ئەركىن ئاكا ،__ دېدى بىر كۈنى مەھلىيا ئىشخانىدا تاماق يەپ ئولتۇرۇپ ،__ سىزنى ياخشى كۆرىمەن . __ ھە ؟،__ ئۇنىڭ شۇنچە تەبىئى ئاھاڭدا دېگەن بۇ گېپىنى ئاڭلاپ يەۋاتقان تامىقىم ئۆپكەمگە كېتىپ يۆتلىپ كەتتىم . __ سىزنى ياخشى كۆرىمەن ،__ دېدى ئۇ يەنە بىر قېتىم . __ مەن دېگەن سىزنىڭ دادىڭىزدەك ئادەم مەھلىيا ،_ ئۇنىڭ گېپىدىن يۈرىكىم رېتىمىنى يوقاتقان بولسىمۇ ، ئۆزەمنى بېسىۋېلىپ دېدىم ،__ مېنى ياخشى كۆرسىڭىز بولمايدۇ . __ مۇھەببەتنىڭ ياش چەكلىمىسى بولمايدۇ ، مەنمۇ يىگىرمە ئالتە ياشقا كىردىم ، كىچىك ئەمەس . __ مەھلىيا ، مېنىڭ ئايالىم بار ، بالام بار، شۇڭا ماڭا بۇنداق چاقچاقنى قىلماڭ ، سىزنى قىزىم دېمىسەممۇ ، سىڭلىم قاتارىدىكى ئادەمسىز . __ ئايالىڭىز بولسا نېم بوپتۇ ، ئۇنىڭدىن ئاجىرىشىپ مېنى ئېلىڭ دەپ تۇرۇۋالمايمەن . __ بۇنداق چاقچاقنى قىلماڭ . __ چاقچاق قىلمىدىم ، مەن سىز بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن ھېس قىلدىم ، پىشقان ئەرلەر ياخشى بولىدىكەن ، سىزنى راستلا ياخشى كۆرىمەن . ئۇنىڭ چىرايلىق كۆزلىرى كۆزۈمگە تىكىلىپ تۇراتتى ، قىسقا يەڭ ، ئويما ياقىلىق ئاق رەڭلىك كۆينىكى ئۇنىڭغا بەكمۇ ياراشقان ئىدى . ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ __ مەھلىيا ، ئەمدى ئىشتىن چۈشەيلى ،__ دېدىم ئۇنىڭدىن ئۆزەمنى قاچۇرۇپ . شۇ كۈندىن كېيىن ئۇنىڭغا تېخىمۇ باغلىنىپ قالغىنىمنى ھېس قىلدىم ، ئۇ نىڭ ئىشخانامغا كىرىپ تۇرۇشىنى ، بوينۇمنى ئۇۋۇلاپ قويۇشىنى ، يېنىمدا ئولتۇرۇپ گەپ قىلىشنى، بەزىدە ئورۇندۇقۇمدا سىغدىلىپ ئولتۇرۇپ ، كومپىيوتىرىنىڭ مەن ئوڭشىيالمايدىغان چاتىقىنى ئوڭشاپ بېرىشىنى خالايدىغان ياق ، ئۈمۈد قىلىدىغان بولۇپ قالدىم . ئىشلار شۇ بويىچە تەرەققى قىلىپ ،ئۇمۇ مېنىڭ قەلبىمدىكى ئاياللار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى . *** شېركەتتىن چاتاق چىقتى ، بۇ چاتاقنىڭ چىققىننى بايقىغان ۋاقتىمدا ئاللىقاچان كېچىككەن ئىدىم . قارىماققا ئىشلار ناھايتى نورمال ئىدى ، ھەر كۈنى ئۆز ۋاقتىدا ئىشقا كېلىپ كېتىپ تۇرۇۋاتقان خادىملارنىڭ قانداقسىگە بىر كۈندىلا ھەممىسى بىراقلا ئىش تاشلاپ كەتكىننى ئەقلمىگە سىغدۇرالمايتتىم . شېركەتنى قانۇنى تەرتىپ بويىچە ياخشى باشقۇرۇپ كېلىۋاتىمەن دەپ ئۆزەمگە ئشەنگەن مەن ، ھېچكىم بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالماي ، خېىردارلارنى رازى قىلىپ ، ئىشچى -خىزمەتچىلەرنىڭ ھالىغا يېتىپ كېلىۋاتقان مەن ، تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلالماي ، يىغىن زالىدىكى ئايلانما ئورۇندۇقۇمدا ئولتۇرغان يېرىمدىلا يىقىلىپ چۈشتۈم ، كۆزۈمنى ئاچقىنىمدا ئۆزەمنى دوختۇرخانىدا كۆردۈم . چولپاننىڭ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرى ياش يۇقى ئىدى ، مالىيە مۇدىرىنىڭ ئېغىر ئوھ تارتىشلىرىدىن ئەھۋالنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى چىقىپ تۇراتتى . __ شېركەتنىڭ ئىشى قانداق بولۇپ كەتتى قاسىمكا ،__ دېدىم يېنىمدا بېشىنى سېلىپ ئولتۇرغان مالىيە بۆلۈمنىڭ مۇدىرىغا قاراپ . __ ئەھۋال ئېغىر ئۇكا ، شېركەت تاقىلىپ قالدى . __ قانداقسىگە ...قانداقسىگە شۇنداق بولىدۇ ؟دەرھال خادىملارنى چاقىرىپ كېلىڭ ، ئىشنى قايتىدىن باشلايمىز . __ ئۇلار ھەممىسى كەتتى ئۇكا ، ئۇلارنىڭ ئۈچ ئايلىق مائاشىنىمۇ بېرەلمىگەن تۇرساق ، قانداق قايتۇرۇپ كېلەلەيمىز ؟ __ نېمە ، ھەر ئايلىق مائاشنى ۋاقتىدا تارقىتىپ مېڭىاتىمىزغۇ ؟ بۇ ئايلىقنى بېرىدىغانغا يەنە ئىككى كۈن بار . __ ئالدىنقى ئىككى ئايدا ئىشچى -خىزمەتچىلەرگە مائاش تارقىتىدىغان چاغدا ياردەمچىڭىز سىز ئىمزا قويغان ئۇقتۇرۇشنى ئەكىلىپ مائاش تارقاتماي تۇرۇشنى ئېيتقان . __ قايسى ياردەمچىم ؟ مېنىڭ نېمىشقا خەۋىرىم يوق ؟ __ مەھلىيا شۇنداق دېگەن ، ئۆزىڭىز ئىمزا قويۇپتىكەنسىز . مەھلىيانىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ لاسسىدە بولۇپ قالدىم ، ئۇ ئالدىمغا ئېلىپ كىرگەن ماتىرياللارغا قارىمايلا ئىمزا قويۇپ بېرىدىغىنىمنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايتتىم . __ ئالدىنقى ئايدا ئىشخانىلارنى زىننەتلىدوق ، ئىشخانا ئەسلىھەلىرىنى يېڭلىدوق . ماتىريال سېتىۋالدوق ، شۇنىڭ بىلەن چىقىم ئېشىپ كەتكەن ، . __ چىقىم ئېشىپ كەتتى دەپ ماڭا دېسىڭىز بولمامدۇ ؟ __ دېدىم ، لېكىن سىز ھەممىنى مەھلىيانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە قىلىڭلار دېگەچكە ... __ ھەممىنى مەھلىياغا ئارتىپلا تۈگەتمەكچىما ، سىز مالىيە بۆلۈم مۇدىرى نېمىش قىلىدىغان ئادەم ، گەپ قىلسىڭىز بولمامدۇ ؟ __ بىر قانچە قېتىم ئىشخانىڭىزغا كىردىم ئۇكا ، گەپنىڭ يېرىمنى قىلا -قىلمايلا ئالدىراش ئىشڭىز چىقىپ قېلىپ قالدى ، ئىش بولسا مەھلىياغا دەڭ دەپ ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا باشلاپ قويدىڭىز . مۇئاۋىن دېرىكتورمۇ مەھلىيا قىزنىڭ باشقۇرۇشلىرىغا كۆنۈپ بولالماي ئىستىپا بەردى ، مەن كېتەي دېسەم يەنىلا سىزگە تارتىشىپ ...ئۆز ۋاقتىدا بېشىمنى سىلىغان ئىدىڭىز ... ھەممىسى ئېسىمگە ئالدى . ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا گۈلبوستان بىلەن بىر ئاي ئولتۇرۇپ تۈزەپ چىققان ئىشخانا لايھەرىمىز پۈتكەن ئىدى ، مەھلىيا لايھەنى كۆرۈپلا ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئىشخانىلىرىنى بىزەپ ، تىرىك ئىلان قىلىش ئارقىلىق ، خېرىدار چىللاش تەكلىبىنى بەرگەن ، ھەم شۇ لايھە بويىچە شېركەتنى قايتىدىن بىزەپ ، ئۆزىمىز شېركەتكە يېقىن جايدىكى يەر ئاستى ئۆيىگە كۆچۈپ تۇرغان ئىدوق ، ئىشخاننى زىننەتلەش ئىشى تۈگەپ ، كۆچۈپ كەلگەندە مەھلىيانىڭ تەكلىبى بويىچە ئىشخانا ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىنى يېڭىلىغان ئىدىم .شۇنداقتىمۇ ، ئەمىلى كۈچى خېلىلا چوڭ بولغان شېركەتنىڭ ئۇنداق ئاسان ئىقتىسادى كىرزىسقا دۆچ كېلىشى مومكىن ئەمەس ئىدى .لېكىن ، كۆز ئالدىمدىكى رىئاللىق قاسىمكام دېگەندەك ئىدى . ئىشچى -خىزمەتچىلەرنىڭ كەتكىنى كەتكەن ، ئادەمسىز قالغان ئىشخانىلار چۆلدەرەپ قالغان ، پۈتمىگەن ۋېۋىسكا ، ئىلان تاختلىرى چېچىلىپ ياتاتتى . بىر ئوبدان كېتىۋاتقان ، تېخى ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا يېڭىدىن زىننەتلەنگەن شېركەتنىڭ بۇنداق تىزلا ۋەيران بولۇپ كەتكىنىگە ئىشەنگۈم كەلمەيتتى ، شۇنچە كۆپ خادىملارنىڭ بىر كېچىدىلا مەندىن يۈز ئۆرۈپ كەتكىنىگە ئىشەنگۈم كەلمەيتتى ، نەچچە يىللىق خېرىدارلىرىمنىڭ شۇنچە تىزلا ئىشەنچىسىنى يوقاتقىنىغا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى . لېكىن ، كۆز ئالدىمدىكى ۋەيرانچىلىق ھەممىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ، مېنى قارا باسمىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى . يۈزگە يېقىن خادىملارنىڭ ئىش ھەققى ، ئىشخانا بىناسىنىڭ ئىجارە ھەققى ، ئالدىنقى ئايدا سېتىۋلغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ نېسى قالغان پۇلى ، يىل ئاخىرىدا بىراقلا ھېساب قىلىشىدىغانغا پۈتۈشكەن شېركەتلەرگە بېرىدىغان ماتىريال پۇلى ...ھەممىسى مېنى ساقلاپ تۇراتتى . شېركەتنىڭ ھېسابىدىكى پۇلنىڭ ئالدىنقى ئايدىلا تايانى قالمىغان ئىدى . خېرىدارلاردىن ئالدىغان پۇلنىڭ ھېسابىنى باشقۇرىدىغان مېنىڭ يېقىنلىرىمنىڭ يېقىنى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئەسقەر مەن يىقىلىپ قالغان كۈنىلا تېلىفۇننى ئېتىپ ، كومپىيوتىردىكى ۋە دەپتەردىكى بارلىق ھېساب -كىتابلارنى ئېلىپلا يوقاپ كەتكەن ئىدى .ئۇنىڭ مەھلىيانى قوغلىشىۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم ، مەھلىيا ئىككىمىز يېقىن بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ،ئۇنىڭ ماڭا بۇرۇنقىدەك ۋاي دەپ كەتمەيدىغان بولۇپ قالغىننى ، « مەھلىيادىن كۈنلەپ قالدى »دەپ چۈشەنگەن ئىدىم .دائىم يېنىمدا تۇرۇپ ، ماڭا مەسلىھەت بېرىدىغان مەھلىيامۇ نەچچە كۈندىن بېرى يوقاپ كەتكەن ، مۇئاۋىن دېرىكتور غۇلام ئىستىپا بەرگەن ، ۋە باشقا ئىشەنچىلىك ئادەملىرىمنىڭمۇ كەتكەنلىرى كېتىپ ، قالغانلىرى مېنىڭ ئاغزىمغا قاراپ ئولتۇراتتى . ئادەمنى نەس باسقۇسى كەلسە بىر كۈن يېتىپ ئاشىدىغانغا ئىشەندىم . شۇنچە چوڭ شېركەتنىڭ ئېگىسى بولغان مەن بىر كىچىدىلا بىر مۇنچە قەرزنىڭ ئېگىسى بولۇپ قالغانىدىم . كىمگە دەرد ئېيتىشىمنى بىلمەيتتىم ، كىمدىن ياردەم سورۇشۇمنى تېخى بىلمەيتتىم ، يېقىن دوستلىرىم ، ساۋاقداشلىرىم بىرمۇ -بىر كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈۋاتقان مۇشۇ دەمدە ، ماڭا خىيانەت قىلغان يېقىنلىرىم كۆز ئالدىمغا كېلىپ ، يۈرىكىم مۇزلاپ كەتتى ۋە بىرەرىسدىن ياردەم سوراش ئۈچۈن تېلفۇننى ئالغان قوللىرىم بوشاپ كەتتى.
10-قىسىم
ماڭا خىيانەت قىلغان يېقىنلىرىم كۆز ئالدىمغا كېلىپ ، يۈرىكىم مۇزلاپ كەتتى ۋە بىرەرىسدىن ياردەم سوراش ئۈچۈن تېلفۇننى ئالغان قوللىرىم بوشاپ كەتتى . شۇ كۈنلەردە تېلفۇننى ئېتىپ ئۆيدىن چىقماسلا بولدۇم ، بىرەر چىقىش يولىنى تېپىپ ، قەرزلەرنى قايتۇرۇشنىڭ ئامالىنى تاپقۇچە مۇشۇنىڭدىن ياخشى چارە يوق ئىدى . چولپان سەھەردە چىقىپ كېتىپ ، قاراڭغۇ چۈشكەندە قايتىپ كېلەتتى ، ئۇنىڭ قەرز ئېگىلىرىدىن قېچىپ مۇشۇنداق قىلىۋاتقىننى بىلگىنىمدە كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى ، قىزىم قېيىنئاپامنىڭ قېشىدا ، چولپان ئەتىگەن چىقىپ كەتسە كەچتە كېلىدىغان بۇ ئۆيدە يالغۇز يېتىپ ھەممىنى بىر باشتىن ئەسلەپ چىقتىم . ئەسلىمىلىرىم ئارىسىدا گۈلبوستانمۇ ، سەنەممۇ بار ئىدى ، سەنەمنىڭ ماڭا ياردەم قىلغىدەك ئىقتىدارىمۇ ، كۈچىمۇ بولمىغىنى بىلەن گۈلبوستاننىڭ بار ئىدى ، ئۇ ئىقتىسادتا ياردەم قىلىشىنى خالىمىدى دېگەندىمۇ ، ماڭا كىمنىڭ زىيانكەشلىك قىلغىننى تەھلىل قىلىشىپ بىرەلەيتتى ، يول كۆرسىتەلەيتتى .كۆڭلۈمدە ئۈمۈد چىرىقى يېنىپ گۈلبوستاننىڭ تېلفۇن نومۇرىنى باستىم . __ ۋەي ، ئەركىن لاۋبەن تېچلىقمۇ، سىزگە تېلفۇن قىلاي دەپ تۇرغان تېخى ؟__ ئۇنىڭ تەلەپپۇزى يەنە شۇنداق يۇمشاق ئىدى ، بۇنىڭدىن ئىشەنچىم ئاشقاندەك بولۇپ ياتقان يېرىمدىن تۇرۇپ ، ئۆزەمنى رۇسلاپ ئولتۇرۇپ تېلفۇننى قۇلىقىمغا ياقتىم . __ ۋەي گۈلۈم ... __ ئەركىن ، سىزگە مەسلىھەت سالىدىغان ئىش بار ئىدى . __ نېمە ئىش ؟ __ بالامنىڭ دادىسى بەك بېشىمنى ئاغىرىتىپ تۇرىدۇ ، ئاپاممۇ «كۆزۈمنىڭ ئوچۇقىدا بېشىڭنى ئوڭشىۋالساڭ بولاتتى »دەپ تۇرۇۋېلىۋاتىدۇ ، قارىسام قىزىممۇ دادىسىنى تولا ئىزدەيدىغان بولۇپ قالدى ، شۇڭا ... __ شۇڭا نېمە ، يارىشىۋالاي دەمسىز ؟ __ ھەئە ، ئۆزەمنى ئويلىمىساممۇ ، قىزىم بىلەن ئاپامنى ئويلىمىسام بولمىغىدەك . ھەر ئىككىمىز جىمىپ قالدۇق ، ئەلۋەتتە ، ئۇنىڭ ئويلىغىنىمۇ توغرا ئىدى ، مەن ئۇنىڭغا ھەر قانچە كۆيسەممۇ ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ ئۆيۈمگە ئەكىرەلمەيتتىم ، قىزىغا دادا بولالمايتتىم . مەن ئۇنىڭ بىلەن كارۋاتقا چىققاندا بىرەر قېتىممۇ ئۇنى ئېلىشنى ئويلىشىپ باقمىغان ، ھەم ئۇنىڭغا شۇنداق دەپمۇ باقمىغان ئىدىم . ئۆزەمنىڭ دەردى بىر ياقتا قېلىپ ، ئۇنىڭ ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ يۈرگىنىمگە كۈلگۈم كەلدى . __ گۈلبوستان ، شۇنداق ئويلىغان بولسىڭىز قارارىڭىزغا ھۆرمەت قىلىمەن . __ رەھمەت . __ گۈلبوستان ... __ ھە ... _ھېچ ئىش يوق ، بەختلىك بولۇڭ ! _ رەھمەت ، سىزمۇ بەختلىك بولۇڭ . ئېرى بىلەن يارىشىش ئالدىدا تۇرغان ئۇنىڭغا دەردىمنى تۆككۈم كەلمىدى ، ئىچىمنىڭ بىر يەرلىرىدىن ئۇنىڭغا قىيالمايۋاتقىنىمنى ، دەرد ئۈستىگە دەرد قوشۇلۋاتقىننى ئېتراپ قىلماي تۇرالمايتتىم . كەيپىياتىم ياخشى بولمىغاچقا ، چولپان ئەتىگەندە تۈگۈپ توڭلاتقۇغا سېلىپ قويغان جۇۋاۋىنى پۇشۇرۇپ يېيىشكىمۇ رايىم قالمىدى ، ئادەمنى نەس باسقۇسى كەلسە مۇشۇنداق بولامدىغاندۇ . ئەڭ ئىشەنگەن ، ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مېنى سۆيىدىغىننى ئېيتقان ۋە مېنى ئۆزىدىن ئايرىلالماس قىلىپ قويغان مەھلىيا مېنى تاشلىۋەتتى ، ئەڭ يېقىن ياردەمچىم ، سىردىشىم دەپ بىلگەن گۈلبوستان بېشىمغا كۈن چۈشكىننى ئاڭلاپلا مەندىن يۈز ئۆرۈدى ، يەنە قايسبىر يېقىنلىرىم مېنى قانداق ئوڭدا قويۇش ھەققىدە پىلان سوقۇۋاتقاندۇ ، مەن كىمنى شۇنچىۋالا رەنجىتكەن بولغىيدىم ؟! كۆزۈمدىن چۈشكەن ياش قۇلاقلىرىمغا ساقىدى ، مۇشۇ ياشمۇ قىززىق نەرسىگەن ، قەيەرگە ئېقىش ئاسان بولسا شۇ يەرگە ئاقىدىكەن ، جاپا تارتىپ دۆڭگە يامىشىپ يۈرمەيدىكەن ، كىم ئاجىز بولسا شۇنىڭ كۆزىدە بولىدىكەن ، كىم كۈچلۈك بولسا يېقىن كېلىشكە پېتىنالمايدىكەن ، ئاجايىپ ھە ، كۆز يېشىم تاراملاپ ئاقتى دەپ قويىدۇ بەزىلەر ، شائىرلار شېئىرلىرىغا ، يازغۇچىلار ئەسەرلىرىگە يېزىۋالدۇ مۇشۇ كۆز ياشنى ، كىنولاردا تېخى ئارتىسنى يىغلىتالماي ، ياش چىقىرىش دورىسى چېچىپ ياش ئاققۇزارمىش . ئەمدى بىلسەم ياخشى نەرسە ئەمەسكەنغۇ بۇ ياش دېگەن ، يۈرەكنى ئاغىرتىپ تۇرۇپ چىقىدىكەن ، ئازابتىن پۇچىلاپ تۇرۇپ چىقىدىكەن ، قىرىق يىللىق ھاياتىمدا نەچچە قېتىم يىغلىغىنىمنى بىلمەيمەن ، لېكىن ، ھەر قېتىم يىغلىسام يۈرىكىم لەختە -لەختە بولۇپ كېتىدۇ ... *** ئۆيدىن چىقماي ياتقىلى نەق بىر ئاي بولغاندا چولپان چۈشتىمۇ ئۆيگە كېلەلەيدىغان ، ئەتىگەن كەچتىمۇ نورمال ئىشقا بېرىپ كېلىدىغان بولدى . ئۇنىڭ دېيىشىچە ، قايتۇرۇشقا تېگىشلىك جىددى قەرزلەرنى،خادىملارنىڭ تارقىتىلماي قالغان مائاشىنى ، تۇغقانلىرىم ،ئاغىنلىرىم ، ساۋاقداشلىرىم ، كەسىپداشلىرىم ، شېركەتتىكى سادىق خىزمەتچىلىرىم قاتارلىقلار پۇل يىغىش قىلىپ قايتۇرۇپ بوپتۇدەك . شېركەت بىناسىنى ئۆتكۈزىۋالغان غوجايىن شېركەتنىڭ زىننەتلەش ھەققى ، ئىشخانا ئەسلىھەلىرىنىڭ پۇلى ، ئىشلىتىپ بولالمىغان ماتىريال پۇلى دېگەندەكلەرنى ئۆز باھاسىدىن يۇقىرى باھادا ھېسابلاپ سېتىۋاپتۇدەك . يەنە بەزى خېرىدار ئورگان ۋە شەخسلەر ئۆزلىكىدىن ئىزدەپ كېلىپ شېركىتىمىزگە بېرىشكە تېگىشلىك پۇللارنى بېرىپ ھېساباتنى ئۈزۈپ بەرگەچكە ، شېركەتلەرنىڭ قەرزىمنىڭمۇ كۆپ قىسمى تۈگەپ قاپتۇدەك . چولپاننىڭ ئاغزىدىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇزاققىچە گەپ قىلالماي ئولتۇرۇپ قالدىم . ئۆز ۋاقتىدا تۇيۇقسىز ۋەيران بولغاندا ھەممە ئادەمدىن ئاغىرىنغان ، ھېچكىمدىن ماڭا ياخشىلىق كەلمەيدۇ دەپ قارىغىنىم ئۈچۈن نومۇس قىلدىم . بىر ئاي ئۆيدىن چىقماي ، تېلفۇننى چىڭ ئېتىپ ، ئۆزەمنى قاچۇرغىنىمدىن پۇشايمان قىلدىم ،يېقىنلىرىمنىڭ مېنىڭ غېمىمنى يەپ ، مېنىڭ كەينىمنى ئادالاپ جاپا تارتىۋاتقاندا ، مەن كىرپىدەك تۈگۈلۋېلىپ ، ئۆزەمنى قاچۇرۇپ يېتىۋالغىنىم ئۈچۈن خىجىل بولدۇم . ۋەيران بولغان بولساممۇ ، بېشىمدىكى ئېغىر تاغ ئېلىۋېتىلىگەچكە خېلىلا خاتىرجەم بولۇپ قالغان ئىدىم ، ئائىلەم ساق -سالامەت ، ئۆيۈم جايىدا ، ماشىنامنىڭ رولى يەنىلا مېنىڭ قولۇمدا ، بىر ئاماللارنى قىلىپ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ كېتىدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم . لېكىن ، مۇشۇ كۈنلەردە چولپان جىمغۇرلىشىپ كېتىۋاتاتتى ، بۇرۇنقىدەك ئۆينىڭ ئىشىنى جايىدا قىلىپ كېتىۋاتقان ، تامىقىمنى ۋاقتىدا ئېتىپ ، كىرلىرىمنى يۇيۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ماڭا تۈزۈك چىراي ئاچماس بولۇپ قالغانىدى ، سەۋەبىنى سورسام مىجەزىم يوق دەپلا تۈگىتەتتى ، دوختۇرخانىغا ئاپىراي دېسەم ئۇنىمايتتى . شېركەت ۋەيران بولۇشتىن ئىلگىركى پۇل توغىرلۇق بولغان كىچىككىنە جىدەلنىڭ ئىشىمىكىن دېسەم ، ئۇنداق ئەمەستەك ، شۇ ئىشتىن كېيىن ، ئىككىمىز يەنىلا ئىناق ئۆتىۋەرگەن ، ئەمدى بىر بارلىق خاپىچىلقلار تۈگەپ ، ئوھ دېگەندە ئۇنىڭ تۇتۇلۋېىلىشى كەيپىمنى ئۇچۇرۇپ قويغاچقا ، يەنە سەنەمنى سېغىنىپ قالدىم . ۋەيران بولغاندىن باشلاپ گۈلبوستان بىلەن مەھلىيا تۇرمۇشۇمدىن ئۆزلۈكۈمدىن غايىپ بولغان ، چولپان كۆتۈڭنى مەن سۈرۈتۈپ بەردىم دېگەندەك يوغانچىلىق قىلىپ ، چىرايىنى ئاچماس بولۇپ قالغان مۇشۇ كۈنلەردە يەنىلا بۇرۇنقى پېتى تۇرغىنى سەنەم ئىدى . ۋەيران بولغىنىمدا مەن ئۈچۈن ياش تۆككەن ، زىبو -زىننەتلىرىنى ، ئۆيىنى سېتىپ قەرزىمنى تۆلۈشۈپ بەرمەكچى بولغان ، ھەر ۋاقىت مېنىڭ ئەھۋالىمنى سوراپ تۇرغان يەنىلا مېنىڭ تۇنجى سۆيگىنىم ، ئەڭ ساپ ھېسىياتىم بىلەن سۆيگەن جانانىم سەنەم ئىدى . بىر دەسسەپ ،ئىككى دەسسەپ سەنەمنىڭ ئۆيىگە كەلدىم ، ۋەيران بولغاندىن كېيىن ، ئۇ ئۇنىمىغىنىمغا قويماي يېزىدىن ئىجارە ئالغان ئۆيىنى قايتۇرۋېتىپ ، شەھەردىكى ئۆيىگە ، يەنى تۇنجى قېتىم تاللا بازىرىدا ئۇچرىشىپ قېلىپ ،ئەكىلىپ قويغان ئۆيىگە كۆچۈپ كېلىۋالغان ئىدى . ئىشىكنى ئېچىپ كىرىشىمگە ئۇ يۈگۈرۈپ كەلگىنىچە بوينۇمغا ئېسىلدى ، ئاشخانىدىن ئاچچىق لازىلىق توخۇ قورىمىسىنىڭ ھېدى كېلىپ تۇراتتى . ئىككىمىز قولمۇ -قول تۇتۇپ قورۇمىنى تەييار قىلدوق ، ئۇ ئۇنىمىغىنىمغا قويماي خېمىر يۇغۇرۇپ لەغمەن ئەتتى ، مەن شامادانغا شام ياقتىم ۋە بىر بوتۇلكا قىزىل ھاراقنى ئېگىز پۇتلۇق ئىستاكانغا قۇيدۇم . شام يورۇقىدا بىر -بىرىمىزگە قاراپ ئولتۇرۇپ تاماق يەپ ، قولىمىزنى گىرەلەشتۇرۇپ قىزىل ھاراق ئىچتوق ، ئۇنىڭ قىزىل رەڭلىك يىپەك كۆينىكى ئىچىدە قىزىل گۈلدەك نۇرلىنىپ كەتكەن يۈزى شام يورۇقىدا تېخىمۇ چىرايلىق كۆرۈنەتتى ، ھاراقنىڭ تەسىردە خۇمارلاشقان كۆزلىرى ، سەل -پەل قىزارغان مەڭزى مېنى ئۆزىگە تارتىپ تۇراتتى ، قولۇمدىكى رومكىنى قويۇپ ، ئۇنىڭ بېلىدىن تۇتۇپ ئۆزۈمگە تارتتىم . __ بۇنداق قىلما ، يەنە بىردەم مۇشۇنداق ئولتۇرايلى ،__ دېدى ئۇ پىچىرلاپ . __ تەقەززا بولۇپ كېتىۋاتىمەن ،__دېدىم ئۇنى يەۋەتكىدەك قاراپ . __ سەن بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق دېگەن ئەركىن ، مۇشۇ گېپىڭلا ئۆزگەرمەپتۇ . __ ساڭا بولغان سۆيگۈممۇ ئۆزگەرمىدى سەنەم ، ئون نەچچە يىل بۇرۇن سېنى قانداق سۆيگەن بولسام ھازىرمۇ شۇنداق سۆيىمەن . __ ئۇنداقتا چولپاننىچۇ ؟ سەنەمنىڭ ئاغزىدىن تۇيۇقسىزلا ئايالىمنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ داڭقېتىپ قالدىم . __ ئۇ ...ئوخشىمايدۇ . __ نەرى ئوخشىمايدۇ ؟ __ ئۇ ئايالىم ، بالامنىڭ ئاپىسى . __ ئۇنداقتا مەنچۇ ، مەن سېنىڭ ئاشناڭ شۇنداقمۇ ؟ __ سەنەم مەس بولۇپ قالمىغانسەن ، سەن دېگەن مېنىڭ تۇنجى سۆيگۈنۈم . __ شۇنداق ، ئاتىلىشتا ئەنە شۇنداق چىرايلىق ئاتىلىدۇ ، لېكىن ، ئىككىسىنىڭ نېمە پەرقى ، تۇنجى سۆيگۈنۈڭ بولساممۇ ، ئۇنداق بولمىساممۇ ھازىرقى نامىم سېنىڭ ئاشناڭ ، سېنىڭ كۆڭلۈڭنى خوش ئېتىپ ئوينايدىغان ئاشنىلىرىڭنىڭ بىرى ! __ سەنەم ...سەن، ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ __ مەن نېمە بوپتىمەن ، ھېچكىم بىلمەيدۇ دەپ قارىغان مەخپىيەتلىكىڭنى بىلىپ قالغىنىمدىن خاپا بولىۋاتامسەن ، گۈلبوستان بىلەن بولغان ئىشىڭنى ھېچكىم بىلمەيدۇ دەپ قالغان ئىدىڭ شۇنداقمۇ ؟ كاتىىپىڭ مەھلىيا بىلەن بولغان ئىشىڭنى ھېچكىم بىلمەيدۇ دەپ قالغان ئىدىڭ شۇنداقمۇ ؟ مەن بىلىمەن ، مەنلا ئەمەس ، ئايالىڭ چولپانمۇ بىلىدۇ . __ نېمە ؟ سەن ... __ نەگە بارىسەن ، نەگە ئالدىرايسەن ئەركىن ، ئولتۇر ، گېپىم تېخى تۈگىمىدى ،__ سەنەم رومكىسىغا ھاراق قۇيدى ئاندىن ئالدىرماي سۈمۈردى . شۇ تاپتا كاللام پارتىلاپ كېتەي دەپ قالغان ، بايىقى شېرىنلىكتىن ، مەستخۇشلۇقتىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى . سەنەمنىڭ ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۆزلىرىنى خۇمارلاشتۇرۇپ ، قېپ -قىزىل لەۋلىرىنى رومكىغا ئالدىرىماي تەككۈزۈپ ھاراق ئىچىۋاتقان ھالىتىدىن تۇنجى قېتىم ئىچىم پۇشتى . __ گەپ قىلساڭچۇ سەنەم ، ئۇ ئىشلارنى سەن قانداق بىلىسەن ، چولپان قانداق بىلىدۇ ؟ __ بىلەمسەن ، ئەرلەر تالاغا قاراپ قالسا تۇنجى بولۇپ ئۇنىڭ ئايالى بىلىپ قالىدۇ ، ئاياللار تالاغا قاراپ قالسا ئۇنىڭ ئېرى ئەڭ ئاخىرىدا بىلىدۇ . _ نېمىشقا ؟ __ مەندىن بۇنداق ئاددى مەسىلىنى سورىماي ،چوڭ ئىشلارنى سورا ، نېمىشقا ۋەيران بولۇپ كەتكىنىڭنى ، كىملەرنىڭ سېنى ئورىغا ئىتتىرگىنىڭنى سورا . __ كىم ؟!__ ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتىم ،__ مېنى ۋەيران قىلغان ئادەمنىڭ كىملىكىنى سەن بىلەمسەن ؟ __ بىلىمەن . __ كىم ؟ __ مەن ... __ چاقچاق قىلما سەنەم ، سەن مەن ۋەيران قىلدىم دەپ مىڭ قېتىم دېسەڭمۇ ئىشەنمەيمەن . __ ئۇنداقتا كاتىۋىڭ مەھلىيا بىلەن كارۋاتقا چىقىپ قالغاندىن كېيىنكى يۈز بەرگەن ئىشلارنى بىلىدىغىنىمغا ئىشىنىدىغانسەن ؟ شېركەتتىكى موھىم دەپ بىلگەن ئادەملىرىڭنىڭ نېمىشقا كېتىپ قالغىننى ، خېرىدارلىرىڭىنىڭ نېمىشقا يۈز ئۆرۈپ كەتكىننى بىلدىغىنىمغا ئىشىنىدىغانسەن ؟ ئادەملىرىڭنى ، سوداڭنى تارتىۋالغان شېركەتنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ مېنىڭ نەۋرە ئىنىم ئىكەنلىكىنى دەپ بەرسەم ئىشىنىدىغانسەن ؟! __ سەنەم ...سەن ...،__نېمە دېيىشىمنى بىلمەي بېشىمنى قاماللاپ ئولتۇرۇپ قالدىم ، ئۇنىڭ توختىماي مىدىرلاۋاتقان لەۋلىرى ئارىسىدىن چىقىۋاتقاننىڭ ھەممىسى مېنىڭ يۈرەك يارامنى قوزغايدىغان ئىشلار ئىدى . __ ئەركىن ، بىلەمسەن ، ئۆز ۋاقتىدا سېنى جېنىمدىنمۇ ئارتۇق سۆيگەن ئىدىم ، سەن ئۈچۈن ئاتا -ئانامدىن ، خىزمىتىمدىن ۋاز كەچكەن ئىدىم ، ساڭا ئىشەنگەچكە ئاشۇ كۈنى كەچتە قىزلىقىمنى ساڭا تەقدىم قىلغان ئىدىم ، لېكىن سەن ئىشەنچىمنى يەردە قويدۇڭ ، مېنىڭ ئاتا -ئانامنىڭ كېسلى قوزغىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ، تۇيۇقسىز كەتكىنىمگە خاپا بولغانننى باھانە قىلىپ كەينىمدىن ئىزدەپ بارمىدىڭ ، ئاپامنىڭ يۈرەك تىقىلمىسى قوزغىلىپ قالسىلا ئۆلۈپ كېتىش ئىھتىماللىقى بارلىقىنى دوختۇر دېگەچكە ، ئۇنى يەنە خاپا قىلىشتىن ئەنسىرەپ ، ئۇ تاپقان لايىققا ئامالسىز قوشۇلغان ئىدىم ، لېكىن ، سېنىڭ كەينىمدىن كېلىدىغانلىقىڭغا ، ئاتا-ئانامنى قايىل قىلىپ ، مەن بىلەن توي قىلىدىغانلىقىڭغا گاھى تويۇم بولغان كۈنىگە قەدەر ئىشەندىم . توي بولغان كۈنى كېلىپ مېنى ئېلىپ قاچىدىغانلىقىڭغا ئىشەندىم ، مېنىڭ باشقىلارنىڭ قوينىغا كىرىپ كېتىشىمگە قاراپ تۇرمايدىغانلىقىڭغا ئىشەندىم . لېكىن ، سەن ئىشەنچىمنى يەردە قويدۇڭ ، قاراڭنى كۆرسىتىش ئەمەس ، بىر تېلفۇن ئۇرۇپ قويۇشقىمۇ يارىمىدىڭ . مېنىڭ قىزلىقىمنى ئالغان كۈنىدىكى بەرگەن ۋەدىلىرىڭنى ئۇنتۇپ ، جىممىدە تۈگۈلۈپ يېتىۋالدىڭ .شۇ چاغدىلا سەندىن كۆڭلۈم قالدىم ، ئېرىم مېنى ئۇرۇپ دومبالىغان ئاشۇ كۈنلەردە ساڭا بولغان نەپىرىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى ، سېنىڭ باشقىلار بىلەن توي قىلىپ بالىلىق بولغىنىڭنى بىلگىنىمدە ، توي قىلغان كۈنۈمنىڭ ئەتىسى ئۆزىنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بەرگەن ،ئېرىمنىڭ تاياق -تىپىكلىرىنىڭ قۇربانى بولۇپ چۈشۈپ كەتكەن ئىككىمىزنىڭ بالىسىنى ئويلاپ يۈرىكىم پارە -پارە بولۇپ كەتتى . كېيىن ، ساڭا بولغان مۇھەببىتىممۇ ، نەپىرىتىممۇ يوقاپ ، سېنى پۈتۈنلەي ناتونۇش ئادەم قاتارىدا ئەسلەيدىغان بولۇپ قالدىم . كېيىن ، نەۋرە ئىنىمنىڭ بۇ شەھەردە ئاچقان شېركىتىدە ئىشلەش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدىم . بۇ يەرگە كېلىشىمدە ھېچقاچان سەن بىلەن قايتا تېپىشىپ قېلىش مەقسىدىم يوق ئىدى ، پەقەت ، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئاشۇ يۇرتۇمدا بىرمۇ ئۇرۇق -تۇغقىنىم قالمىغىنى ئۈچۈن ، بىردىنبىر يۆلەنچۈكۈم بولغان نەۋرە ئىنىمنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېلىپ قالدىم . كېيىن ساڭا ئۇچرىدىم . سەن بىلەن تاللا بازىرىنىڭ ئالدىدا ئۇچرىشىپ قالغان ئاشۇ كۈنى ، سېنى ئۇنتۇپ كەتتىم دېگىنىمنىڭ ئۆزەمنى ئالدىغانلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم ، سېنى كۆرۈپلا بىللە ئۆتكەن چاغلىرىمىز ئېسىمگە كەلدى ، شۇ كۈنى، سەن مېنى ئۆيگە ئەكىلىپ قويۇپ كەتكەن شۇ كۈنى بىنا ئالدىدا ماشىناڭنىڭ كەينىدىن قاراپ قانچىلىك تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن ، كېچىچە قىززىپ ، يۆتىلىپ چىقتىم ، ھەر ھالدا كۆڭلۈڭنىڭ يۇمشاقلىقى ئۆزگەرمەپتۇ ،مېنى دوختۇرخانىغا ئاپاردىڭ ، سەن يېنىمدا ئۇخلىماي ئولتۇرغان ئاشۇ كۈنلەردە ساڭا بولغان بارلىق ئاچچىقىم يوقاپ كەتتى ، بىلەمسەن ، شۆھرەتنىڭ تويىدا سەن مەست بولۇپ قېلىپ مەن بىلەن قايتا -قايتا تانسا ئوينىغاندا ، مېنى دەپ ئەخمەت بىلەن ئۇرۇشۇپ كەتكىنىڭدە سېنىڭ يەنىلا مېنى ياخشى كۆرىدىغىنىڭنى بىلىپ قانچىلىك خۇشال بولغىنىمنى . شۇ كۈنى سەن ئاق توشقان مىھمانخانىسىنىڭ 915-نومۇرلۇق ياتىقىدا ياتتىم دېگىنىڭدىلا مەن ساڭا قايتىدىن ئۆزەمنى تاپشۇرۇشقا قارار قىلىپ بولغان ، سېنىڭ قەلبىڭدىكى ئوبرازىمنىڭ يەنىلا شۇنداق روشەن ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ، سېنىڭ بۇ ئۆمۈرۈڭدە پەقەت مېنىلا سۆيگەنلىكىڭگە ئىشەنگەن ئىدىم . ئايالىڭ بىلەن پەقەت تۇرمۇش ئېھتىياجى ئۈچۈنلا بىللە ئۆتۈۋاتىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم . لېكىن ، سەن ساڭا بولغان ئىشەنچىمنى ئىككىنچى قېتىم يەردە قويدۇڭ ، مېنىڭ مۇھەببىتىمگە قارا سۇۋاپ تۇرۇپ گۈلبوستان بىلەن تېپىشۋالدىڭ ، شۇندىن كېيىن يۈرىكىم ئىككىنچى قېتىم مۇزلاپ كەتتى ، ساڭا بولغان مۇھەببىتىم نەپرەتكە ئايلاندى ، قەلبىمدە سەندىن ئۆچ ئېلىش ئىستىكى ، سېنىڭ ئاشۇ ئاياللارغا تويمايدىغان قەلبىڭنى ئاياللار ئارقىلىق ئازابلاش ئىستىكى قوزغالدى . مەھلىيانى سېنىڭ ياردەمچىڭ قىلىپ ئورۇنلاشتۇردۇم ، ئۇ قابىليەتلىك بولغاچقا ، چىرايلىق بولغاچقا ، چاققان ، تېتىك ، ياش بولغاچقا سېنىڭ كۆڭلۈڭنى ئاسانلا ئۆزىگە مايىل قىلىۋالدى ، ياق ، دېمە ئەركىن ، ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ قالغنىڭنى مەن بىلىمەن ، سەن كىچىككىنە بىر قىزغا ئىچ -پەش تارتىپ قېلىشتىن نومۇس قىلىپلا ئۆزۈڭنى كونتۇرۇل قىلىپ كەلدىڭ ، ھېلىقى كۈنى كەچتە سەن مەھلىيا بىلەن كاماندورۇپكىغا بارغان كۈنى كەچتە ئىچكەن ھارىقىڭ ئەمىليەتتە بۈگۈن ئىچكەن ھاراققىمۇ يەتمەيدۇ ، لېكىن سەن مەست بولۇپ قالدىڭ ، ھاراقنىڭ كۈچىدىن ئەمەس ، مەھلىيانىڭ كۆزلىرىگە قاراپ مەست بولۇپ قالدىڭ ، كېيىن ، ئۇنىڭ ئويما ياقىلىق كۆينىكى سېنى بوش قويۇۋەتمەي كارۋاتقا سۆرەپ چىقتى ، كېيىنكى ئىشلار شۇ بويىچە تەرەققى قىلدى ، ئۇ سېنىڭ كارۋىتىڭغا ھەر قېتىم چىققاندا بىر ئولجىغا ئېرىشىپ ، ئاخىر ، بىخەتەرلىك ئىشكابىڭنىڭ ئاچقۇچى ، شەخسى تامغاڭ ، مەخپى نومۇر، ئەڭ موھىمى سىنىڭ ئىشەنچىڭگە ئېرىشتى ، ئۇ قىلغان ئىشلارغا كۆزۈڭنى يۈگۈرتۈپ قويمايلا قول قويۇپ بەردىڭ ، مەھلىيانىڭ سۆزى ساڭا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى شېركەتتىكىلەرگە بىلدۈرۈپ قويدۇڭ . شوڭلاشقا ئۇنىڭ گېپى گەپ بولدى . مۇشۇنداق تۇرسا ، سېنىڭ ئىقتىساسلىق خادىملىرىڭ نەۋرە ئىنىمنىڭ شېركىتىگە كېتىشى نورمال ئىشقۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئىشخانىلارنى زىننەتلەۋاتقان چاغدا ، مەھلىيا قاتارلىق بىر نەچچەيلەن خېىردارلارغا بۇ شېركەتنىڭ ئىشخانا كۆچكەنلىكىنى ، نەۋرە ئنىمنىڭ شېركىتى بىلەن بىرلەشكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىغان تۇرسا ، ئىشلار شۇ تەرەپكە ئاقىدۇ دە . سەنەم ئەينەك رومكىدىكى ھاراقنى قولىغا ئېلىپ، ئالدىرماي سۈمۈرۈپ ئىچتى ۋە ماڭىمۇ ھاراق قۇيدى.
11-قىسىم
__ ھاراق ئوبدان نەرسىكەن ئەركىن، ئازابنى ئۇنتۇلدۇرىدىكەن ، كەيپىياتىنى كۆتۈرىدىكەن ، بەزى ئىشلارنى خاتا قىلىپ قويساڭ ھاراققا دۆڭگەپ قويساڭمۇ بولىدىكەن . مەن ئەنە شۇنداق قىلغان ، ئىككىمىزنىڭ بالىسى تاياقنىڭ دەردىدە چۈشۈپ كەتكەن چاغدا ھوجرامدا يىغلاپ ئولتۇرۇپ تۇنجى قېتىم ھاراق ئىچىپ ئازابىمنى يەڭگىللەتكەن ، سەن بىلەن قايتا تېپىشۋالغان ئاخشىمى ھاراق ئىچىپ كەيپىياتىمنى كۆتۈرگەن ، مانا ھازىرمۇ ساڭا قىلغان زىيانكەشلىكلىرىمنى يەنە مۇشۇ ھاراقنى ھەمراھ قىلپ ئولتۇرۇپ دەپ بېرىۋاتىمەن ،__ سەنەم رومكىنى بىر كۆتۈرۈپلا يېرىم رومكا ھاراقنى ھەممىنى ئىچىۋەتتى ،__ چولپان ھاراق ئىچمەيدۇ شۇنداقمۇ ، شۇڭا ئۇ ساڭا كۆڭلىدىكىنى دىيەلمەيدۇ ، ئاچچىقىنى چىقىرالمايدۇ ، سېنىڭ بىر ئەمەس ئۈچ ئاشناڭ بارلىقىنى بىلگەن چېغىدا بەلكىم كېچىچە يىغلاپ چىققاندۇ ، لېكىن ، ئۇ ئەقىللىق ئايالكەن ، سېنىڭ ئاشنىلىرىڭ بارلىقىنى بىلىپ قالغان چاغدىمۇ چاندۇرمىدى . __ ئۇ قاچان بىلدى ؟__ بوغۇلۇپ قالغان ئاۋازىم بىلەن ئارانلا شۇ گەپنى سورىيالىدىم . __ مەھلىيا بىلەن تېپىشۋالغان چېغىڭدا بىلگەن ، مەن تېلفۇن ئۇرۇپ يەتكۈزدۈم . __ نېمىشقا ؟نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭ سەنەم ، ئۇنى بولسىمۇ ئاياپ قويساڭ بولمامدۇ ؟ __ سەن ئېرى تۇرۇپ ئايىمىغان يەردە مەن ئاياپ نېمە قىلاتتىم ، ئۇ بىلمىسە ئىشنىڭ نېمە قىززىقى بولسۇن ؟ لېكىن ، ئۇ بەك ئەقىللىقكەن ، ساڭا ھېچنەرسە دېمىدى ، چاندۇرمىدى ، چاندۇرماي تۇرۇپ ،سېنىڭ شەخسى نامىڭدىكى كارتىدىكى پۇللارنى ئۆزىنىڭ نامىغا يۆتكىۋالدى. __ شۇ ئىشلارنى سەنمۇ بىلەمسەن ؟ __ بىلەمسەن دېگىنىڭ نېمىسى ،ئۆزەڭ دەپ بەردىڭغۇ ، ، ئاندىن مەن ساڭا مەخپى نومۇرۇڭنى ئۆزگەرتىۋېتىش تەكلىبى بەردىم ، مەھلىياغا ھەركىتىنى تىزلەشتۈرۈشنى ئېيتتىم . ئاندىن سەن مەن دېگەندەك قىلدىڭ ، بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشتۇڭ ، ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەردىڭ ، ئەزەلدىن سېنىڭ ھېسابىڭنى سۈرۈشتۈرمەيدىغان ئايالىڭنىڭ نېمىشقا شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىدىڭ . ئەگەر ماڭا ئەمەس ئايالىڭغا ئىشەنگەن بولساڭ ، بوغالتىرلىقتا كامالەتكە يەتكەن ئۇ تېخىم كۆپ زىيانلارنىڭ ئالدىنى ئالغان بولاتتى .. __ مەھلىيا ھازىر نەدە ؟ __ ئۇ كەتتى ، پات ئارىدا تويى بولىدۇ ، ھە راست ، ساڭا سالام ئېيتتى ، ئۇ سېنى مۇھەببەتلەشكىلى بولىدىغان لېكىن ، توي قىلىشقا بولمايدىغان ئەر ئىكەن دەيدۇ . سەنەمگە يەنە گەپ قىلغۇم كەلمەي ئورنۇمدىن تۇردۇم ، لېكىن ئىشىك تۈۋىگە بېرىپلا كۆزۈمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى ، بىر چاغدا قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك ، كىملەرنىڭدۇ مېنى تارتقۇشلىغاندەك سىزىم بولدى ، كېيىن ھېچنېمىنى ئاڭقىرالمىدىم . كۆزۈمنى ئاچقىنىمدا ئۆزەمنى يەنە دوختۇرخانىدا كۆردۈم ، يېنىمدا چولپان پوپايكا توقۇپ ئولتۇراتتى ، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئولتۇرۇشقان ، يۈزى تاتىرىپ قالغان ئىدى . __ چولپان ... __ ئاخىر كۆزىڭىزنى ئاچتىڭىز ، مەن دوختۇرنى چاقىراي __ ئۇ قولىدىكى پوپايكىنى قويۇپلا كارۋات بېشىدىكى كونۇپكىنى باستى . دوختۇرنىڭ دېيىشىچە ئەھۋالىم ئانچە ئېغىر ئەمەس ئىكەن ، يەنە بىر نەچچە كۈن كۈزەتكەندىن كېيىن بالنىستىن چىقسام بولىدىكەن . دوختۇرخانىدىن چىققىچە يوقلاپ كەلگەنلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىگەچكە چولپان بىلەن تۈزۈكرەك پاراڭلىشش پۇرسىتى بولمىغانىدى . ئۇنىڭمۇ ماڭا گەپ قىلغۇسى كەلمىگەندەك بىكار بولسىلا پوپايكا توقۇيتتى . __ سىزنىڭ پوپايكا توقۇغىنىڭىزنى زادىلا كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن ، __ دېدىم ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشش مەقسىدىدە ، __ قاچاندىن باشلاپ ئۆگىنىۋالدىڭىز ؟ __ توردىن ئۆگەندىم . بۇمۇ ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە ياخشى ئىشكەن ، خاتا توقۇپ قويسا چۇۋۇۋېتىپ قايتىدىن توقۇغىلى بولىدىكەن . __ شۇنداقمۇ ؟__ قىلغۇدەك باشقا گەپ تاپالماي جىمىپ قالدىم . خاتا توقۇپ قويسا چۇۋۇپ قايتىدىن توقۇغۇلى بولىدىكەن دېگەن گېپى قۇلىقىمغا باشقىچە ئۇرغۇلۇق ئاڭلاندى . خاتا توقۇلۇپ قالغان پوپايكىنى چۇۋۇپ قايتا توقۇغىلى بولىغىنى بىلەن ،خاتا مېڭىلىپ قالغان تۇرمۇش يولىنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولمايدىكەن دېگەن گېپىمۇ ئۇ ؟ دوختۇرخانىدىن چىقىش ئالدىدا چولپاننىڭ زورى بىلەن ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرتۈپ ، سالامەتلىكىمدە ھېچقانداق مەسلە يوقلۇقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن ئۆيگە قايىتىپ كەلدۇق . قىزىم ئۇزۇندىن بېرى قېيىنئاپاملارنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقاچقا ، ئۆيدە چولپان ئىككىمىز يالغۇز قالدۇق . ئادەتتە ئىككىمىز يالغۇز قالغان بۇنداق چاغلاردا سىرتقا چىقىپ تاماق يەپ ، قەھۋەخانىلارغا بېرىپ ، ئاندىن بىر -بىرىمىزگە چاپلىشىپ ئولتۇرۇپ مۇھەببەت فىلىملىرىنى كۆرەتتۇق ، ياكى باغچىغا باراتتوق ، كىنو كۆرەتتۇق ، بۇنداق چاغلاردا ئۇ باشقىچە ئەركە بولۇپ كېتەتتى . __ مېنى كۆتۈرۈپ قويۇڭە ئەركىن ، بەك ھېرىپ قالدىم ،__ دەيتتى مىھمانخانا ئۆيدىن ھوجرىغا مېڭىپ كىرىشكە ئېرىنىپ . ئۇنى ھاپاش قىلىپ كارۋاتقا ياتقۇزۇپ پۇتلىرىنى تۇتۇپ قوياتتىم . __ ئۇسساپ كەتتىم ،__ دەيتتى ئۇ يەنە . __ قايناقسۇ ئەكىرىپ بەرسەم ئىچكىلى ئۇنىماي مىۋە سىقىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلاتتى . ئۇ مىۋە سۈيىنى ئۆزى بىر يۇتۇم ماڭا بىر يۇتۇم ئىچكۈزگەندىن كېيىن دۆمبىسىنى سىلاپ قويۇشۇمنى تەلەپ قىلاتتى ، ئۇنىڭ دۆمبىسىنى سىلاشنى ياخشى كۆرەتتىم ، مۇشۇنداق ئەركىلەشلىرى مېنى يېڭى توي قىلغان ۋاقىتلارغا قايتىپ قالغاندەك شېرىن ھېسلارغا باشلايتتى . لېكىن ، بۈگۈنكى يالغۇز قېلىش بۇرۇنقى چاغلارغا ئوخشىمايتتى ، ئۇنىڭ تەمكىن چىرايىدىن نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى ، ئۆيگە كېلىپلا مەن بىلەن ئۇرۇشىدۇ ، ياقامغا ئېسىلىدۇ ، ھەتتا بىر نەچچە كاچات سېلىشىمۇ مومكىن دەپ ئويلىغىنىمنىڭ ئەكسىچە ئۇ جىمىپ كەتكەن ئىدى . ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىشىم ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى رەنجىتمەيدىغانلىقىمغا ۋەدە بېرىشىم كېرەك ئىدى ، قۇرۇپ كېتىۋاتقان ئاغزىمنى نەمدەش ئۈچۈن سۇ قايناتقۇچتىن ئىككى ئىستاكانغا قايناقسۇ قۇيۇپ بىرنى چولپاننىڭ ئالدىغا قويدۇم . __ بىز ئاجىرشىپ كېتەيلى ئەركىن ،__ ئۇنىڭغا ئۇزاقتىن ئۇزاق كاپىلداپ ، چۈشەندۈرۈپ ،كەچۈرۈم سوراۋاتقان ۋاقتىمدا ئۇ گېپىمنى ئوتتۇرىدىن بۆلۈپلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە ئالدىمغا ئاجىرىشش كېلىشىمنامىسىنى قويدى . __ بۇنى ئالدىرماي كۆرۈپ قول قويسىڭىز بولىدۇ . ئاندىن خەلىق ئىشلار ئىدارىسىگە بېرىپ رەسمىيەت بىجىرۋېتەيلى . __ چولپان ،تۇرمۇشىمىزنى بۇزمايلى ، قىزىمىزنى ئويلاپ قويۇڭ . __ سىز تۆت ئايالنى ئوينىتىپ يۈرگەن ۋاقتىڭىزدا قىزىڭىزنى ئويلاپ باققانما؟ مېنىڭ ئالدىمدا يەنە قىزىمىزنى تىلغا ئالماڭ ئەركىن ، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ تىلغا ئالماڭ . سىزنىڭ قۇچقاچىلىرىڭىز ماڭا تېلفۇن قىلىپ ، ئۇچۇر يوللاپ ، كارۋاتتىكى سۈرەتلىرىڭىزنى ئەۋەتىپ ، يۈرىكىمنى قان قىلىۋەتكەن چاغدىلا بۇ تۇرمۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئاللىقاچان قارار قىلىپ بولغانمەن . ئاشۇ ئىشلارنى بىلىپ يۈرىكىم قاناپ كەتكەن بولسىمۇ ، سىزنى قۇتقۇزۋېىلىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشتىم ، لېكىن ، بۇ تىرىشچانلىقىم ئۈچۈن ئاخىرقى ھېسابتا سىزنىڭ ئىشەنچىڭىزدىن ئايرىلىپ قالدىم . مەھلىيا بىلەن سەنەم ئېرىشكەن ئىشەنچىڭىزنىڭ يېرىمىگە بولسىمۇ ئېرىشەلمىدىم . مەن ئۇ پۇللارنى گۆرۈمگە ئېلىپ كەتمەيتتىم ئەركىن ھەم گۆرۈمگە ئېلىپ كەتمىدىم . سىز كىرپىدەك تۈگۈلۈپ يېتىۋالغان كۈنلەردە جان -جىگەر تۇققانلىرىمىز ، ئاغىنىلىرىڭىزنىڭ ياردەم قىلغان پۇللار بىلەن ئاشۇ مېنىڭ نامىمغا يۆتكىۋالغىنىم ئۈچۈن بىر كېچە ئۇرۇشۇشقا سەۋەب بولغان پۇللارنى قوشۇپ قاسىمكامنىڭ باش بولۇپ بېرىشى ئارقىلىق خادىملىرىڭىزنىڭ نېسى قالغان مائاشىنى تارقاتتوق . قالغان ھېساباتلارنى دەپ ئولتۇرمىساممۇ ، ئالدىنقى قېتىم قايسى ھېسابنىڭ قانداق ئۈزۈلگەنلىكىنى ، كىملەرنىڭ سىزگە قانداق ياردەم قىلغانلىقىنى سىزگە مەلۇم قىلىپ بولغان ، بىخەتەر ئىشكاپتىكى ماتىرياللارغا قارىسىڭىزمۇ ھەممىنى چۈشىنەلەيسىز . ھازىر بىزنىڭ مۇشۇ ئۆي ۋە سىز ھەيدەۋاتقان ماشىنىدىن باشقا ھېچقانداق مال -مۆلىكىمىز قالمىدى ، مېنىڭ ماشىناممۇ ، زىبو -زىننەتلىرىممۇ ، قىزىمىزنىڭ نامىغا قويۇلغان پۇللارمۇ ، ئۆتكەن يىلى ، ئۆيدىكى پۇلغا يارىغىدەك نەرسىلەرمۇ ھەممىسى قەرزگە كىرىپ كەتتى . ئۆينى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۆپ تىىرىشتىم ، قىزىڭىزىمىزنىڭ ئالدىدا ئوبرازىڭىزنىڭ چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ماشىنىڭىزنىمۇ بىر ئامال قىلىپ ساقلاپ قالدىم ،__ چولپان بايا مەن قۇيۇپ قويغان قايناقسۇنى بىر كۆتۈرۈپلا ئىچىۋېتىپ ئىستاكاننى قويدى ،__ ئەركىن ، ئاجىرىشىپ كەتكەندىن كېيىن زىلالەنى مەن بېقىشنى تەلەپ قىلىمەن ، سەۋەبىنى دېمىسەممۇ بىلىسىز . بۇ ئۆينىڭ ئېگىدارلىق ھوقۇقىمۇ ماڭا تەۋە بولۇشقا تېگىشلىك دەپ قارايمەن ، چۇنكى ، سىز پۇل تېپىپ ئاشنىلىرىڭىزنى باققان ، ھەم يەنە شۇ ئاياللار تەرىپىدىن ۋەيران بولۇپ كەتكەن چاغدا مەن بۇ ئۆينى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئاز كۈچ سەرپ قىلمىدىم ، ئەگەر مەن تىرىشمىغان بولسام ، سىز بۇ ئۆينى ساقلاپ قالالمايتتىڭىز ، ماشىنىڭىزمۇ سېتىلىپ كېتەتتى ياكى قەرزگە تۇتۇپ بېرەتتىڭىز . شۇڭا ئۆي ماڭا قېلىشقا تېگىشلىك . ماشىنا يەنىلا سىزگە قالسۇن ن، ئۇ ماشىننىڭ پۇلىغا يامان ئەمەس ئۆيدىن بىرسى كېلىدىغانلىقىنى سىز مەندىنمۇ بەك ئېنىق بېلىسىز . قىزىمىزغا بۇ بىر يىل ئىچىدە بېقىش ھەققى بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، لېكىن ، كېلەر يىلى مۇشۇ ئايدىن باشلاپ چوقۇم بېقىش ھەققى بېرىشىڭىز كېرەك ، چۇنكى ، ئۇ سىزنىڭ پۇشتىڭىز ، ئۇنى بېقىش ، قاتارغا قوشۇش ، تەربىيلەش ، ياراملىق ئادەم قىلىش مەجبوريىتىڭىز بار . تۆت ئايالنى باقالىغان سىزدەك بىر ئەر ئۆز قىزىنىڭ بېقىش ھەققىنى چوقۇم بېرەلەيدۇ . ئالدىڭىزدىكى ئاجىرىشش كېلىشىمنامىسىدە ھەممىسى ئېنىق يېزىلغان ، قوشۇلسىڭىز قول قويۇڭ ، چىرايلىق ئاجىرىشىپ كېتەيلى ، قوشۇلمىسىڭىز سوتقا ئەرز قىلىپ ئاجىرىشىمەن ، بەرىبىر چۈشۈپ بولغان يۈزنى يەنە ئاياشنىڭ ھاجىتى يوق. ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ چولپاننىڭ ھەممە ئىشلارنى بىلگەندىن كېيىن ماڭا قانداق پوزىتىسىيەدە بولدىغانلىقى ، نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھەر خىل پەرەزلەرنى قىلغان ، ئۇنى ئاجىرىشىمەن دەپ تىرە تاراقشىتىدۇ دەپمۇ ئويلىغان ئىدىم . لېكىن ، بۇنداق ئاجىرىشش كېلىشىمنامىسىنى يېزىپ تەييار قىلىپ ، قول قويمىسام سوتقا ئەرز قىلىمەن دېيىشىنى خىيالىمغا كەلتۈرمىگەن ئىدىم . ئۇ مۇلايىم ئايال ئىدى ، ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك ۋەزنى ئېغىر گەپلەرنى قىلىپ باقمىغان . ئۇ نومۇسچان ئايال ئىدى ، ئۆيدە ئاۋازىمىز يۇقۇرراق چىقىپ كەتكەن كۈنى خوشنىلارنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىدىن نومۇس قىلىپ كېتەتتى ، ئۇنىڭ باغرى يۇمشاق ئىدى ، قىزىمىزنى يېتىم قىلىشىنى ئەسلا خالىمايتتى ، مېنى بۇنداقلا تاشلىۋېتىشىكە كۆزى قىيمايتتى . ئۇنىڭ قورسىقى كەڭرى ئىدى ، مەن بىلەن مال -مۆلۈك دەۋاسى قىلىشى زادىلا مومكىن ئەمەس دەپ ئويلايتتىم . لېكىن ، بۈگۈن ئۇنىڭ تەلەپپۇزى ، چىراي ئىپادىسى ، كەسكىنلىكى ، تەمكىنلىكى بۇرۇنقى ئۆزىگە زادىلا ئوخشىماي قالغان ئىدى . __ چولپان ، مەندىن رەنجىگىنىڭىزنى بىلىمەن ، مەن خاتالىقىنى تونۇدۇم ، بۇندىن كېيىن سىزگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارنى زادىلا قىلماسلىققا قەسەم بىرەي ، قىزىمىز يېتىم بولۇپ قالمىسۇن ،ئۇنى يەنىلا ئىككىمىز باقايلى بولامدۇ ؟ __ ھېلى ئۇ ئايالنىڭ ، ھېلى بۇ ئايالنىڭ كارۋېتىدا ئېغىناپ ياتقان ۋاقتىڭىزدا قىزىڭىزنى يېتىم قىلماسلىقنى ئويلاپ باققانمىتىڭىز ؟ قەسەملىرىڭىزنى قويۇڭ ئەركىن ، سىز ماڭا بۇنداق قەسەمنى كۆپ بەرگەن . ئاڭلىسام سەنەمجانىڭىزغىمۇ نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بېرىپتىكەنسىز ، گۈلبوستانغىمۇ ، مەھلىياغىمۇ شۇنداق قىپتىكەنسىز ، مەن بىلمىگەن يەنە كىملەرگىمۇ بەرگەنسىز ھەقىچان شۇنداق قەسەملەرنى . سىز قەسەم بېرىشكە ئۇستا ئەركىن ، بۇنى دېمىسىڭىزمۇ بىلىمەن ،__ ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ھوجرىغا كىرىپ ئىككى چاماداننى سۆرەپ چىقتى ،__ بۇ سىزنىڭ نەرسە -كىرەكلىرىڭىز ، بۇ ئۆيدە مۇشۇنچىلىكلا نەرسىلىرىڭىز قاپتۇ ، قالغانلىرى سەنەمجانىڭىزنىڭ ئۆيىدە ۋە ياكى گۈلبوستاننىڭ ئۆيىدە قالغان ئوخشايدۇ . نەرسىلىرىڭىزنى تەقلەپ قويدۇم ، ھازىرلا چىقىپ كەتسىڭىز بولىدۇ . __ چولپان ، سىز يەنە ئويلىشىپ بېقىڭ ، بۇنداق تىزلا قارار چىقىرۋەتمەڭ . __ مەن ئاللىقاچان ئويلىشىپ بولغان ، مەھلىيا ماڭا يالىڭاچ سۈرەتلىرىڭىزنى يوللىغان چاغدا ، سەنەم ماڭا ئىككىڭلارنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرگەن چاغدىلا ھەممىنى ئويلىشىپ بولغان __ بۇنداق قىلىشىڭىزنى ئويلىماپتىمەن چولپان . __ قانداق ئويلىغان ، ياشلىقىمدا خالىغانچە ئوينىسام ، ئاشنىلىرىم ياراتماي تاشلىۋەتكەن چاغدا ئايالىم مېنى باقىدۇ دەپ ئويلىغانتىڭىزما ؟ شۇنچە ئىشلىرىڭىزنى مېنى مەڭگۇ بىلمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ ، بىلسىمۇ ، نەچچە كۈن قېيداپ ، يىغلاپ توختاپ قالىدۇ ، يالۋۇرسام كەچۈرۋېتىدۇ دەپ ئويلىغانما ؟ كۆپىنچە ئاياللارغا ئوخشاش ، بالىنىڭ يېتىم بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەممە دەردىنى ئىچىدە بىلىپ ئاجىرىشىپ كەتمەيدۇ دەپ ئويلىغانمۇ يا ؟ __ ئۇنداق ئەمەس چولپان ، ئۇنداق ئەمەس ! __ ئەمسە قانداق ؟! بارلىقىنى ئائىلىسىگە ئاتىغان ئاياللار ئەخمەق كۆرۈنەمدىكەن ؟ بار ئويۇننى سىز ئوينىسىڭىز دەردىڭىزنى تارتىدىغان ساراڭمىكەن يا ؟! بىلىپ قويۇڭ ئەركىن ، زىلالە ئۈچۈن بۇ تۇرمۇشنى ھازىر ساقلاپ قالغىنىم بىلەنمۇ ، كېيىن بۇ ئىشلارنى قايتا تەكرارلانمايدۇ دېيەلەمسىز ؟ پوق يەپ كۆنگەن ئىتى خۇيىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ ، ھەممىنى ۋاقتىدا ئاخىرلاشتۇرغىنىمىز ياخشى ! چولپان گېپىنى تۈگىتىپ ھوجىرىغا ماڭدى ، ھوجىرىنىڭ ئىشىكىنى يېپىش ئالدىدا كەينىگە بۇرۇلدى : __ ئەينى چاغدا سىزنى خاتا تونۇپ قاپتىمەن ،__ دېدى .ئۇ بۇ گەپنى ناھايتى پەس ئاۋازدا دېگەن بولسىمۇ ناھايتى ئېنىق ئاڭلىدىم ، ئەمدى قايتا گەپ قىلىشنىڭ ئورنى قالمىغانىدى ، ئۇ مۇشۇ بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا ھەممىنى خۇلاسە قىلىۋەتكەن ئىدى ، ئاشۇ بىر ئېغىز گەپ سافا ئۈستىدە « مېنى چۇۋپ قايتىدىن توقۇش قولۇڭدىن كېلەمدۇ »دەۋاتقاندەك كېرىلىپ ياتقان پوپايكىنىڭ زىقلىرىدەك يۈرىكىمگە سانجىلغان ئىدى . ئاللىقاچان ئورنۇم قالمىغان بۇ ئۆيدىن كېتىشىم كىرەكلىكىنى ، چولپاننىڭ مۇز بولۇپ قاتقان يۈرىكىنىڭ ئەمدى ئېرىمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغىنىمدا يۈرىكىم ئاغىرىپ كەتتى . مەن ھېچقاچان بۇ ئۆيدىن كېتىشنى ئويلاپ باقمىغان ، ھېچقاچان چولپاننىڭ مېنى ئۆيدىن ئىتنى ھەيدىگەندەك ھەيدەپ چىقىرىشنى خىيالمىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان ھەم ھېچقاچان ئۇنىڭ بۇنداق تاش يۈرەك بولۇپ كېتىشىنى ، بۇنداق كەسكىن قارار چىقىرىشىنى ، كۆزىدىن بىر تېمىم ياش چىقارماي تۇرۇپ ئاجىرىشش كېلىشىمنامىسىنى ئالدىمغا تاشلىشىنى چۈشۈمدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم . نەزىرىمدىكى ئۇ ئاق كۆڭۈل ، مۇلايىم ، كۆيۈمچان ، ئىشچان ئىدى ، ھەر ۋاقىت تاماق ئېتىپ يولۇمغا قارايتتى ، كەچ قالسام ئۇخلىماي ساقلاپ تۇراتتى ، كىيىملىرىمنى رەت -رېتى بىلەن ئېسىپ ، پايپاقلىرىمنى يۇيۇپ ، ئاياقلىرىمنى مايلاپ تەق قىلىپ قوياتتى ، ئۇنىڭ تىنىم تاپمايدىغان ئىشچان قوللىرى ھەر ۋاقىت ھارارىتىنى يوقاتمىغان ، چىرايلىق قوشۇمىلىرى تۈۈرۈلۈپ باقمىغان ، كۈلۈشكىلا يارالغاندەك ئېغىزىدىن چىققان سۆزلەر يېقىشلىق ئىدى . لېكىن ، بۈگۈن ھەممە ھەممە ئۆزگىرىپ كەتتى ، ئۆزگەرگەندىمۇ بىر يۈز سەكسەن گىرادوس بۇرۇلۇش ھاسىل بولۇپ ، چولپان باشقىلا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى ، ئۇ مەندىن ، ئائىلىدىن ۋاز كەچتى . بۇنى كىمدىن كۆرىمەن ، سەنەمنى سۆيگەن ۋاقتىمدا بۇنداق بولۇشىنى ئويلىمىغان ، گۈلبوستاننىڭ كۆزلىرىگە تەلمۈرگىنىمدىمۇ بۇنداق بولۇشىنى ئويلىمىغان ، مەھلىيانى تولا ئويلاپ ئۇخلىيالماس بولۇپ قالغان چېغىمدىمۇ بۇنداق ئاقىۋەتكە قېلىشىمنى زادىلا ئويلىمىغان ئىدىم . چولپان ھەر ۋاقىت ھەر قاچان ھەرزامان مېنىڭ يېنىمدا تۇرىدۇ ، مەيلى ساق بولاي ساراڭ بولاي ، باي بولاي گاداي بولاي ، ياخشى بولاي ئەسكى بولاي ، ياش بولاي قېرى بولاي ...چولپان يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇرىدىغان بۇ سۈيۈملۈك ئايالىم ماڭا مەڭگۈ ھەمراھ بولىدۇ دەپ ئىشەنگەن ئىدىم . لېكىن ...بىراق ...ئەمما ...ئۇنداق بولمىدى ...ئۇ مېنىڭ قەرزلىرىمنى تۆلىشىپ بەرگىنى بىلەن ، كەينى -كەينىدىن زەربە يەپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا ھالىمدىن خەۋەر ئالغىنى بىلەن ، مەن ئۈچۈن ئىزدىنىپ ، باش قاتۇرۇپ قىيىنچىلىقىمنى ھەل قىلىپ بەرگىنى بىلەن ، بىر ئەمەس ئۈچ ئايال بىلەن مۇناسۋېتىم بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ دەردىنى ئىچىگە يۇتقىنى بىلەن ئاخىرقى ھېسابتا مەندىن ۋاز كەچتى . ئاھ ...قانداق قىلاي ...قانداق قىلاي ... ئېگىلىكىم ۋەيران بولغان چاغدىمۇ بۇنچە قاتتىق ئاغىرىمىغان يۈرىكىم ، سەنەم مەندىن ئۆچ ئالغىننى تەپسىلى سۆزلەپ بەرگەن چاغدىمۇ بۇنداق يىغلىمىغان يۈرىكىم ، ئاتا -ئانام بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كەتكەندىمۇ چولپاننىڭ تەسەللىسى مەلھەم بولغان يۈرىكىم بۈگۈن قان -قان يىغلايتتى ... چولپان ئەپچىقىپ بەرگەن چاماداننىمۇ ئالماي ئۆيدىن چىقتىم ، ھويلىدا پارقىراپ تۇرغان ئېسىل ماشىنامغا چىقىپ ئاچقۇچنى تولغاۋېتىپ توختاپ قالدىم . قىزىم بۇ ماشىنىغا ئامراق ئىدى ،مۇشۇ ماشىنىغا ئولتۇرغۇزۇپ مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇشۇمنى ياخشى كۆرەتتى ، ماشىنىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسىلا يۈگۈرۈپ ئالدىمغا چىقاتتى . ماشىننى مەن ھەيدەپ كەتسەم ، ئۇ ماشىننىڭ يوق ئىكەنلىكىنى كۆرسە كۆڭلى يېرىم بولمامدۇ ، شۇ خىيال بىلەن ماشىننىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈپ ، ئاچقۇچنى ئورنىغا قويۇپ قويۇپ ماشىنىدىن چۈشتۈم . گەرچە بۇ ماشىنا قىزىم بىلەن چولپانغا نىسبەتەن ناھايتى ئاددى تۆلەم بولسىمۇ ، مېنىڭدە ھازىرچە بارى مۇشۇ ئىدى . ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۈچ قەۋەتلىك داچىغا ئاخىرقى قېتىم نەزىرىمنى ئاغدۇرۇپ يېرىم ئېچىقلىق تۇرغان ھاۋارەڭ سىرلانغان دەرۋازىدىن چىقىپ كەتتىم . ھاۋارەڭنى كۆرۈپ ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى ھاۋارەڭ كۆينەكلىك قىز چولپان كۆز ئالدىمغا كەلدى، ئۇ قولىدا يەلپۈگۈچ تۇتقان ھالدا پىچىرلايتتى : سىزنى خاتا تونۇپ قاپتىمەن. تۈگىدى- ئاپتورى: قەلەمخان ياسىن بارلىق ئەر-ئاياللارنىڭ قولىدىكى بەختىنى قەدىرلىشىنى، پەرزەنتلىرىنى بىللە قاتارغا قوشۇشنى ئۈمۈد قىلىمەن.